Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 tewsiye: "ana-yurt" tesirati

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: tewsiye: "ana-yurt" tesirati   31.12.09 5:20

bu eser töwendiki munberdin köchürüp kilindi, bek yaxsh eserken, esli aptorning toghra chüshinishini soraymen. munber adrisi:
ulinish



«ئانا يۇرت» تەسىراتى
«ئانا يۇرت» تەسىراتى ئابدۇقادىر جالالىدىن
(زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ) ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، نېمە ئۇچۇندۇر ئۇزاق خىيال سۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم، بۇنى ھەرگىزمۇ كىشىگە يەڭگىللىك ۋە ئازادىلىك ئەكىلىدىغان ھايال دېگىلى بولمايتتى، بەلكى ئۇ، تارىخنىڭ قاتتىق تورغايلىرى، ئاچچىق ساۋاقلىرى، ئۇچ - چېكى يوق نادامەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ۋىجدان مۇھاكىمىسى ئىدى. شۇ چاغدا مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بىلەن راسا مۇڭداشقىم كەلدى. ئەپسۇس، ئۇ مەزگىلدە تارىخ تېپىشماقلىرىغا ئاشىق بوپقالغان زوردۇن سابىر ئاكا يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىستىقامەتلىرىدە ھەل قىلالمىغان تېپىشماقلىرىغا ھەقىقىي جاۋاب تېپىش ئۇچۇن تارىخنى قان بىلەن ياراتقۇچى شاھىدلارنىڭ قېشىغا كەتكەنىدى. دەرۋەقە، تارىخ بەزىدە ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئەرۋاھ تىرىكلەرنىڭ ئارزۇ ئۇزۇن بولغان كۇرەشلىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ. تىرىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىگە بولغان سېزىكلىكىنى بىلىشكەنلىرىدە، شۇنداقلا ئارزۇ چەمبەرلىرىنى ئەركىن كېڭەيتىشكە مۇمكىنلىك تاپالمىغانلىرىدا ئەجدادلىرىنى يادىغا ئالىدۇ، ئوتمۇش ئۇلارنىڭ پائالىيەت ماكانىغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا بۇرۇن ئۆتكەن ئەزىمەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنىگە باشلاپ كېلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر روھ، بىر تەن بولىدۇ؛ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن دەۋرلەر ھەم شۇ دەۋرلەرنىڭ قەھرىمانلىرى ھازىرقى تىرىكلەرنىڭ قېنى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ئوتمۇشتىكىلەرنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىدا ئۆركەش ياسايدۇ.

ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ھارارەتلىك، جەڭگىۋار قان بولسا ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى شۇنچە جۇلالىق كۈچ سۈپىتىدە كېلەچەكنىڭ سەرمايىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى سوۋۇغان، سۇس، شالغۇت قان بولسا، ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى قورۇنغان ھالدا بۈگۈنكىلەرنى تاشلاپ قاچىدۇ. چۈنكى، تارىخ چۈشەنگەنلەر ئۇچۇن ئېيتقاندا، بىر روھتۇركى، ئۇنىڭمۇ تىرىكلەرنىڭ جازالاش ياكى مۇكاپاتلاش قۇدرىتى بولىدۇ. ئوتمۇش شاھىدلىرى ھامان ئۆزىنىڭ قابىل ھەم قۇدرەتلىك ئەۋلادلىرىنىڭ قەدىمىگە مەدەتكار بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى تارىخنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. جەڭچىلەرگە خاس جاسارىتى بولمىغان لامزەللە رولچى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ قورقۇنچلۇق جەڭگاھلاردىكى رولىنى ئالغاندا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە، ھېلىقى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىمۇ لامزەللىلىك دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئىلگىرىلەش مەنىسىدىن ئېيتقاندا، تارىخىي سىمالار ھامان تېخىمۇ جۇشقۇن ۋارىسلارنىڭ مەردانە قەدىمىدىن ئوز ئەكىسىنى تاپىدۇ. قان بىلەن يېزىلغان تارىخ بولمىسا، سىياھ بىلەن يېزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر تارىخنىڭ سىياھ بىلەن يېزىلغان قىسمىغا ھالال ئېتىقاد بىلەن يۇرەك قېنى قوشۇلسا، بۇ ئاخىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان تارىخىي روھ بولۇپ شەكىللىنىدۇ.



زوردۇن سابىر ئاكا «ئانا يۇرت»نى ئولىمىغا تاپشۇرۇپ، ئۇزاپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ مەزكۇر تارىخىي روماننىڭ شۆھرىتى بىلەن باغلانغان ھالدا يارقىن بىر تارىخىي شەخسكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى بىز بۇ ئاكىمىزنى ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىدىن، شۇنداقلا زامانداشلىرى خاتىرىسىدىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولىمىز، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بىر ئارزۇنىڭ ئىگىسىگە ماس ھالدىكى شىجائەتلىك يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئىسپاتلىدى. شۇ تاپتا، مەن ئۇنىڭ تىرىكلىكتە قالدۇرغان بەزى تەسىراتلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ تۇرۇپتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، زوردۇن سابىر ئاكىدەك كۆپ كىتاب كۆرىدىغان، ئۆزىدىن ھەمىشە قانائەت تاپمايدىغان يازغۇچى ئارىمىزدا ئانچە كوپ ئەمەس. بىزدە بىرەر پارچە ئەسەرنى شۆھرىتى بىلەن ئىجتىمائىي دەرىجە ۋە مەئىشەت ئىزدەيدىغان ئەدىبلەر يوق ئەمەس. زوردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىش قىلغانلىقىنى نورمال رەۋىشتە چۈشىنەتتى - ئۆزىنى پەۋقۇلئاددە تالانتنىڭ رويخېتىگە تىزىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى «مەن بىر يازغۇچى، ئۆزۈمدە بار قابىلىيەتنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئىشقا سالساملا بولدى.» دەپ قارايتتى. بولۇپمۇ ئۇ «يازغۇچى قانداق بولمىسۇن، كۆپرەك مەھسۇلات يارىتىشى كېرەك.» دەپ تەشەببۇس قىلاتتى. ئاكىمىزنىڭ: «ئۇيغۇرلاردىمۇ ‘تىنچ دون’ بولۇشى كېرەك» دېگەن سوزى ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. «تىنچ دون» دون دەرياسى بويىدىكى كازاكلارنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئېچىنىشلىق بەدەللىرىنى ئاجايىپ چىن تەسۋىرلەپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل كازاكلارنىڭ ھەرىكىتى، ئارزۇسى ۋە ھەسرىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان يۈرىكىنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ساپ مىللىي تۇرمۇش، نازۇك تەسۋىر، ئاپتورنىڭ قويۇق ھېسسىياتى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان پۈتكۈل ئەسەر داۋالغۇپ تۇرغان بىر دېڭىزدۇركى، ئۇنىڭدا كازاكلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئايلانغان، ئۆزىدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن مىخائىل شولوخوف ئۈزۈپ يۈرىدۇ. «تىنچ دون»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سىياسىي سۇيىقەست ۋە تېررورلۇق بىلەن قاپلانغان ستالىنىزم دەۋرىدىكى بىر ئىنقىلاب بولغانىدى. ئەگەردە شولوخوفتا قورقماس يۇرەك بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ئۆزىدىكى كاتتا ئىستېداتقا تايىنىش بىلەنلا بۇگۈنكى ھەيۋەتلىك شولوخوفقا ئايلىنالمىغان بولاتتى. «ئەگەر يازغۇچى شىجائەتلىك بولمىسا ئىش تامام» دەيدۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى يۇرىي كازاكوف: «ئۇ قانچىلىك تالانتلىق بولسىمۇ، بەرىبىر پايدىسى يوق، ئىقتىدارى ئۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ.» تېما ئېىبارىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى بىزنىڭ «تىنچ دون» بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كۇرەشلىرى ساپ ئوز تىلىمىزدا ئەكس ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك، «ئانا يۇرت» رومانى بىز ئۇچۇن «تىنچ دون»" دىنمۇ قىممەتلىك. ئېھتىمال، بەزىلەر «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى «تىنچ دون» غا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغاندۇر. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش يۈزەكى سېلىشتۇرمىدىن كەلگەن. بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى نوقۇل ھالدا بەدىئىي نەتىجىلەرنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئىزاھلاش مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە ئىستىتىك قاتلىمىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق كۆرسىتەلىسىمۇ، لېكىن بۇ، ھەرگىزمۇ مىللىي قەدىرىيەتنى ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئەكس ئېتىدىغان، ئەمما ئەدەبىيات - سەنئەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشقا ئاشىدىغان جەريان. قېنى كىم چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى سىياسىي ۋە ھەربىي كۇچ ئۇستۇنلۇكىدە ئايرىپ قارىيالايدۇ؟ ئايتماتوف قىرغىز خەلقىنڭ پەرزەنتى سۈپىتىدە ئوز ئانا تىلى بىلەن خەلقىگە يۈزلەندى، رۇس تىلى بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى. ئۇ، ئوز خەلقىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ئىستەكلىرىنى جاكارلايدىغان ھەمراھسىنى رۇس تىلىنىڭ راكىتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. تىل ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە ئوز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە سىنتېزلاش شەكلى، شۇنداقلا شۇ مىللەت ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ كىرىستالى. دېمەك، تىل بىر مىللەتنىڭ ئاڭ فورمىسى. ئايتماتوف رۇس تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قىرغىز ئەدىب سۈپىتىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ئۆزىدە تىپىك نامايان قىلدى. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بېكىتىپ بېرىلمەيدۇ. مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ ئەسەرنى ياراتقان خەلقنىڭ دۇنياۋى ئورنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بىر مىللەتنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى بېكىتىدۇ. بىز «ئانا يۇرت» نى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى«تىنچ دون» دىن ئىزدىمەيمىز، بەلكى ئانا يۇرتنىڭ ئۆزىدىن ئىزدەيمىز. «يۇرت»، «ۋەتەن» چۇشەنچىلىرى نوقۇل تېررىتورىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ۋەتەن دېمەك مۇئەييەن ماكان - زاماننى بىرلىك قىلغان خەلق روھىدۇر. ئۆز روھىدىن مۇستەسنا ھالدا بىر قەۋم خەلق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالمايدۇ، دېمەك خەلق دېگەن ئۇزاق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە روھنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى. شۇنداق ئىكەن، خەلقتىن ۋە خەلق روھىدىن مۇستەسنا ھالدىكى تېررىتورىيە ئەنە شۇ خەلققە تەۋە مۇكەممەل ۋەتەن بولالمايدۇ.

«ئانا يۇرت»نىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئۆلچەملىرى دەل مۇشۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن خەلقنىڭ تەقدىرى، خۇلقى، دۇنيا قارىشى ھەمدە ئاجىزلىقىدىن ئىشلەپچىقىلىدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ياتىدىغان بۇنداق پۈتۈن مېھنەت بىزدە تەرى روياپقا چىقمىدى. لېكىن، بىز قەدىمىمىزنى ئوز چىقىش يولىمىزغا قاراپ ئارتقۇزۋېرىمىز، بىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر ئاشۇ تىنىمسىزلىقنىڭ پىشقان بىر نۇقتىسىدا كىراي ئاچىدۇ. بىز قاچاندا ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىلەرنى ئۆلچەيدىغان مۇستەقىل قىممەت ئۆلچىمىمىزنى زامانغا لايىق ھالدا قۇرۇپ چىقالايدىكەنمىز، خۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزىمىزنى ئوز ئىلكىگە ئالغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق روھىي ۋە ماددىي بايلىقى ھالال ھەم بىمالال رەۋىشتە بىزگىمۇ مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ تراگېدىيىلىك تارىخ ئەسلىمىسىدىكى گاڭگىراشلار تەكرار يۈز بېرىدۇ. «ئانا يۇرت»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشى تەبىئىي ھالدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن» رومانلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ.





تارىخنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدىكى ۋەقە يەنە بىر دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن باغلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقە باشقا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولۇپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر «يۇرت» دېگەن ئۇقۇمىغا مەركەزلەشكەن ھەيۋەتلىك بىر پۈتۈن تارىخنىڭ پائالىيەتچان ئوبرازىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. بىز ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدىن تومۇر خەلىپە، خئۇجىنىياز ھاجى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشاش ماھىيەتتىكى پاجىئەسىنى كۆرىمىز. ئۆتكۈر ئاكا «ئويغانغان زىمىن» رومانىنى تاماملىغاندا، ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى كەلگۇسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ يېزىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋەھالەنكى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنە شۇ ئىنقىلابلارنىڭ بەدئىي ئەينىكى بولغان «ئانا يۇرت»نى ئوقۇپ، تارىخ ھەققىدىكى مۇرەككەپ ئويلارغا گىرىپتار بولۇپ تۇرۇپتىمىز. تېما ئىزكىللىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» بىر تارىخىي رومان سۈپىتىدە «ئويغانغان زېمىن» نىڭ داۋامىدۇر. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنىڭ بايان ئىستىلى رۇس پروزىلىرىنىڭ تەسىرىگە خېلى روشەن يولۇققان بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئۇرۇش ھەققىدىكى تەسۋىرلەر سالماق، ۋەزمىن تۈس ئالغان. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ شىخو، جىڭ قاتارلىق جايلارنى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش جەريانىدىكى ئۇرۇشى كۆز ئالدىمىزدا ھەيۋەت، سۈرلۈك قىياپەتتە نامايان بولىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ بۇرۇقتۇرما ھاۋاسىدا شەلۋەرىگەن جاراھەت. بەزىدە بۇ جاراھەتتىن تارتۇق، ۋە بەزىدە جانغا بېرىپ تاقىلىدىغان زەرداب قالىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ رەھىمسىز تاپىنىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەرگە قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەكەلمىسۇن، ئۇلار ئۇچۇن بۇ كۆپ ھاللاردا ئاخىرقى تاللاش بوپقالىدۇ. بەزىبىر، ساختا تىنچلىق ئاستىغا كۆمۈلگەن ھاقارەتتىن ئۇرۇش ئوتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. خورلانغانلانىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن لەززەت تاپىدىغان شىجائەتلىك يازغۇچى ئۇچۇن ئېيتقاندا، ئۇرۇشمۇ بىر سەنئەتكە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇرۇشمۇ ئوز نۆۋىتىدە كۆپ نەرسىلەرنى يېڭىۋاشتىن يارىتىشقا قادىر. لېۋ. تولىستوي، مىخائىل شولۇخوف، ھېڭماۋېي ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش بىلەن دىققەتكە سازاۋەر. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا جەڭنامىلەر خېلى كوپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ، ئاشۇ خىل تېمىدىكى يازما ئەدەبىياتىمىز ئۇچۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھازىرلىغان. «ئانا يۇرت»تىكى ئۇرۇش تېمىسى بىزدە ئۇنتۇلۇپ كېتەي دېگەن جەڭنامە ئەدەبىياتىنىڭ زامانىۋى ۋارىيانتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرۇش بەزىدە چوڭ بىر تارىخىي كۈچۈنىشنىڭ بەلگىسى بوپقالىدۇ. ئومۇمەن، ئۇ، كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ھالدىكى ئىجابىي ياكى سەلبىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇرۇش مەنزىرىسى ئاپتور قەلبىدىكى باتۇرلۇق، تەۋەككۇلچىلىك، پىداكارلىق كەبىي ھەيۋەت خارەكتىرىدىن كېلىدىغان گۈزەللىككە بولغان سېغىنىشىنى ئىزھارلاپ بېرىدۇ. روماندىكى غېنى باتۇر ھېچقانداق ئىجتىمائىي نىزام ۋە ئىسكەنجىدىن تەپتارتمايدىغان، قارام كىشى بولۇش بىلەن بىرگە مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق، ساددا - تۇز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقى بىر قارىسا تومتاقلىققا ئىگە، نېرى - بېرى ئىشلارنى ئانچە ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ؛ يەنە بىر قارىسا، ناھايىتى ئىنچىكە، ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق تەبىئىتى كۆتۈرەلمەيدىغان تەڭسىزلىكلەرنى ۋە قازائى - قەدىرلەرنى كۆرسە، كۆزىگە ئاسانلا ياش ئالىدۇ، ئۇ يەنە خەلقىنڭ غۇرۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىشلاردا سەزگۈرلىكىنى يوقاتمايدۇ. غېنى باتۇر ۋىجدان يولىدىكى جەڭچى، شۇنداقلا خوتۇنپەرەس. بۇ، جىسمانىي كۈچ تېمىپ تۇرىدىغان باتۇرلاردا كوپ كۆرۈلىدىغان خۇلق دىئالېكتىكىسى. ئاپتور غېنى باتۇرنى ھەممە پەزىلەتنى ئوز ئىچىگە ئالغان، ئادىمىيلىكتىن يىراق بولغان سۇنئىي ئەۋرىشكىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان. مېنىڭچە، غېنى باتۇرنىڭ قىزىققان، قەيسەر، ئىشقىباز خاراكتېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھاياتىي كۈچىنى سەمىمىي، چىن رەۋىشتە يارقىنلاشتۇرغان.

شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەككى، غېنى باتۇردىكى خوتۇنپەرەسلىك ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋردىكى ئېتىقاتسىزلارچە سۇيۇقلۇق ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى ئەينى دەۋر كىشىلەرگە ماس ھالدا ھايالىق ۋە ئىنتىزاملىق ئىدى. زوردۇن سابىر ئاكا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى ۋە شۇ چاغدىكى جامائەت ئەخلاقىنىڭ نادىر ئەسىرى بولغان غېنى باتۇر ئۇچۇن ئاجراتقان سەھىپىلىرىدە بىر يازغۇچىغا خاس زوقمەنلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۇرىدۇ. ئۇ گويا غېنى باتۇرنىڭ قورقماس خاراكتېرى ۋە خوتۇنپەرەسلىكىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك تەسىرات بېرىدۇ. يازغۇچىنىڭ سۆيىدىغىنى ئىنسان، ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ دەرىجىسى ۋە تەبىقىسى ئەمەس. يازغۇچى ئۆزى مەستانە بولغان گۈزەللىكنى، ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى، ئالىي نىشاننى ھەتتا ﷲغا بولغان ئىلتىجاسىنى ئىنساندىن بايقايدۇ؛ شۇنىڭ ئۇچۇن يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈملۈك، زوردۇن سابىر ئاكا شىڭ شى سەيدەك جاللاتلاردىن ئەقىدە جەھەتتىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوز قەۋمىنىڭ يىراق مەنپەئەتىگە سادىق تەرەپلىرىنى يوشۇرماي كۆرسىتىدۇ. تارىخىي شەخسلەرنىڭ ساۋاقلىرىغا جىددىي قارايدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبرەت. روماندىكى سۇلايمىنوف تىپىك سەلبىي تۈس ئالغان، لېكىن ئاپتورنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۇنى ئىنسان سۈپىتىدە ئاقلاپ چۈشىنىشمۇ مەۋجۇت. دېمەك، يازغۇچى مەيلى سۆيۈملۈك بولسۇن ياكى يىرگىنچلىك بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھەربىر پېرسوناژىنى ئىنسان سۈپىتىدە چۈشەنمىگەندە، ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقى زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. زوردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ ھايات ھەققىدىكى قىممەت قارىشىنى قانداقتۇ بىر قانچە تىپىك پېرسوناژغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويمىغان، بەلكى ئۇ روماندىكى چوڭ - كىچىك بارلىق ئېلېمىنىتلارنىڭ تەكشى سىڭدۇرەلىگەن. شۇڭا، بىز روماندىكى كىچىك ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە لىللا چۈشەنچىسىگە كېلەلمەيمىز. بۇنداق ئەھۋال تولىستوي، دوستويەۋىسكىي رومانلىرىدا تازا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، رۇس پروزىسىدىكى ئوبراز يارىتىش مېتودلىرىنىڭ زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمىگە بولغان تەسىرىنى يۇقىرىقى تەرەپلەردە خېلى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدا ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرقچە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياچە پۇراق خېلى كۈچلۈك. بۇ رومانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋ. گ. ياننىڭ «چىڭگىزخان» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تەمىنى ئەسلەپ قالىمىز. مۇھەممەت ئىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى تارىخىي ھەقىقەتلەرنىڭ ئەپسانىلاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىشتە، ئۇيغۇر چۆچەكلەردىكى ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.



يازغۇچى قانداق ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس يول تۇتىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئەسەرلەرگە نورمۇھەممەد توختى ئاكىنىڭ «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» (بۇ تارىخىي ھېكايە ژورنىلىمىزنىڭ 2000 - يىل 1 - سانىغا بيسىلغان. - مۇھەررىردىن) ناملىق ھېكايىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئۇلار بەلگىلىك ئىجادىيلىق ۋە خاسلىققا ئىگە بەدىئىي يول بىلەن مۇنداق بىر سادانى ئاڭلىتىدۇ: ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئېنىق ھەل قىلالمىغان ۋە بۇ غايىنى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە پروگراممىلاشتۇرالمىغان ئىنقىلابنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولىدۇ. توشقاننى ھارۋىغا قاتسا، ھارۋىنى ئورمانغا تارتىدۇ، چاشقاننى ھارۋىغا قاتسا، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تارتىدۇ. ئەگەر توشقان بىلەن توشقاننى بىرلا ۋاقىتتا ھارۋىغا قاتسا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىزدە ھازىرغىچە يېزىلغان تارىخىي رومانلار جاۋاب بېرىدۇ.

ئوقۇرمەننىڭ سەمىگە سېلىپ ئۇتۇش زورۈركى، تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىكى ھەقىقەتلەر، جۈملىدىن ئەدەبىياتتىكى بېشارەتلەر سەگەك پىكىر ئىگىلىرىگە ئايان بولىدۇ. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ئىنسان روھىنى ئارزۇ، ئىدراك ۋە غۇرۇردىن ئىبارەت ئۇچ تەركىبىي قىسىمغا بولىدۇ. ئارزۇ بىر ئادەمنى ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئىزدىتىدۇ، ئىدراك بولسا، بۇ ئىزدىنىشتىن شارائىتقا مۇناسىپ ھالدىكى ۋاستە ھەم ئۇسۇللارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئىنساندا نان بولمىسا، نان ئارزۇغا ئايلىنىدۇ، ئەركىنلىك بولمىسا، ئەركىنلىك ئارزۇغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بەزىلەر نان كۈرىشىگە، بەزىلەر ھوقۇق كۈرىشىگە ئۆزىنى ئاتىغان بولىدۇ. بىر ئىنقىلابىي قوشۇن ئەنە شۇنداق ھەرخىل تىپتىكى ئارزۇ ئىگىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسانغا خاس سۈپەتكە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراش ئىپتىدائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ، نومۇس ھېس قىلىدۇ؛ ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرەلىسە، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسە، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ. مانا بۇ ئىنساندىكى غورۇردۇر. تارىخنى ئىنساندىكى يۇقىرىقى ئۇچ ئامىل يازىدۇ. لېكىن، تارىخنى يەكلەيدىغان بىر قىسىم ئالىي مەپكۇرىگە ئايلانغان غورۇردۇر. بىزنىڭ تارىخىي رومانلىرىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئىنقىلابلار جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ياكى پىكىرىي تېيىزلىقىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. خەلق ئىنقىلابىنىڭ مەقسىتىدىن تارتىپ ۋاسىتىسىغا قەدەر ناقابىللىقنى ئىپادىلەپ كەلگەن. شۇڭا، مەقسەت ۋە ۋاسىتىلەر كوپ ھاللاردا باشقا يەرلەردىن ئىمپورت قىلىنغان. «باشقىلاردىن ئەكەلگەن نۇقتىئىينەزەر خەتەرلىك بولىدۇ» دەپ يازىدۇ ئەنگلىيە تارىخچىسى ئاكتون: «سەن باشقىلاردىن نۇقتىئىينەزەر ئەمەس، ئۇچۇر قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. نۇقتىئىينەزەر خۇددى تەجرىبىگە ئوخشاشلا ئۆزەڭنىڭ بولۇشى كېرەك.» بۇ سۆزنى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى نۇرغۇن پاكىتلار ئەمەلىي ھالدا ئىسپاتلايدۇ. ماۋزېدۇڭ ماركسىزم -لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك ئىجادىي روھنى ئىشقا سالدى. دېڭ شاۋ پىڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىنى ئەمەس، بەلكى پەن - تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى. ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىنى بەدىئىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا يەتتى، دەپ قاراشقا تەرى بالدۇر، بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەريان كېرەك، بۇنىڭدا يازغۇچىلارنىڭ ئوز - ئۆزىنى تەربىيىلىشى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى كەيپىياتتىن قارىغاندا، كىشىلەر تارىخىي پاكىتلارنىڭ پەردازسىز ھالدىكى ئوبيېكتىپ تەرەپلىرىگە ئېھتىياجلىقتەك تۇرىدۇ. كىشىلەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇۋېلى ئەلى ئاكىلارنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ كاتتا ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولغان «ئانا يۇرت» رومانىنى ئىستىتىك ئېھتىياج ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى تارىخىي ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئېھتىياجى ئۇچۇن زۆرۈر بىلدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە چەت ئەلدە سۈرگۈندە يۈرگەن يازغۇچى ئالېكساندىر سولزجەنىتسىن: «ئىنسان ئۇچۇن سەنئەت» دېگەن نۇتىقىدا، دوستويەۋىسكىينىڭ: «دۇنيا گۈزەللىك بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قان - ياش بىلەن تولغان ئۇزۇن تارىختا گۈزەللىك كىملەرنى قۇتقۇزدى؟ دەپ سوئال قويىدۇ. گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. - دەيدۇ سولزجەنىتسىن، - لېكىن گۈزەللىك ئادەملەرنى قانداقمۇ قۇتقازسۇن. دوستويەۋىسكىي بىلەن سولزجەنىتسىن ئىنسانىيەتنىڭ يىغىسىنى بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل يول بىلەن يىغلىغان بۈيۈك يازغۇچىلار. لېكىن جىددىي تارىخىي پەيتتە، گۈزەللىكنىڭ قۇتقۇزىشىغا قاراپ تۇرۇش ھەرقانچە تاقەتلىك ئىنساننىمۇ قىيناپ قويسا كېرەك. بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇنداق ئىككى يۈزلىنىش بولۇۋاتىدۇ: بىرى، شېئىرىيەت ئىنسان پىسخىكىسىدىكى پەۋقۇلئاددە نازۇك، مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. شېئىرىيەت بۇنىڭغا شۇ قەدەر بېرىلىپ كەتتىكى، شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ تاشقى دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چولىسى تەگمىدى. ياش شائېرلار ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئىنسان روھىدىكى تۇغما زىددىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەنمەكچى بولدى. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلىۋاتىمەن، دەۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم شائېرلار ھادىسىلەرنىڭ روھىي تەرەپلىرى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمىغان ھالدا تۇرمۇشقا قارىتا تەنقىدلىرىنى ئاممىباپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنداق قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرى ئابسىتراكت بىر ئىنساننىڭ بىر خىل مۇئاقمدىكى ﷲ - توۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى. شائېر ھەرقانچە ئومۇمىيەتچىل بولىمەن دېسىمۇ، شائېرلىق ھېسىياتىدىن ئاجرىيالمايدۇ. بۇنى شائىرنىڭ ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەت بەلگىلىگەن. يۈزلىنىشنىڭ يەنە بىرى، پروزا مىللىي پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ماكرو مەسىلىلەرنى يەنى ئىنساننىڭ ئىككى دۇنياسىغا تاقالغان تاشقى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆپرەك تېما قىلدى. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنى كۆپرەك ئۆزىگە تارتتى. شېئېرىيەت سۇبيىكتىپلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك تۇر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىستىتىك ئىزدىنىشتە بولدى. پروزا ئوبيېكتىپ جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى يازغۇچى سۇبيېكتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تارىخىي، ئىجتىمائىي ئىزدىنىشتە بولدى. شېئېرىيەت بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئىستىتىك ئىزدىنىشلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى. زورۈرىيەت مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان خەقلەرنىڭ پروزىسى ئاستا - ئاستا شېئېرىي يۈكسەكلىككە قاراپ ئوز - ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ كەلدى. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى بىزدە يېزىلىۋاتقان تارىخىي رومانلار ئىچىدە بەدىئىي تۇسى نىسبەتەن يۇقىرى ئەسەر بوپقالدى. ئاپتور بەدىئىي تەلەپ بىلەن تارىخىي ئۇچۇر سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەردىن قارىغاندا، ئاپتور تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۇچۇن ئاجايىپ كوپ ئەمگەك قىلغان ۋە ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەرەپ بىزدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەدىبلەر ئۇچۇن بىر ئۈلگە. روماندا پېرسوناژلار شۇنچە كوپ، ئاساسلىق پېرسوناژلار خارەكتېر جەھەتتىن ئوز مۇستەقىللىقى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ ساندىكىلىرى تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخسلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش شەرتى بىلەن بەدىئىي سۈپەتتە نامايان قىلىش يازغۇچىدىن ھەم ئۆتكۈرلۈك، ھەم زىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دىيارىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئازادلىق كۇرەشلىرى، سان - ساناقسىز قۇربانلار، تالاي تارىخىي ئىبرەتلەر بىلەن تولغانكى، بۇ زېمىندىن پۈتكەن كېسەكلەردىن، بۇ زىمىننىڭ تاغلىرىدىن ئېلىنغان يارماتاشلاردىن ئارماندا كەتكەن مىليون - مىليون شىھىتلەرنىڭ كۆزلىرى كوزلىرى قاراپ تۇرىدۇ. ھايات ھەقىقەتلىرى ئەدەبىي ھەقىقەتلەرنى تۇغىدۇ. تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يېزىش ئىنتىلىشلىرى بىر جەھەتتىن تارىخنىڭ چاقىرىقى، يەنە بىر جەھەتتىن بىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ تەپەككۇر ئېھتىياجى.

ھەقىقىي يازغۇچى باشقىلارنىڭ ھەرخىل غەرەزدىكى تەنقىدلىرى ۋە ماختاشلىرىغا قاراپ تۇرمايدۇ، ئۇ ئۆزى يورۇتۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھەقىقەتنى تاپقان كۈندىن باشلاپ، ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىدە مىننەتسىز قەلەم تەۋرىتىشنىڭ بىر خىل نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ئوز - ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن جاكارلايدۇ. يېزىق شىرەسىنڭ ئالدىدا تۇن بويى چەككەن ئىزتىراپلار، تۆككەن ياشلار، ئېغىر پىكىرىي مېھنەتلەر ھېچكىم سەزمەيدىغان ئاجايىپ بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى باشلاپ كېلىدۇ. يازغۇچىنىڭ مۇكاپاتى ئەنە شۇ يەردە. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەسىرى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىزدىنىشلىرىدىن كۆرە، تارىخىي ھەقىقەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى كۆپرەك ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى بىلدىغان بىر مۇقەددەس سۆزگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىغانىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئابىدىسىنى بىۋاسىتە ئۆزى تىكلەپ بولۇپ، بىز بىلەن خوشلاشتى. ئۇ، مۇشۇ رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى سان - ساناقسىز رىيازەتلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئىلمىي ئىشلارغا يار - يۆلەك بولۇش ئەمەس، ھەتتا ھېسداشلىقمۇ ئاز ئۇچرايدىغان شارائىتتا، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىز پەرەز قىلالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇشى مۇقەررەر. زوردۇن سابىر ئاكا قولىمىزدىكى ئەسىر سوۋغىسى بىلەن تىرىكلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇ: بىزدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ھەققىدە نەزەرىيىۋى ئىزدىنىش باشلىنىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ۋە ئاكادېمىيەلەرنىڭ ئەدەبىياتخانلىرى تەتقىقاتنى ئۇنۋان ۋە ئىلمىي دەرىجىلەرنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالماستىن، مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسئۇلىيەت بىلەن تەخىرسىز ئىزدىنىدىغان بولۇشى لازىم. نۆۋەتتە، تارىخىي ھەقىقەت توغرىسىدىكى بەدىئىي ئىنكاسلار پەلسەپىۋى ئىنكاسلارغا ئايلىنىش، شۇ ئاساستا مۇپەسسەل تارىخ ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى تارىخىي بىلىملەر تارىخ ئىدىيىسىگە ئايلانمىغاندا، تارىخنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، ئوتمۈشتىكى تارىخىي پاجىئەلەر يەنە تەكرارلىنىدۇ.

مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2001 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى.



_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
korshat
8.tomuz
avatar

Yézilmilar Sani : 325
töhpe : 615
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 34
Orni : Deutschland

YollashMawzu: Re: tewsiye: "ana-yurt" tesirati   31.12.09 8:12

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ئىنسان روھىنى ئارزۇ، ئىدراك ۋە غۇرۇردىن ئىبارەت ئۇچ تەركىبىي قىسىمغا بولىدۇ.

تارىخىي بىلىملەر تارىخ ئىدىيىسىگە ئايلانمىغاندا، تارىخنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، ئوتمۈشتىكى تارىخىي پاجىئەلەر يەنە تەكرارلىنىدۇ.

bek peyzi gepler iken bu. ademni oygha salidiken xili.

Abdushkur Muhemmetimin wapatining 15 yilliq xatire kunigimu az qaldi, mushundaq yaxshi eserler yizilsa bek yaxshi bolatti shu waqitta.

_________________
Büyük insanlar yingi pikirlerni tartishar,
Normal insanlar Netijini tartishar,
Kichik insanlar Kishilerni tartishar.
Choqqigha qaytish Go down
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: tewsiye: "ana-yurt" tesirati   01.01.10 12:35

merhum Zordun Sabir ependining wapatidin kiyin neshir qilinghan bu esiri eyni-waqitta heqiqeten dagh-dugha qozghighanti, hetta hichqachan kitab sitiwalmighan dadammu kochidiki paranglar tesiride kitabxanigha birip sitiwalghan iken.

xuddi yuqarqi tesiratta yizilghandek bu eserning uyghur tarixida ölmes eser bolop qalidighanliqida shek yoq. shexsen, men bu yazghuchimizning eserliridin peqet "dolan yashliri(?)"namliq hikayisidin bashqa eserlirini yaqturup ketmigen idim. "anayurt" ning tuyuqsiz otturgha chiqishi bilen bu edibimizge bolghan hörmitim biraqla 1000 hesse örlep ketken idi.

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
Sponsored content




YollashMawzu: Re: tewsiye: "ana-yurt" tesirati   

Choqqigha qaytish Go down
 
tewsiye: "ana-yurt" tesirati
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yazmilar-
Buninggha ötüsh: