Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 waqitni muwapiq orunlashturush

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
korshat
8.tomuz
avatar

Yézilmilar Sani : 325
töhpe : 615
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 34
Orni : Deutschland

YollashMawzu: waqitni muwapiq orunlashturush   21.04.10 6:03



UAni arlawitip bu eserni oqup qaldim, gerche yizilghinigha hili bolghan bolsimu oqup baqmaptikenmen korup biqishqa erziydiken..


ۋاقىتنى
مۇۋاپىق باشقۇرۇش




2008-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان “ئىش ئۈنۈمى
يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى” دېگەن يازمامدا، دۇنياغا داڭلىق كوۋەي ئەپەندى
يەكۈنلەپ چىققان يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئۆز ھاياتىنى ناھايىتى
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. كوۋەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ “ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى
كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى” دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ داۋامى
تەرىقىسىدە يەنە بىر كىتاب ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 2-كىتابىنىڭ ئىنگلىزچە
ئىسمى “فىرست تھىڭس فىرست”. بۇنىڭ مەنىسى “مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش”
دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە يۇقىرىقى 7 ئادەتنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ،
بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر سېمىنار مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا بولدى.
مەن ئۇشبۇ يازمامدا “مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش” بويىچە، قانداق قىلغاندا
ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتىمەن.

“ئىگىلىك باشقۇرۇش” دېگەننى ئىنگلىز
تىلىدا “بۇسىنەسس ماناگەمەنت” دەيدۇ. ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇ سۆز بىلەن ئوخشاش
خاراكتېردىكى يەنە بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ “تىمە ماناگەمەنت”. بۇ سۆزنىڭ
مەنىسى “ۋاقىت باشقۇرۇش”. ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر “ۋاقىت باشقۇرۇش” دېگەن
سۆز ئىشلىتىلەمدۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا
ياشاۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭا گەرچە مېنىڭ بۇ
يازمىدا توختالماقچى بولغىنىم “ۋاقىت باشقۇرۇش” دېگەن مەزمۇن بولسىمۇ،
ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلۇپ قالمىسۇن، دەپ ماقالىنىڭ تېمىسىنى
“ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش” دەپ ئالدىم.

ئامېرىكىدا “ۋاقىت باشقۇرۇش” دېگەن سۆز
ناھايىتى كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ. ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى شىركەت، ئىدارە،
مەكتەپ ۋە ئورگانلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇددەتلىك ھالدا ئۆز
شىركىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك باشلىقلارنى “ۋاقىت باشقۇرۇش” جەھەتتە
تەربىيىلەپ تۇرىدۇ. مەن بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىتاب
ساتىدىغان داڭلىق شىركەت http://www.amazon.com نىڭ تور بېتىگە كىرىپ،
“تىمە ماناگەمەنت” دەپ كىرگۈزۈپ باقسام، جەمئىي 73،272 ئىزدەش نەتىجىسى
چىقتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ “ۋاقىت باشقۇرۇش” قا نەقەدەر كۆڭۈل
بۆلۈدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرنىڭ
مابەينىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشى ئىنتايىن
ئاجىز بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ “بىز قانداقلارچە
ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق” دېگەن يازمىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

نەقىل: 1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن
فىنلاندىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەئىم) ئۆزىنىڭ
كۈندىلىك خاتىرىسىدە: “ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا
تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن- كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي
دېمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى
قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويۇۋېلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە
نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ”، دەپ خاتىرىلەنگەن.
بۇ ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.meripet.com/Academy/NaxshaUsulMilliti.htm

ئىنگلىزچىدا مۇنداق بىر سۆز بار: “تھە
گوئود ئىس ئوفتەن تھە ئەنەمي ئوف تھە بەست” بۇنىڭ مەنىسى “ياخشى بولۇش
كۆپىنچە ھالدا ئەڭ ياخشى بولۇشنىڭ دۇشمىنى بولىدۇ.” ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى كەڭ،
يىمەكلىكى مول، ئۆز يۇرتىدىن سىرتقا چىقماي ياشىغاندا ئۆز-ئارا
رىقابەتلىشىشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوق بولغاچقا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ
يېرىمىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشىنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزلىرى ئۈچۈن
ئانچە بىلىنمىگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش باشقىلارغا بېقىندا
بولماي، باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمەي، داۋاملىق ھەر خىل بېسىملارغا
ئۇچرىماي، ئۇخلاش ۋە يېيىش جەھەتتىكى ماددىي تۇرمۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ،
راھەت ۋە خۇشال-خۇرام ياشىغىلى بولغان بولسا، چوقۇم ۋاقىت كۆز-قارىشىنى
ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىۋېرەتتى. ئەمما، رىئائاللىق شۇكى، يېقىنقى يېرىم
ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى شىددەتلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ،
ھازىر چوقۇم باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمىسە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىپ
قويىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى. مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھازىر ئۇرۇمچى
قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز- قارىشىدا ناھايىتى چوڭ
ئۆزگىرىشلەر بولىۋېتىپتۇ. لېكىن، ئۆز پەرىزىمچە ئۇيغۇرلاردا “ۋاقىت
باشقۇرۇش” تېخىچە بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگىنى يوق. يۇقىرىدا تىلغا
ئالغىنىمدەك، “ۋاقىت باشقۇرۇش” قا ئائىت ئىنگلىزچە كىتابتىن 17 مىڭدىن
كۆپرەكى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچىسىدىن قانچىسى بار؟

مەن بۇ بىر ماقالىدە “ۋاقىت باشقۇرۇش”
ئىلىمىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مېنىڭ بۇ يەردە
تونۇشتۇرىدىغىنىم كوۋەي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان “مۇھىم ئىشنى ئالدىدا
قىلىش” ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە
كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پايدىلانسا، چوقۇم ياخشى ئۈنۈم قازىنالايدۇ، دەپ
ئويلايمەن. بۇ بىلىملەرنىڭ ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇد بولۇپ
تۇرغان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى مەسىلىنى توغرا تونۇپ يېتىش، شۇنداقلا پۈتۈن
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ
ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

1. سائەت بىلەن كومپاس

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە “ئالدىرىغان يولدا
قالار” دېگەن ماقالنى ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاساسەن بولمىسا كېرەك. مەنمۇ بۇ
سۆزنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدىلا ئاڭلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن
ئېسىمدىن چىقىرىپ باقمىدىم. ئىش قىلغاندا ئىزچىل تۈردە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت
بېرىپ، سۈرئەت قوغلىشىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مەن بۇرۇن بۇ سۆز توغرىسىدا
ئانچە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن
ئىزدىنىپ ماتېرىيال كۆرۈش جەريانىدا، بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىلمىي
ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى “ئالدىراش” دېگەن سائەت، ۋاقىت، ۋە ئىش
قىلىش سۈرئىتى دېگەنگە قارىتىلغان بولۇپ، “يولدا قېلىش” بولسا بىر ئىشنى
قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ياكى نەتىجىگە قارىتىلغان. نۇرغۇن
كىشىلەر ھاياتنى سائەتكە ئوخشىتىدۇ. ۋاقىتنى ئىش قىلىش سۈرئىتى ئاساسىدا
قەدىرلەيدۇ. لېكىن، ۋاقىت بىلەن ئىش قىلىش سۈرئىتىگە قارىغاندا ئەڭ
ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ۋە نەتىجە تېخىمۇ مۇھىم. كومپاس بىر ئىشنى قىلىپ
ئېرىشكەن ئۈنۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ بىر ئىشنى قىلىشتىكى يۆنىلىش،
مەقسەت، دانالىق، توغرا ھۆكۈم، ۋە تەڭپۇڭلۇق چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كومپاسنى قەدىرلەيدىغان ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ
قىممىتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن: “مەن ھازىر ئۆز ۋاقتىمنى
ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەنمۇ؟ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلار قايسىلار؟ بار
ۋاقتىمنى ئاشۇ مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن قانچىلىك سەرپ قىلىۋاتىمەن؟ ھازىر
قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ مەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك پايدىسى
بار؟” سوراپ تۇرىدۇ. ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋاتقان ۋاقتىنى
ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، پۈتۈن ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئەھمىيەتلىك
ئىشلارغا قارىتىدۇ.

ياخشى تەربىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ئاڭ
ئادەم ئۈچۈن بىر ئىچكى كۆزەتكۈچى ۋە يول باشلىغۇچى سىستېمىسى بولۇش رولىنى
ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئىشنى ئۈنۈملۈك قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم “سائەت”
ئۇقۇمى ئاساسىغا قۇرۇلغان روھىي دۇنيادىن قۇتۇلۇپ، “كومپاس” ئاساسىدىكى
روھىي دۇنيانى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىشنى قارىغۇلارچە تەز قىلىش، ياكى
“ئالدىراش” ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن
قارىغاندا، قىلغان ئىشىنى ئانچە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ياكى
“يولدا قالىدۇ”. سۈرئەت قوغلاشماي ئۈنۈم قوغلىشىش ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشقىمۇ
ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشكىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى
قىلغان ۋاقىتتىمۇ سۈرئەت قوغلاشماسلىقىڭىز كېرەك.

2. ۋاقىت ماترىتساسى ــــ پائالىيەتلەر

كوۋەي ئەپەندى كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى
بىر ۋاقىت ماترىتساسىدىكى 4 كۇئادراتقا بۆلگەن. بۇ يەردىكى “ماترىتسا”
بىلەن “كۇئادرات” دېگەن سۆزلەر ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى بولۇپ، ئۇنى ئانچە
چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئوقۇرمەنلەر “بىر 4 كۇئادراتلىق ماترىتسا” دېگەن سۆزنى
“بىر 4 كاتەكلىك جەدۋەل”، دەپ چۈشەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن بۇ ماترىتسانى
1-رەسىمدە چۈشەندۈردۈم. ئوقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن
بۇ رېسىمدىكى ھەر بىر كۇئادراتنىڭ مەزمۇنىنى قايتا تىزىپ چىقىمەن:

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار

قىستاپ كەلگەن ئىشلار
كىرىزىسلار/قورقۇنچلۇق ئىشلار
پۈتتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىشلار

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار

ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى
مۇناسىۋەت ئورنىتىش
پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش
سىستېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش
كەسپىي بىلىملەر ئىگىلەش
كۆڭۈل ئېچىش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار

ئورۇنسىز كاشىلا ئىشلىرى
ھاجەتسىز دوكلاتلار
مۇھىم ئەمەس يىغىن ۋە تېلېفونلار
باشقىلارنىڭ كىچىك ئىشلىرى
كەڭ تارالغان ئىشلار

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس
ئىشلار

ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار
ئالدىراش ئىشلار
مۇناسىۋەتسىز تېلېفونلار
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلار
“قۇتۇلۇش” ئىشلىرى
چېكىدىن ئاشقان تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت

ھەددىدىن ئارتۇق ئارام-ئېلىش



1-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي
ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۇرىدىغان تۆت كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ 2خ2 ئۆلچەملىك
ماترىتسا بىزگە جىددىيلىك چۈشەنچىسى بىلەن مۇھىملىق چۈشەنچىسىنىڭ
مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىمىزنى
قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ماترىتسانى
تولۇق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن
ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىڭىز
كېرەك. يەنى سىز ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىنقى يازمامدىكى 7 ئادەتنىڭ
ئىچىدىكى 2-ئادەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ئوبدان قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر
ئۇنداق قىلمىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلار مۇھىم ئىشلار، قايسى
ئىشلار جىددىي ئىشلار ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيسىز.

بىرىنچى رەسىمدىكى ماترىتسا سىز ۋاقىت
سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى 4 كاتېگورىيىگە ئايرىپ بېرىدۇ. بىرىنچى
كۇئادراتتىكى ئىشلار ھەم جىددىي ھەم مۇھىم ئىشلار بولۇپ، ئۇلار سىز چوقۇم
قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق سىز
كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلىشالايسىز ياكى ئۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شۇڭا ئۇلار
مۇھىم ئىشلار. سىز بۇ ئىشلارنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولمىسىڭىز
بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار جىددىي ئىشلار. مەسىلەن، بۇ يىل يازدا ئالىي مەكتەپكە
ئىمتىھان بېرىش.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى قالغان 3
كۇئادراتقا قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدە ئوبدان ئويلانمىسىڭىز بولمايدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر “جىددىي” دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن
3-كۇئادراتقا ئاسانلا كىرىپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلار سىزنىڭ
ۋاقتىڭىزنى يېگەن بىلەن سىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزگە ھېچ بىر
تۆھپە قوشمايدۇ. ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن
ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنىڭ 2-كۇئادراتتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
پىلانلاش، تەييارلىق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، كىتاب
ئوقۇش، كەسپىي بىلىمىنى كېڭەيتىش، ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش
قاتارلىقلار مۇشۇ كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ بىر قىسىم مىساللىرىدۇر.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسى ئاساسىدىلا
2-كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىشتا ھالقىلىق رول
ئوينايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلاردىن
ھەقىقىي تۈردە پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 1- ۋە
2-ئادەتنى ئوبدان يېتىلدۇرىشىڭىز كېرەك. يەنى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 3- ۋە
4-كۇئادراتتىكى ئىشلارغا “ياق” دەيدىغان بىر كۈچلۈك كىشىلىك خارەكتېرنى
يېتىلدۈرىشىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تولۇق ۋە توغرا
بايقاپ چىقىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىسىڭىز يۇقىرىقى 4 كۇئادرات مەۋجۇد
بولمايدۇ.

مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىر
قىسمىنى 70-يىللاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئويلاپ چىققان
بولۇپ، ئۇلار: (1) دۇنيادا قانچىلىك ئوقۇش بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى
ئوقۇش، (2) ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، (3) بىر
بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت 3 ئىش ئىدى. بۇ قېتىم مۇشۇ ماقالىنى
يېزىۋېتىپ، 1986-يىلى مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بىلەن
ياپونىيىدە بىرگە بولغاندا ئۇ كىشى ماڭا دېگەن مۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە
كېلىپ قالدى: “بىر ئەر كىشى ئۈچۈن مۇھىم نەرسىدىن ئۇچى بار: بىرىنچىسى
بىلىم، ئىككىنچىسى پۇل، ئۈچىنچىسى بىر ياخشى خوتۇن.” يەنى، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن
ئويلاپ تاپقان مۇھىم ئىشلار بىلەن تەخمىنەن 15 يىلدىن كېيىن ئابدۇشۈكۈر
مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىدىن ئاڭلىغان مۇھىم ئىشلار بىر-بىرسىگە يېقىن
چىقىپتۇ. مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمدىن ھاياجانلىنىپ، شۇ كۈنى
ئاخشىمى بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۇخلىيالماي قالدىم.

بىزگە سېمىنار بەرگەن مۇتەخەسسنىڭ
ئېيتىشىچە، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر 75% ۋاقتىنى
2-كۇئادراتقا، 20% ۋاقتىنى 1-كۇئادراتقا، پەقەت 5% ۋاقتىنىلا 3-كۇئادراتقا
سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، 4-كۇئادراتقا ئاساسەن ۋاقىت سەرپ قىلمايدىكەن.

3. ۋاقىت ماترىتساسى ــــ نەتىجە

يۇقىرىقى 4 كۇئادراتتىكى ئىشلار كەلتۈرۈپ
چىقارغان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەن 2-رەسىمدە ھەر بىر كۇئادراتقا ماس
كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ مىساللىرىنى تىزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرگە ئاسان
بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن 2-رەسىمدىكى نەرسىلەرنى يەنە بىر قېتىم تىزىپ
چىقىمەن.

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار

كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلىش
قاتتىق ھېرىپ كېتىش
ئەندىشىگە پېتىش
قىيىن مۇناسىۋەتلەرگە دۇچ كېلىش
سالامەتلىكى ناچارلىشىش

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار

يىراقنى كۆرۈش
توغرا ھۆكۈم چىقىرىش
ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش
ياخشى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش
مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىكتە ياخشى بولۇش
خىزمەتتە ئۆسۈش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار

ئىشنى باشقۇرالماي قېلىش
تىت-تىت بولۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش
خىزمەتتە چەكلىمىگە ئۇچراش
باشقىلار بىلەن سۈركىشىش
نارازىلىق قىلىش
باشقىلارنىڭ قۇربانى بولغاندەك ھېس قىلىش

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس
ئىشلار

مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش
باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش
ۋاقىتقا ئىچ ئاغرىتىش
ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش



2-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي
ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان تۆت
كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.
ئەگەر يۇقىرىقى تىزىملىكنى ئوبدان تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مۇنداق بىر
خۇلاسىگە كېلىمىز: 1-كۇئادراتتىكىسى زۆرۈر ئىشلار. 2-كۇئادراتتىكىسى ئۈنۈم
بېرىدىغان ئىشلار. 3-كۇئادراتتىكىسى ئادەم گوللايدىغان، ئادەمنى قۇربان
قىلىدىغان ئىشلار. 4-كۇئادراتتىكىسى بولسا ئىسراپچىلىق ھېسابلىنىدىغان
ئارتۇقچە ئىشلار.

4. تۆت ناچار ئادەت ۋە 3 مۇھىم ئىش

مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلىشىمغا، بۇ
يىلنىڭ بېشىدا بىر توردىشىمىز بىلىك مۇنبىرىدە سورىغان مۇنداق سوئاللار
تۇرتكە بولدى: “مەن قانداق قىلىمەن؟”، “بىز قانداق قىلىمىز؟”. بۇ
توردىشىمىزنىڭ سوراۋاتقىنى “بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟”
دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىر مەسىلىنى ھەل
قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنى نېمە
كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقى
سوئالنى كۆرگەندىن كېيىن، مەندە ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر
فورمۇلالاشتۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. مەن چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان،
ئۆزۈم كۆرگەن، ئاڭلىغان، ۋە ئوقۇغان نەرسىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ
ھازىرقىدەك بىر قىسىم ناچار پسىخىكا، روھىي ھالەت، مىجەز ۋە
ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە قاچاندىن باشلاپ شەكىللىنىشكە
باشلىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ
كەلدىم. ھەمدە يېقىندا بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بەزى
چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئالدىنقى يازمامدا ئازراق بايان قىلدىم.
شۇڭا ئۇنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. ئەگەر بىز ھازىرقى ئۇيغۇر
جەمئىيىتىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، باشقىلار ئەمەس ئۆزىمىز
كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىر ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزىۋاتقان
چوڭ ناچار ئادەتلەردىن مۇنداق تۆتنى بايقىيالايمىز:
1) كىتاب ئوقۇماسلىق
2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق
4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىش
تۆۋەندە مەن بۇ 4 ئادەتنىڭ ھەر بىرسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئوتىمەن.

1) كىتاب ئوقۇماسلىق. بۇ ئىش توغرىسىدا
كۆپ سۆزلىمىسەممۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بىرسى بىر
كىتاب يېزىپ ئېلان قىلسا، ئۇنىڭدىن ئاران 3 مىڭدىن 5 مىڭ دانىغىچە
سېتىلىدىكەن. ئون مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت
ئۈچۈن بۇ بىر نومۇس قىلىدىغان ئىش. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق
يازما “سۆھبەت” تىمۇ بىر ئاز توختالغان. بۇ قېتىم بۇنىڭدىن كۆپ
توختالمايمەن.

2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ۋە ئامراق، ھەمدە ئويۇنخۇمار ۋە
مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك،
ئەگەر ئۇيغۇرلار يوقاپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچار بولماي، دۇنيادا بىر ئاز
يۇز-ئابرويغا ئىگە ھالدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولغان بولسا، يۇقىرىقى
ئەھۋال ھەرگىزمۇ بىر ئەيىپلەشكە تېگىشلىك ئىش بولالمايتتى. لېكىن، ھازىرقى
رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرنىڭ قايسى دەرىجىدە
ناچار ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ناخشا-ئۇسسۇل ۋە
سورۇن پائالىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتقان ئىنتايىن نامۇۋاپىق
ئورنى ۋە ئويناۋاتقان زىيانلىق رولى توغرىسىدا يالقۇن رۆزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ
“بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟” دېگەن ماقالىسىدە
ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ ماقالە
http://www.meripet.com/Academy
دېگەن تور بېتىدە بار بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ
چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. ھازىر مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن ياكى چەت
ئەلدە بولسۇن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئايىغى چىقماستىلا
ئۇسسۇل ئويناشنى دوراشنى باشلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىنىدۇ، ھەمدە
ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. شۇنداق، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈدىغىنى سىزنىڭ ۋە
باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بولغاندىكىن، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ
ئاڭلايدىغىنى سىزنىڭ “ئويناڭ بالام ئويناڭ” دېگەن دەۋىتىڭىز بولغاندىكىن،
بالىڭىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بولىدۇ. ئاق
تەنلىكلەر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورنىدا بالىلىرىغا ئاشۇنداق كىچىك
يېشىدىلا قايسى ئىشنى ئۆگىتىدۇ، بىلەمسىز؟ كىتاب ئوقۇشنى! بەزى ئانىلار
قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن كىتاب ئوقۇپ
بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر بىر كىچىك شەھەرلەرگە سېلىنغان شەھەر
كۇتۇپخانىلىرىغا بارسىڭىز، نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئانىلارنىڭ 5 ياشتىن كىچىك
بالىلىرىنى شۇ يەردە بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بەزىلىرى بالىلىرىغا
كىتابنى ئۆزى ئوقۇپ بېرىدۇ. بەزىلىرى بولسا كىتابنى بالىسىغا ئوقۇتۇپ، ئۆزى
يېنىدا چۈشەندۈرۈپ ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ بېرىپ قاراپ
ئولتۇرىدۇ. ياپونلۇق ئانىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەت ئىككى: بالا
تەربىيىلەش ۋە ئېرىنى كۈتۈش. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئولتۇرۇش ئاساسەن
يوق بولۇپ، ئۇ ئانىلار ئۆمۈر بويى ئولتۇرۇش ۋە مېھماندارچىلىققا ئاساسەن
بېرىپ باقمايدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقى ساپاسى بىلەن مىللىي روھىي مانا
مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. سىز بالىڭىزغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇسسۇل
ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز بالىڭىز ئۇسسۇلغا ۋە باشقا ئويۇنغا ئامراق، ئۇلاردىن
ئىنتايىن ھوزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. توپ ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز توپقا
ئامراق ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى
ئۆگەتسىڭىز بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسا تۇرالمايدىغان، بىر ئاز كىتاب ئوقۇمىسا
ئاخشىمى ئۇخلىمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ: ئاخىرىدا قايسى
خىلدا چوڭ بولغان بالا ئۇتۇپ چىقىدۇ؟ مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا
تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، تېلېۋىزوردا كىچىك بالىلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ۋە
ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنى كۆپ قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىلىم
مۇسابىقىسىمۇ بارمۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆگىنىۋاتقان
ئۇسسۇل بىلەن ناخشىلىرى يېتىشمەمدىكەن؟ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا
باشلانغان بىر دەۋرنى خەلقئارادا “سانائەت دەۋرى” دەپ ئاتايتتى. ھازىرقى
دەۋرنى بولسا “بىلىم ئىشچىلىرى دەۋرى” (ئىنگلىزچە “كنوۋلەدگە ۋوركەر ئاگە”)
دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار قايسى دەۋەردە ياشاۋاتىدۇ؟ “مېھماندارچىلىق سورۇن
دەۋرى” دە دېسەك توغرا بولامدۇ؟ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھازىر مۇتلەق كۆپ
ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئولتۇرۇش-مېھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان
ۋاقتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، بۇ ھادىسىنى مۇۋاپىق
تەسۋىرلەش ئۈچۈن مەن ھازىر “قالاقلىق” دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بالا
تەربىيىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن ئاز.

ناخشا-ئۇسسۇل ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى
تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان بىر نەرسە، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى
ساقلاپ قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس. شۇنداق
بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردىن ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرى كۆپلەپ چىقسا، ھەمدە بۇ
چولپانلار پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنسە، ئۇلار ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتالىشى
ھەقىقەتەن مۇمكىن. ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشمۇ ناھايىتى
مۇھىم. لېكىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈپ
بېرەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر مىللەتنى پۈتۈن دۇنيا تونۇغان بىلەن،
ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئېتىبارغا ئىگە بولۇشى، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن
قەدىرلىنىشى ناتايىن. مەسىلەن، سىگانلارنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ، لېكىن
ئۇلارنى ھېچ كىم كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ
بايلىرىدىن بىر قانچىسى بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىمۇ غەرب ئەللىرى ئانچە كۆزگە
ئىلمايدۇ. سەۋەبى ئۇلاردا پۇل بولغىنى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئىنسانلار
جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقۇدەك قۇدرەت يوق.
ياپونلۇقلار نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئۇلارنىڭ
ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. يەھۇدىيلار بىر كىچىك مىللەت بولغىنى بىلەن،
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە
قوشۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا غەرب ئەللىرى ئۇلارنى خېلى ئەتىۋارلايدۇ
(يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتايىن ناچار تەرەپلىرى، ھەتتا ئىنسانلارغا قىلغان جىنايى
ئىشلىرىمۇ خېلى كۆپ، لېكىن ئۇلار مەن بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان
ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، ئۇلار ئۈستىدە توختالمايمەن).
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل ۋە سورۇن
پائالىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا
ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا
تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىغاندا، ئوز
مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن تېخىمۇ بەكرەك زورۇردۇر.

مەن ئۇيغۇر ئولتۇرۇشى مەسىلىسى ئۈستىدە
بۇرۇنمۇ ئازراق توختالغان. قىزىقىدىغانلار ئۇنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن
كۆرسە بولىدۇ (يازما سۆھبەت 2-قىسىم 12-سوئالنىڭ جاۋابى):
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=2916&extra=&page=5

3) ئۇيۇشالماسلىق. مەن ئالدى بىلەن
ئوقۇرمەنلەرنى مەمەتئېلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ “قوش مەسچىت” دېگەن ئەسىرىنى بىر
ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.bilik.cn/dpindex.php?pagetype-bbsthread-a-tid-17004.html

مەن بۇنىڭدىن 6-7 يىل ئىلگىرى، بىر
غەرپلىك تارىخشۇناس يازغان ئىنگلىز تىلىدىكى تارىخ كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم.
بۇ كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان
ئارىلىقتىكى تارىخى يېزىلغان ئىكەن. مېنىڭ شۇ كىتابنى ئوقۇپ ئېسىمدە
قېلىشىچە، ئاشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىم تۇرغان گومىنداڭ
ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشمايدىكەندۇق (ئەگەر مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى
خاتا بولغان بولسا، توغرىسىنى بىلىدىغانلار مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىسىدا
ئەسكەرتىپ قويغان بولسا). مەن كىتابنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىنتايىن
ھەيران بولغان ئىدىم: 30 مىڭ ئەسكەر قانداق قىلىپ نەچچە مىليون ئۇيغۇر
خەلقىنى شۇنچە ئۇزاق بېسىپ تۇرالىغاندۇ؟ مېنىڭ كېيىن چۈشىنىشىمچە، گومىنداڭ
ئەسكەرلىرىنىڭ ئاشۇنداق قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى،
يۇقىرىقى “قوش مەسچىت” دېگەن ئەسەردە بايان قىلىنغان، بىرلىشىپ دۈشمەنگە
قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ ئورنىغا “ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق” دەپ ئۆز-ئارا پاش
قىلىشىپ، ئۆز-ئارا ئورا كولىشىپ، ئۆز-ئارا قەستلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى
تەڭ ھالاك بولغانلىقى ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق،
بىرلىشىپ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق ئەھۋالى ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر.
بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ، چەت ئەلدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد، بۇ ناچار
ئادەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.

4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنى مېھماندارچىلىق
بىلەن ئىسراپ قىلىش. بۇ ناچار ئادەت توغرىسىدا شەبنەم مۇنبىرىدىكى “تويۇڭنى
چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل” دېگەن ماقالە بىلەن يۇقىرىقى “بىز
قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟” دېگەن ماقالىدا
يېتەرلىك مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئالدىنقى ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-49315.html

شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە كۆپ توختالمايمەن.
مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل بىلەن ۋاقىتنى سورۇن پائالىيىتىگە ھازىرقىدەك
سەرپ قىلىشى، “ناچار ئادەت” دەرىجىسىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ، “يۇقىرى
دەرىجىلىك قالاقلىق” دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، دېسىمۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇلى بىلەن ۋاقتى ئاساسەن سورۇن پائالىيەتلىرى بىلەن
تۈگىگەنلىكتىن، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەشكە ۋاقتى بىلەن پۇلى يوق، ئۆزى
كىتاب ئېلىپ ئوقۇيدىغانغىمۇ ۋاقىت بىلەن پۇلى يوق، بالىلىرىمۇ ياخشى
تەربىيە كۆرەلمەي، ئۆزلىرىمۇ “ھەرىنى بىلەپ تۇرۇش” ئىشى بىلەن
شۇغۇللىنالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانىغا ئايلىنىپ،
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى
ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تەرەققىي تاپقان مىللەتلەردە ھەممىدىن بەك ئومۇملاشقان
ئادەت كىتاب ئوقۇش ئادىتىدۇر. سورۇن مەدەنىيىتى ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ
پرېزىدېنتى، پارلامېنت ئەزالىرى، بىلل گايتىسكە ئوخشاش كارخانا چولپانلىرى،
سپورت چولپانلىرى، كىنو چولپانلىرى، ۋە سەنئەت چولپانلىرىنىڭ كۆپلىرى
مۇددەتلىك ھالدا يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ،
ياش-ئوسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپى توغرىسىدا سۆزلەپ
بېرىپ، ئۇلارنى كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، ئىلىم-پەننى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە
ئۆزلىرىدەك ئادەم بولۇپ چىقىشقا قىزىقتۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھەر ئايدا
نەچچە قېتىم ئەتراپتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن
ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا كائىنات بىلىملىرى ۋە كائىناتنى
تەكشۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدا بىلىم سۆزلەپ، ئۇلارنى كىچىك ۋاقتىدىن
باشلاپلا تەبىئىي – پەن ۋە ئېنجېنىرلىك كەسىپلىرىگە قىزىقىدىغان قىلىشقا
يېتەكلەيدۇ. مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كۆپ گەپ قىلماي. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى
ئەھۋالىغا ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ.

ئەگەر بىز باشقىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان
تەسىر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى
كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، يۇقىرى
سۈپەتلىك لىدېرلارنىڭ كەملىكى ۋە ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلار مىللىي
روھنىڭ باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ
يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەت،
ئەخلاق،، تىل ۋە دىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنىڭ
ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتگە دۇچ كېلىشىگە بىلىپ-بىلمەي يول قويۇپ
بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا
ئېلىنغان 4 ناچار ئادەتنى يوقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن
قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلاردىن تۆۋەندىكى 3 ئىشنى ھېس قىلدىم:

مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى
ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش

بۇ ئىشلار “بىز قانداق قىلىمىز” دېگەن
سوئالغا جاۋاب بولىدىغان، يۇقىرىقى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا تەۋە
بولغان مۇھىم ئىشلاردۇر. مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىقى 4 ناچار
ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن. مەن
ئەسلىدە يۇقىرىقى 3 مۇھىم ئىشقا “زامانغا ماسلاشقان ئالىي سۈپەتلىك
لىدېرلارنى يىتىلدۇرۇش” دېگەن 4-ئىشنى قوشۇشنى پىلانلىغان ئىدىم. كېيىن
ئويلاپ باقسام، مىللەتنىڭ ساپاسى ئۆسۈپ، مىللىي روھى ئۇرغىسا، ھەمدە لىدېر
ۋە داھىي يېتىشىپ چىقىش ئۇچۇن زۆرۈر بولغان شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلسە،
ئۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا بىر قىسىم ئالىي سۈپەتلىك لىدېرلارمۇ چىقىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىر ئايرىم ئىش قاتارىغا كىرگۈزمىدىم.

5. ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەكلىپ

ھىندىستاننىڭ ھەمدە ھىندىستان مۇستەقىللىق
ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر داھىيسى ماھاتما گەندى مۇنداق دەيدۇ: “بىز
قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىز قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دۇنيا
مەسىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەل قىلىۋېتەلەيدۇ.” بۇ سۆز ماڭا
نىسبەتەن خۇددى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىيىلگەندەكلا تۇيۇلدى. يەنى، ئەگەر بىز
ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى
تېپىپ چىقىپ، شۇ تېپىپ چىققان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، بىزنىڭ ھەممە
مەسىلىلىرىمىز ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى. بۇ يازمىدا ھازىرغىچە بايان
قىلغان نەرسىلەرنى ئىككى ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: مەركەزلەشتۈرۈش
ۋە ئىجرا قىلىش. مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز بارلىق دىققىتىمىزنى “مۇھىم
ئىشلار” غا مەركەزلەشتۈرۈش بولۇپ، “ئىجرا قىلىش” دېگىنىمىز ئاشۇ مۇھىم
ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى 4
چوڭ ناچار ئادىتى بىلەن 3 چوڭ مۇھىم ئىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بۇ ناچار
ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇھىم ئىشلارنى تەدرىجىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ستراتېگىيىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئېنىق
ستراتېگىيەنىڭ بولۇشى بىر ئىش، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلگە
ئاشۇرۇش يەنە بىر ئىش. يۇقىرىقى نەرسىلەرنى مەن دېمىسەممۇ بىلىدىغانلار
ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ بۇرۇن ئوتكەن دانىشمەنلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق
ستراتېگىيىنى تەپسىلىي ئويلاپ چىققان ۋە ئوتتۇرىغا قويغانلاردىنمۇ كۈرمىڭ
تولا. ھازىرقى گەپ، “بىر ئىشنى بىلىپ ئۇنى قىلماسلىق، ئۇنى بىلمىگەنلىك
بىلەن باراۋەر” دىن ئىبارەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ، مۇھىم
ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ
نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياشلىرى باشلامچى بولۇشى كېرەك.
ھەمدە ئىشنى ھازىر ئەمدى تۇغۇلۇۋاتقان ۋە يېشى كىچىك بالىلاردىن باشلاش
كېرەك. مەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىنى
سورايمەن: “ھازىردىن باشلاپ مەن سورۇن پائالىيىتىمنىڭ يېرىمى تاشلاپ،
ئۇنىڭدىن ئىقتىساد قىلغان ۋاقىتنى بالا تەربىيىلەشكە ۋە كىتاب ئوقۇشقا
ئىشلىتەلەيمەنمۇ؟” مەن بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ
ئانچە يۇقىرى ئەمەس. مەن پەقەت بوش ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سورۇن
پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنىلا بالا تەربىيىسى ۋە
كىتاب ئوقۇشقا ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ، دېدىم. ئالدى بىلەن مۇشۇنى ئۆلچەم
قىلىپ تۇرۇپ ئىش باشلىسىڭىز، مېنىڭچە چوقۇم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
ئۇزۇن مۇددەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى بالىلارنى
سورۇنغا ئامراق ئەمەس، كىتابقا ئامراق قىلىپ يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداق
قىلالىساق، بىز ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ھەل قىلالايمىز.

مېنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىغا بېرىدىغان
تەكلىپىم مۇنداق: ئالدىنقى يازمامدا تونۇشتۇرغان، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم
بىلەن قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ 4 قىسمىنى
بىر قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ.
ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇ 11 نەرسىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا بىردىن سىز
بۇنىڭدىن كېيىن قىلىپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلغان ئىشنى يېزىپ قويۇڭ. ئۇنىڭدىن
باشقا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 4 ناچار ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى، ھەمدە
مۇشۇ 3 مۇھىم ئىش دائىرىسىدە سىز قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ يەنە بىر ۋاراق
قەغەزگە يېزىپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ھەر
قېتىم سىز توڭلاتقۇنى ئاچقاندا، بۇ 7 ئادەت، 4 ئۆلچەم ۋە سىز ئارزۇ قىلغان
ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرىسىز. شۇ ئارقىلىق سىز ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە
ئېرىشەلەيسىز.

6. ئاخىرقى سۆز

مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن
يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، دۇنياغا داڭلىق بىر ئەربابنىڭ مۇنداق بىر
جۈملە سۆزىنى تىلغا ئالغان ئىدىم: “ۋاقىتنى سېكونت بويىچە ھېسابلايدىغان
ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىغا
قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.” بۇ سۆز پايدىلىنىشقا بولىدىغان
ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىشقا قارىتىلغان. مەن ئاشۇ سوھبەتنىڭ يەنە
بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز
باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ
ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا
ئالغان ئىدىم. مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقانلارنىڭ خېلى كۆپ
قىسمى مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل
قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا بولسا، ئاشۇ ۋاقىتلاردىن
قانداق پايدىلانغاندا قىلغان ئىشىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى
بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالدىم. يەنى، مەن ھازىرغىچە ۋاقىت توغرىسىدا
توختالغان مەسىلىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 1) پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىت
مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتىش ئۇسۇلى. 2) تاپقان ۋاقىتنىڭ
ھەممىسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى. 3) ئۇ ۋاقىتلارنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش
ئۇسۇلى. بۇ ئاخىرقى مەسىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەن يەنە ئادەم بىر ئىش
قىلغاندا سائەتنى ئويلىماي، كومپاسنى ئويلاشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق
ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

ئىنگلىز تىلىدا ناھايىتى كۆپ
ئىشلىتىلىدىغان “پرىئورىتي” دېگەن بىر سۆز بار. ئۇنىڭ مەن ئەڭ كۆپ
ئۇچرىتىدىغان ئىككى مەنىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى “ئىشنىڭ مۇھىملىق
دەرىجىسى، مۇھىملىق تەرتىپى”، يەنە بىرسى بولسا “قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار”.
مەسىلەن، بەزىدە ماڭا بىزنىڭ ئىدارىدىكى 3-4 باشلىقتىن تەڭلا ئوخشىمىغان
ۋەزىپىلەر چۈشىدۇ. مەن ھېچ ئىشنى باشلىماي تۇرۇپ، ئۆز باشلىقىمغا بىر
ئېلخەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن “بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىملىق تەرتىپى قانداق؟” دەپ
سورايمەن. بۇ دېگىنىم ئەمەلىيەتتە قايسى ئىشنى ئەڭ ئالدىدا قىلىمەن،
ئۇنىڭدىن كېيىن قايسىنى قىلىمەن، … دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئىشنى شۇ بويىچە
قىلسام، مېنى باشقا باشلىقلار ئاۋارە قىلالمايدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى مېنى
ئىزدەپ كېلىپ، “مېنىڭ ئىشىم پۇتتىمۇ؟” دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا “ياق. مېنىڭ
تىزىمىمدا سېنىڭ ئىشىڭ 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئالدىرىساڭ،
باشلىقىمنى ئىزدە. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنىڭ مۇھىملىق تەرتىپىنى ئالدىغا سۇرۇپ
بەرسۇن.” دەپ جاۋاب بېرىمەن. بۇ يۇقىرىقى سۆزنىڭ 1-مەنادا ئىشلىتىلىشىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ئۆزۈمدىن:
“مەن بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مېنىڭ 1-،
2- ۋە 3-مۇھىم ئىشلىرىم قايسىلار؟” دەپ سورايمەن. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ھەم
شۇنداق. “مېنىڭ 1-مۇھىم ئىشىم” دېگەننى ئىنگلىزچىدا “مي فىرست پرىئورىتي”
دەپ ئاتايدۇ. مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا، يەنى ئىدارەمدە، ئۆيۈمدە، مەن
كۆرىدىغان كىنولاردا، مەن ئاڭلايدىغان رادىئودا ۋە مەن ئوقۇيدىغان
ماتېرىياللاردا بۇ “پرىئورىتي” دېگەن سۆز بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزنىڭ
ئاشۇنداق كۆپ ئىشلىتىشى مەن بۇ قېتىم توختالغان ۋاقىتتىن مۇۋاپىق
پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى
ئاشۇنداق مۇھىملىق تەرتىپىگە ئايرىش ئارقىلىق، جىددىي ھالەتكە كىرىپ
قېلىشتىن ساقلىنىپ، قىلغان ئىشلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. شۇڭا
مەن بۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشىنى
سورايمەن. ئەگەر بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار مىللەت ساپاسى، روھى ۋە مەۋجۇتلىقى
قاتارلىقلارنى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا كىرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلغان
بولسا، ئۆز مەۋجۇدلۇقىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسى ھازىر 1-كۇئادراتقا كىرىپ
قالمايتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-يىلىدىن
322-يىلىغىچە ياشىغان دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ “ئارىستوتېل”
(http://en.wikipedia.org/wiki/Aristotle) مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىز ئۆز
ھاياتىڭىزدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق 3 ئاساسىي
قەدەمنى چوقۇم بېسىشىڭىز كېرەك:
(1) مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ
(2) سىز ئۈچۈن “مۇۋەپپەقىيەت” نىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە توغرا ئېنىقلىما بېرىپ
چىقىڭ
(3) ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭ ئۇتۇقى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ
بۇ قەدەم-باسقۇچلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش،
ئۆز-ئۆزىنى قوزغىتالىشىنىڭ سىرىدۇر. بىز ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە
ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى
قوزغاتقۇچى كۈچ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق
قىلىش ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنى، ھاياتىمىزدىكى
ئەڭ مۇھىم ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي،
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: ياۋۇز (ئورخۇن ئۇيغۇر
تارىخى تور بېتى http://www.orkhun.com/ دىن)

بۇ يازما ئەسلىدە “http://www.bilik.cn”
تور بېتىگە چىقىرىلغان.
ئەسلى ئۇلىنىشى: http://www.bilik.cn/bbs/forumdisplay.php?fid=18

[/font]

_________________
Büyük insanlar yingi pikirlerni tartishar,
Normal insanlar Netijini tartishar,
Kichik insanlar Kishilerni tartishar.
Choqqigha qaytish Go down
korshat
8.tomuz
avatar

Yézilmilar Sani : 325
töhpe : 615
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 34
Orni : Deutschland

YollashMawzu: Re: waqitni muwapiq orunlashturush   21.04.10 6:18

UAdin bu eserni korupla inkas yizip qoyghan idim. shuni bu yergimu kochurup ekilip qoydum emse....

bu mining hazir otulwatqan < Projectmanagement and Projectplaning > digen dersimdiki waqit orunlashturush digen bolimining mezmungha yiqin kilidiken. ustide diyilgen matrix
orunlashturshi heqiqetenmu danaliq boptu.
manga bu eserdiki eng yaq qan yiri, uyghur millitimizdiki nachar illetlerni nahayitimu emili we heqiqi ichip bergen. menmu oylaymen bizdiki eng chong mesile qalaymiqan sorungha kop waqit we iqtisad chiqirish ( men buni bashqilar uchun yashash dep alimen/ buni bezi waqitlarda ziyade bashqilargha tayiniwilish dep chushensekmu bolidu ). bizde heqiqetenmu bashqilar uchun yashash idiyesi bekla kuchluk, ozumizning yeni bir ata ana bolghuchining eng mohim ishi perzent terbiyesini tonup yitelmey dostining konglini, sorunarni we yaki bolmisa ozining bir az hush keyip surdighan hewsini perizent terbisining ustige
dessitiwalghan ishlar bekla ighir. shu seweblik perzent terbileydighan pul we waqitni pixsiqliq qilish.
men oylaymen hayat peqet ikki basquchning oz ara almishishidin ibaret, birinji basquch ata anini hatirjem qilghudek, ularni pehirlendurgidek perzent bolush, ikkinji basquch ozi hatirjem bolghudek ozi pehirlengudek perzent terbileshtin ibaret. mana bu hayattiki heqiqi mohim ish ornida yuqirdiki matrixning mohim we jiddi ishlar qatarigha kirish, mushuni sitratigilik nishan qilighan opratiwilik nishanlarni belgilep shu asasta
ish orunlashturup waqit chiqirip mangsa eng toghra bolidu.

_________________
Büyük insanlar yingi pikirlerni tartishar,
Normal insanlar Netijini tartishar,
Kichik insanlar Kishilerni tartishar.
Choqqigha qaytish Go down
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: waqitni muwapiq orunlashturush   26.04.10 8:02

manga bu eser bekla yaridi. köpinchimizning bishidin köp tejirbiler ötti, waqit shundaq tizki uqmayla qalsiz qandaq ötüp kitiwatqinini, oylisingiz, eger rastinla waqitni ünümlük ishletken bolsingiz tiximu köp ishlarni wujutqa chiqiralaydighanliqingiz his qilisiz, likin shu diqqet qilmasliq seweblik kichikken bolisiz, qayta tughulghan bolsam qandaq yaxshi bolatti dep kitisiz... ne amal hich nerse tekrarlanmaydu. xeyir, hazirmu kichikmeymiz, oxshash pushaymanlarning kelgüside tekrar yüz bermesliki üchün waqittin qandaq qilghanda eng ünümlük paydilnishni maqalide diyilgendek emeliyitimizge tedbiqlisaq özümizdin tiximu razi bolghan bolar iduq....tirishayli qini, tirishqan ademge allah biridighu...

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
Sponsored content




YollashMawzu: Re: waqitni muwapiq orunlashturush   

Choqqigha qaytish Go down
 
waqitni muwapiq orunlashturush
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yazmilar-
Buninggha ötüsh: