Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 tewsiye: Amrikigha seper

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: tewsiye: Amrikigha seper   25.10.09 13:04

bu eserni bek yaqturdum. esli aptorgha hörmet qilish yüzisidin qismen köchürüp keldim, toloqini esli adristin oqarsiler:
esli adrisi:

eser adrisi



ئامېرىكىغا سەپەر
ئامېرىكىغا سەپەر__زىيارەتمۇ؟ رىيازەتمۇ؟

ھۆرمەتلىك دوستلار، مەن سەپەر رىيازەتلىردە ئۆتكەن ھاياتىمنى خاتىرلەپ قويۇشقا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان، لېكىن بۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشى سەۋەبلىك كۇپايىلەنگەنىدىم. ئەمما، ئۇيغۇرنى كۆرمىگىلى، ئۇيغۇرغا سۆزلەپ ئۇيغۇرچە كۈلمىگىلى ئەسىرلە بولغاندەك تۇيۇلىۋاتقان بۇ كۈنلىرىمنى يېزىپ باقاي دېدىم، ئۇيغۇرچە ھىسلىرىمغا جۆر بولغايسىزلەر. يازغانلىرىم ئۆتكەن داۋان، كەچكەن كېچىكلەرنىڭ تەجرىبىلىك ھاسىلاتلىرى، تەپەككۇر تەجرىبىلىرىمدۇر.

1. مۇشەققەتلىك داۋان__ بېيجىڭ

مەن بېيجىڭدا بەش يىل ئوقۇغان. مەن بۇ مەزگىلنى ھاياتىمغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن دېيەلمىسەممۇ يېتىلىۋاتقان ئىرادەمنىڭ چىڭىشىغا،ھاياتىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان توپ بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقىدىن شەكلەنمەيمەن. ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»،«ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، قانداق خەلق بولۇۋاتىدۇ، قانداق خەلق بولىدۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار پېقىرنى كىتابلار ئىچىگە غەرق قىلغان.
بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان « يانچۇقچى ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەندىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «خەنسۇلار ئوغرى دەپ قالمىسۇن » دېگەن ئەندىشىدە ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن ئالمايدىغان ئادىتىمنىڭ بېيجىڭدىكى بەش يىللىق ھاياتنىڭ يادنامىسى ئىكەنلىكى بېيجىڭنىڭ ماڭا باسقان خىسسيلا ئەمەس بەلكى شەكلىي تامغىسىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.(بۇ ئادەت مەندىلا ئەمەس بېيجىڭدا ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد.)
ئەسلى مەن بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمغا قايتقاندا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىكى چېغىدىلا ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرنى ئەتراپىلق ئوگتىشىنىڭ موھىملىقىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بەزى دوستلىرىمىز ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىدىن قاتتىق پەخىرلىنەتتىيۇ، نەدە، نېمىنى، قانداقراق ئوقۇۋاتقىنىدىن، بېيجىڭلىقلارنىڭ بۇ مەكتەپنى « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» (چۈنكى بېيجىڭنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى جۇڭگۇغا داڭلىق، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىغا يېقىن ) دەيدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئېدى. «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق » دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى.شۇ سەۋەبتىن پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ يېتەكلىشى، شىجائەتلىك ئىقتىسادشۇناس ئۇستازىمىز ئىلھام توختىنىڭ رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدىم. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن، ھەر يىللىق نورۇز ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان « تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىغا مىللەت مەرىپىتى، ۋەتەن ئىشقى، ھايات مۇۋەپپىقىيتى ۋە قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، جەمئىيەت قۇرۇش، گېزىت چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋاندا__ ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل داۋاندىن ئۆتەلمەيتتىم. بىللە داۋان ئاشقان دوستلارنىڭ ئەلۋەتتە، كۆز ئالدىمدىكى مۇشەققەتلىك داۋانلاردا يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىمەن.
بېيجىڭدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سەكرىتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا گۈركىرەتتى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى. دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى،« ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ ئوخشاشسىز تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان مائارىپتا،موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ قوشقا، سۆرەمگە، بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس 90-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، بۇ ئۈمىد مېنى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئۇلاشتۇردى، ئالى مەكتەپ مۇنبىرىگە باشلىدى.

2. يول قايان؟__ فورد مۇكاپاتى ۋە ئامېرىكا سەپىرىم

يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى، بۇ خۇددى بۇ كۈنلەرگە ئاتاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئاكسىيومىدەك كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ ۋەدىلىك زىيارەت شەرتى بىلەن مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدىمىزدە تۇرغانلىقىمىزنىڭ ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ بەزىلىرنىڭ پەرۋايىدا يوقلىقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى. كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى توختامسىز داۋام قىلماقتا ئېدى،بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى ئۆيۈمگە كەلگەن بۇرادەرلىرىمدىن بىرى « كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى « سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ. « سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم « سەپەر __ ئامېرىكا».
موھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بەلكىم بېيجىڭدا__ ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەندۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەبتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغاندۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە ئەۋج ئالغان « ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالى ئېدىم. ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمىگە قوشۇلمىدى. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغىمۇ ئىلتىماس سۇنسام بولماسمىش، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنسۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. بۇلاردىن فورد مۇكاپاتى مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى« نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فورتنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بىر زىيالىلىق سالاھىتىم بىلەن مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى، خەلقنى رىيال ھالىتىدىن مۇستەسنا بىر مەنزىلگە يېتەكلەشكە ئىنتىلگىنىمنى، خەلقنى يېتەكلەشتە خەلقنىڭ بىر پاچىسى بولۇپ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، خەلقنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئىدارەمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئېكىنچىلىك مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ، ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائى خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما تېرىيدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.!



_________________
ilxatérem


Eng axirqi qétim oghuzkb teripidin 31.12.09 5:27 da özgertildi, jem'iy 1 qétim özgertildi.
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
korshat
8.tomuz
avatar

Yézilmilar Sani : 325
töhpe : 615
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 34
Orni : Deutschland

YollashMawzu: Re: tewsiye: Amrikigha seper   28.10.09 4:05

bu eserni oqup miningmu burunqi kechurmishlirim isimge kilip qaldi. ichkirdiki bir sawaqdishimning bir suali hergizmu isimdin chiqmaydu. u yan'an din kelgen bolup, bu yerdiki ademler adette öngkurge töshuk kolap( 窑洞) shu yerni öy qilip turidu .shundaq turuqluq bu sawaqdishim mendin, siler mektepke at ,töge minip baramsiler ? dep sorighan idi, men tas qalghan dufu gha ussupla öliwalghili.
mana uning bilen tonushqinimghimu xili uzun boldi, mushu jeryanda uninghga uyghurni xili bildirup yurtimizni chüshendürüp qoydum.

_________________
Büyük insanlar yingi pikirlerni tartishar,
Normal insanlar Netijini tartishar,
Kichik insanlar Kishilerni tartishar.
Choqqigha qaytish Go down
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: tewsiye: Amrikigha seper   29.10.09 3:28

menmu yingi barhganda shundaq ghelite su'allarni soraydighan, bezide bekla achchiqim kiletti. bir qitim bir oruq wijik guy siler köp nersilerni yimeydikensiler, undaq bolghanda mingenglar qandaq normal yitilidu, jismani jehettin kemtüklük bolmamdu dep ketti, ademning külgisini keltürdighini, bu adash tenterbiye sinaqlirining biridinmu ötelmeytti, 800 mitirgha yügrütkende anche munche yiqilip qalatti. :-D

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
Esra
3.noruz
avatar

Yézilmilar Sani : 77
töhpe : 222
tizimlatqan waqti : 2009-06-01
Orni : Detschland

YollashMawzu: Re: tewsiye: Amrikigha seper   29.10.09 4:47

menmu eyni waqitta shanghayge til ügengili barghanda siniptiki bezi sawaqdashlirim mendin" silerning yurtta anglisam qatnash tereqqi qilmighan, kishiler tüge minip mektepke baridu deydighu" digenti, shunqilik achchiqim kelgenti. menmu " bizning yurttiki tügilerge bir xil mashina ornitilghan, hemmimizde birdin karta bolup, her qetim mektepke mangghanda kartini bu mashinigha sürkeymiz andin baridighan orunni tallisaqla tügilermu bek eqilliq baridighan orungha xatalashmay apirip qoyidu, tügining üstide internet we telfunning signali bek yaxshi, shunga mektepke barghiche tügining üstide qol kompiyotirda internette matiryal körüp mangimiz, kocha aptubusida qistilip nepes qiynilip mangghandin ming yaxshi „disem özining bundaq diginige xijil bolup ketkenti, kiyin men bizning yurtni teswirlep bergendin kiyin özimu matiyal körüp andin bizni we bizning yurtni tunughan idi. Very Happy
Choqqigha qaytish Go down
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: tewsiye: Amrikigha seper   29.10.09 18:07

mangimu deytti, mektepke qandaq barisle, at minip baramsiler digendek. menmu chandurmay, he, shundaq at bilen barimiz, yirim kün kitidu, shundaq qalaq yer, bolsa eng yaxshisi barmanglar u yerge, hich bolmighanda perzentinglarning kelgüsini oylap bolsimu birip qalmanglar dep qoyattim. elwette yaxshi gipini qilsingiz, etila yük taqisini kötürüp kilidude...

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
Sponsored content




YollashMawzu: Re: tewsiye: Amrikigha seper   

Choqqigha qaytish Go down
 
tewsiye: Amrikigha seper
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yazmilar-
Buninggha ötüsh: