Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   30.04.10 7:42

bu yazma béyjing pidagogika universititi uyghur oqughuchilar munbiri http://alplar.com din ijazet bilen köchürüp kilindi, esli yollighuchigha semmi teshekkürlirimizni bildürimiz:-)

latin yiziqidikisi inkas sheklinide yollinidu, PDF nusxisini bu yerdin körüng:
pdf nusxisi

ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى)


ئىلاۋە: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933 ــ يىلى 9 ــ ئاينىڭ 28 ــ كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1995 ــ يىلى 2 ــ ئاينىڭ 27 ــ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھاياتىدا «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئائىلە» ... قاتارلىق بىباھا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىمۇ ئالىمنىڭ يەنە بىر كاتتا ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئالىمنىڭ ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئىككى ئەسىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىم ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن تونۇشۇش ۋە ئائىلە قۇرۇش، شۇ جەرياندا بىر ــ بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ئورتاق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى قېزىش جەريانىدىكى سەمىمىي قوللاشلارنى ئەڭ تىپىك مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«مەن، مېنىڭدىن يەتتە ياش كىچىك ۋە ماڭا 37 يىلدىن بېرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ ئايال جىنس ئۈستىدە يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنلا بىر قىسسە يېزىش قارارىغا كەلدىم. دەرۋەقە، مەن ئۇنىڭ نۇرانە گۈل ھۆسنىنى دەسلەپ كۆرگىنىمدىن كېيىنلا ئۇ ھەقتە لىرىكىلار، ھۆرمەت خاتىرىلىرى، كېيىنچە رۇبائىيلار ۋە ئېپىزوتلۇق ئەسلىمىلەر يازغانىدىم. 20 ياشتىن كېيىنكى ئوتلۇق ياشلىق لىرىكىلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھېكمەتلىك ئوتتۇرا ياشلىق رۇبائىيلىرى بىلەن بۇ قىسسە يىلتىزداش بولسىمۇ، ئەمما يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنكى بۇ قىسسە ئۆز مەنىۋى خەزىنىسىنىڭ تاۋلانغانلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا كېرەك. كىشىلەر ھەمىشە قانداقتۇر 18 ــ 20 ياش بىلەن 30 ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرنى ئىشىق ــ مۇھەببەت دەۋرى دېيىشىپ كۆنگەن، ئەمەلىيەتتە ياشانغاندىن كېيىنكى يىللاردىكى مۇھەببەتكە ئۇنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ‹قاپقارا قۇندۇز چاچلار› بىلەن ‹ئەتىر بەرگىدەك يۇمران يۈزلەر› ئورنىغا ئاقارغان چاچ ۋە ئەجىر قورۇقلىرى چۈشكەن يۈز ئالماشقان. ئەمما، بۇ ئاقارغان چاچ ۋە قورۇق چۈشكەن يۈز ئىنسان قەلبى، خاراكتېرى، ئەجرى ۋە قىممىتىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك باھا نامىسى بىلەن تامغىلانغان. مەن ‹ ئىزگۈلۈك مالائىكىسى›نى يېزىشقا تۇتۇندۇم. بۇ مەن ئۈچۈن ئۆز ــ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىنىم، ئۆزۈمنىڭ ئىنساننى چۈشىنىش، ئىزگۈلۈك جاۋاھىراتلىق بىلەن تولغان خەزىنە قەلب، ئۈلگىلىك ئايال جىنسنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىنىمنىڭ ئۇچقۇنى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە مېنىڭ بۇ قىسسىدە تەسۋىرلىگەن ئالىيجاناب روھىيەت نامايەندىسىگە بولغان ئىنسانىي مىننەتدارلىق، مەجبۇرىيەت ــ بۇرچۇمنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئىپادىلىنىشىدىن يانغان يالقۇن!
دەرۋەقە، ئۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ، ئەسىرلەر داۋامىدا ئالەمگە كۆز ئاچىدىغان نەۋرە ــ چەۋرىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ چەۋرە ــ ئەۋرىلىرىنىڭ پاك نەسەبتىن ئىلھاملىنىپ، پاك نەسەبتىن پەخىرلىنىپ، پاك نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىراس!»
ئالىمنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھايات سەرگۈزەشتلىرى گەرچە نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھامان ئۈمىدۋار ياشىغان. چۈنكى، ئۇنىڭغا مەدەت ــ ئىلھام بېرىپ تۇرغان پاك قەلب ئىگىسى، بالىلىرىنىڭ ئانىسى، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان رەنا مەخسۇت ھاياتقا، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ بارغان.
قايسىدۇر بىر ئەدىب «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەر بىر ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئايالى بولىدۇ» دېگەنىكەن. دەرۋەقە، ئالىمنىڭ «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» دېگەن بۇ ئەسىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ قىسقىغىنا ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرالىشى بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئايالىنىڭ قوللىشىدىن، ئەمەلىي شارائىت يارىتىپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«ئىزگۈلۈك مالائىكىسى»دە ئالىمنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ناھايىتى پاساھەتلىك بىلەن بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئالىمنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت ــ نىكاھ ئىشلىرىغا بولغان قارىشىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە مۇھەببەت سەۋەبلىك يارىتىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز. ئالىم مۇھەببەت سەۋەبلىك چوڭ تاللاشقا، يەنى بۇ يەردە قېلىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ۋە بۇ يەرنىڭ جاپالىرىنى تارتىش؛ يەنە بىرى ئانىسى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ باياشاتلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق تاللاش ئالدىدا ئالىم ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، «كۈسەن قىزى» رەنا مەخسۇت بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئانىسى ئىلاجسىز 1962 ــ يىلى 4 ــ ئايدا بۇ «ئەنسىز يىللاردىكى ئاشىق ــ مەشۇقلار»نىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ، بىشەككە قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئوغلى بىلەن ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدۇ ... كىم بىلسۇن، ئالىمنىڭ ئاشۇ تاللىشى ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئىككى ئاشىق ــ مەشۇق ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى پۈتۈن خەلق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولدى. مۇبادا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رەنا مەخسۇتقا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى چەت ئەلگە چىقىشقا بولغان ھېرىسمەنلىك ئىگىلەپ كەتكەن بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلىك ئەسەرلەر يېزىلمىغان، يېزىلسىمۇ ھازىرقىدەك چوڭقۇرلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئۆز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئانا ۋەتەندە چىڭ تۇتۇپ قالالىغان رەنا مەخسۇتقىمۇ قايىل، ئەلۋەتتە!


قېنى «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باققايسىلەر.



ئىزگۈلۈك مالائىكىسى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


ئىزگۈ مۇھەببەت

ئەمەل شۆھرەت دېسەڭ قاشىڭدا ھازىر،
باياشات روزىغار باشىڭدا نازىر.
يېشىڭ ئون يەتتىدە، تۇتما قولۇمنى،
ئەمەس شاھزادە مەن، كۈلپەتلىك تاھىر.


1 ــ باب. تەقدىر

قايسى قۇياشنىڭ نۇرى ئۇ،
قەلبىمگە بەخش ئەتكەن باھار.
قايسى باھارنىڭ گۈلى ئۇ،
تۆككەن مۇھەببەتتىن ئىپار.

تەقدىر كارامىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن بېشارىتىنى يەتكۈزسە كېرەك. 1955 ــ يىلى يىگىرمە ئىككى ياشقا تولغانلىقىمنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شىئەن شەھىرىنىڭ غول رەستىسى «شەرقىي چوڭ بازار» (دۇڭ داجې)دىكى بىر سۈرەتخانىغا كىردىم. كىم بىلسۇن، چاپلاپ قويۇلغان نۇسخا سۈرەتلەر ئارىسىدا مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ شەھەرگە 1950 ــ يىلى ئون يەتتە يېشىمدا غەربىي شىمال بەش ئۆلكە ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن چېغىمدا چۈشكەن سۈرىتىم كۆزۈمگە چۈشتى. سۈرەتكە مەن قەشقەرنىڭ سىپتا ئىشلەنگەن بادام دوپپىسىنى كىيىپ چۈشكەنىدىم. كۆزۈم مېنىڭ سۈرىتىمگە يانمۇيان قىلىپ قويۇلغان بىر قىزنىڭ سۈرىتىگە چۈشتى. بۇ ئون ئۈچ ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتى ئىدى. مەن بۇ چاغدا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتى بولۇپ، ئوقۇشنى تاماملاشقا بىر قانچە ئايلا قالغانىدى. بېشىغا شەپكە كىيىپ، بوينىغا پىئونېر گالستۇكى تاقىغان بۇ نارەسىدە قىزنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىلىكىنى، بۇ سۈرەتكە قاچان چۈشكەنلىكىنى سۈرەتخانىدىكىلەردىن سوراش ئەپسىز ئىدى. قىزىقى، شۇنچە كۆپ مەنزىرىلەر ئارىسىدا ھەر ئىككىمىز سوزۇق رومبا شەكىللىك دېرىزە مەنزىرىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەنىكەنمىز.
شۇ يىلى مەن ئوقۇشنى تاماملاپ، ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا (ئۇ چاغدا «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلاتتى) قايتتىم.
ئاجايىپ تەقدىر مۆجىزىلىك بېشارىتىنى يەنە كۆرسەتتى. 1955 ــ يىلىنىڭ كۈز پەسلى. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى باراقسان ئۇلانباي سايلىقى شەرقىي تۆپىلىككە جايلاشقان «قىزىل تۇرنا»(خۇڭيەنچى) كۆلىدە چۆمۈلۈۋاتاتتىم. بىردىن بىر قىزنىڭ پۇتى تارتىشىپ قالدىمۇ، ئېھتىمال، ئىلگىرىكى ئەركىن سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، سۇغا بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنى مەندىن بۇرۇن قىرغاقتىكى بىر قانچە يىگىت كۆرگەن ۋە سۇغا سەكرەشكەنىدى. مەن ئۇلاردىن بۇ قىزغا خېلىلا يېقىن ئارىلىقتا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ، قىرغاققا ئېلىپ چىقتىم. ئۇ ئۈستىگە غۇژمەك ــ غۇژمەك قىلىپ تۈرۈپ تىكىلگەن قىزىل ئايالچە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن، چېچىنى ئارقىسىغا چىلگىدەك تۈگۈۋالغان بولسىمۇ، خەتەرلىك جىددىيلىكتە چېچى ئات يايلىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى ئىدى. ئۇ تېخى سۇغا چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالمىغاچقا تېزلا ھوشىنى يىغىپ، نېمىدىندۇر قورۇنۇپ، تېزلا قۇچىقىمدىن تۇرۇپ:
ـــ سىزگە رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم، ــــ دەپلا يىراقلاپ كېتىپ قالدى. مەن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇ كىمدۇر، ئۈرۈمچىگە يېقىندا كەلگەندەك قىلغانلىقىغا قارىغاندا، مەن ئۇنى قەيەردە ئۇچراتتىم، دەپ ئويلىدىم. ئۇ كۆرۈنگۈدەك ئارىلىقتا كىيىملىرىنى كىيىپ شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يىراقتىكى شولىسىنى ئۇ كۆزۈمدىن غايىپ بولغۇچە كۆزىتىپ تۇردۇم. ئۇ غايىپ بولغاندا، ئۇنى شىئەندىكى سۈرەتخانىدا مېنىڭ سۈرىتىم يېنىدا غايىبانە سۈرەت ئارقىلىق كۆرگەنلىكىم بىردىنلا ئېسىمگە چۈشتى. تىزىمغا بىر شاپىلاق ئۇردۇم: «ئەتتەڭ، نېمىشقا مەن سىزنى كۆرگەن» دېمىگەندىمەن! دەرۋەقە، ئارقىسىدىن سوكۇلداپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. يېنىمدىكىلەر ماڭا ئولىشىپ ياشلاردا بولىدىغان چاقچاقلىرىنى قىلىشتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. دۆلەت ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 1957 ــ يىلى يازلىق تەتىلدىن يىغىلغاندىن كېيىن مەكتىپىمىزدە ھەممە ئىدارە ــ كارخانىلارغا ئوخشاش «ئىستىل تۈزەش» نامىدا ئاتالغان «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» باشلاندى. ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا «ماتېرىيال ئۆگىنىش» ئېلىپ باردۇق. فاكۇلتېتلار بىر قانچە تۈركۈملەرگە بۆلۈنگەنىدى. قايسىدۇر خاسىيەتلىك بىر كۈن تەقدىر ئۆزىنىڭ بېشارىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزغا يېڭىدىن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى ئاسپىرانتلار سىنىپىنى تاماملاپ كەلگەن ياش مۇئەللىمەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆگىنىش باشقۇرىدىغان كادىر كىرىپ كەلدى.
نېمىسىنى ئېيتاي: دۇنيادا گۈزەللىك ئاجايىپ تەمتىرەتكۈچى جەزىبە ۋە شەرتسىز تەسلىم قىلغۇچى قۇدرەت ــ ھە! ئەمما، گۈزەللىكلەر ئىچىدە يەنە گۈزەللىك بولىدۇ. ئۇ خۇددى ئالدىمدىن دىدار پەردىسىنى سىيرىپ چىققان مۇشۇ ساھىبجامالدەك كىشىنى ئەقلىي مۇھاكىمە ۋە زېھنىي كۆزىتىش ھوقۇقىدىن بىردىنلا مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ياش مۇئەللىمە قولۇمدا يەر يېرىلىپ، زەمبىرەكلەر ئېتىلىپ كەتكەندىمۇ چۈشمەس جاھىل قەلەمنى ئىختىيارسىز چۈشۈرۈۋەتتى. مەن ئۇنىڭ، ئۇنىڭ جامالىدا تاۋلىنىپ تۇرغان ياراتقۇچى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ كامال ھۈنەر ماھارىتىگە سىنچىلاپ قاراشقا چارىسىزلا قالدىم. ئۇنىڭغا قاراش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بىر قېتىملا ۋە بىرىنچى قېتىمدىلا تۇيۇقسىز قاراپ، گۈزەللىك سېخىيلىقىنىڭ ئۇنىڭدىكى ئەپسۇنكار گۈلشىنىدىن ھەيرانلىق ۋە بىئاراملىققا چۆمۈشتىن باشقا يولۇم يوق ئىدى ...
ئۇ بېشىغا ئالما ئۇرۇقى رەڭدار دۇخاۋىغا ئاق سېرىق زەر باسقان دوپپا كىيگەن، ئۈستىگە توق كەرشىنىۋاي كاستۇم ــ يوپكا كىيگەن، پۇتىغا قارا ئارا پاشنىلىق توپلەي كىيگەن، ئىككى ئۆرۈم ئۇزۇن قۇندۇز چېچى ئوشۇقىغا چۈشكەن، گۈل يۈز، ئاھۇ كۆز، ئۆزىنى تۇتقان، خۇش پىچىم قىز ئىدى. مەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بىر ھازادىن كېيىنلا ئۇنى تونۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئويۇلۇپ تۇرغان ئويناق قارا قۇمچاق كۆزىدە ئۇنىڭمۇ مېنى باشقىلارغا قارىغاندا پەرق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ساددا، ئەمما راستچىل تۇيغۇ تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئارىمىزغا كىرىشى بىلەن ئىنستىتۇتىمىزنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتى ئۇسسۇل كافېدراسى پۈتۈن تەركىبىي بىلەن بىزگە قوشۇلۇپ كەتتى.
مەن شۇ كۈنى پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىدىن ئىلگىرى شىئەندە غەربىي شىمال سەنئەت مەكتىپىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ شىئەندىكى سۈرىتى بىلەن ئىككى يىلدىن ئىلگىرىكى كۆل بويىدىكى ھالىتىدىن تولغان بولۇپ، يېشى ئون يەتتىگە كىرگەنىدى.
ئۇزۇن قىلىپ، قاتار قويۇلغان ئۈستەلدە ئۇ مەن بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇپ توختىماي خەت يازاتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئۈستىدىكى كاستۇمىنى يېشىۋەتكەن بولۇپ، بەدىنىنى نەقىشلەنگەن ھالرەڭ كوپتا يېپىپ تۇراتتى.
تەقدىر يەنە چاقچىقىنى قىلدى. دەم ئېلىش ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولسىمۇ، يېنىمدىكى كەسىپداشلىرىم ئۇنى چۆرىدىۋالدى. قازاق يىگىتى بايتۇرسۇن ئۇنىڭ بېشىدىكى زەر باسقان دوپپىسىنى ئېلىپ مېنىڭ بېشىمغا كىيدۈرۈپ قويدى. قىيا ــ چىيا كۆتۈرۈلدى. مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. رەنانىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن مېنىڭ دوستلىرىم:
ـــ ياراشتى!
ـــ ساڭىلا لايىق ئىكەن!
ـــ سېنىڭلا ئىكەن! ــــ دېيىشىپ كېتىشتى. بەزىلىرى دوپپىنى بېشىمدىن ئېلىپ كىيىپ باقماقچى بولۇشقىنىدا، رەنانىڭ زەينەپ ئىسىملىك ياش ئوقۇتقۇچىسى، ھازىرقى ھەدە دېمەتلىك كەسىپدىشى:
ـــ لايىقى تېپىلدى، ھەركىم كىيىۋەرسە بولمايدۇ، ـــ دەپ بېشىمدىكى دوپپىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆسكىلەڭ قۇندۇز چېچى ئۈستىگە قوندۇرۇپ قويدى.

بېشارەت بەرگۈسى تەقدىرى ــ قىسمەت،
ئۇنى بۇنياد قىلۇر ھىممەت ــ جاسارەت.
مۇھەببەت تەڭرىسى ئاتقاي ساداق ــ ئوق،
ئىزىدىن غۇنچە بوپ كۆكلەر مۇھەببەت.


2 ــ باب. رەنا ـــــ ئاق ئەتىرگۈل

ئاتاڭ كۈنمۇ، ئاناڭ ئايمۇ،
ياراتقان غۇنچە جىسمىڭنى.
قويۇپتۇ ئۇستا قۇرئانداز،
ئاتاپ «رەنا» ئى ئىسمىڭنى.

يول باسقانسېرى ئېچىلىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. سۆيگۈ يولىمۇ خۇددى شۇنداق. رەنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىتاب بولۇپ يېتىپ قالدى. بىلمەيمەن، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنى ئىككى كۈندىن بېرى كۆرەلمىگەنلىكىمگە بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئاخىر ئارىمىزدىكى يېشى چوڭراق گۇرۇپپا باشلىقى ئابدۇلھېلىم ئاكىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ كېسىلىنى يوقلىغىلى باردۇق. ئۇ ئاتىسى قاۋۇل ئاخۇن، ئانىسى توختىخان ئاچا بىلەن بىر ئائىلىدە تۇراتتى.
قاۋۇل ئاخۇن ئاتا ئۆرە بوي، كېلىشكەن، ئاق كۆڭۈل، بەش ۋاق ناماز كىشى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا رەنانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە «شۆتاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، كېيىنچە سوۋېت ــ شىنجاڭ سودا شىركىتى «ساۋ ــ سىن تورىك»دە بىرىنچى ئەۋلاد تېرە ــ موي ئىشچىسى بولغان ۋە مويكا قۇرۇلغاندا پرىيۇمچىك بولۇپ ئىشلىگەن. سالاپەتلىك، شەپقەتچان، مەرد بۇ كىشى رەنانىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. توختىخان ئاچا قاۋۇل ئاخۇن ئاتىدىن خېلىلا ياش بولۇپ، ئىللىق چىراي، خۇش پىچىم، مېھماندوست ۋە مېھرىبان ئاياللىقى بىر قاراشتىلا كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇلار سىرتقى ئۆيدە، كاڭ ــ سۇپا ئۈستىدە ئولتۇرغان يەرلىرىدىن قوزغىلىپ بىزنى كۈتۈۋېلىشتى. بىز بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇلھېلىم ئاكىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مەن ئىلگىرىرەك ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بۇ رەنانىڭ خاس ئۆيى بولۇپ، ئاتا ــ ئانىسى بويىغا يېتىپ قالغان بۇ يېگانە پەرزەنتىگە بۇ ئۆينى چىرايلىق گىلەم ۋە جاھازىلار بىلەن ياسىداقلاپ بەرگەن. ئۆيگە تىزىپ قويۇلغان چىرايلىق قىزىل قونچاقلار بىلەن بالىلار تېلفۇنى، گۈل سېۋىتى قاتارلىق ئويۇنچۇقلار رەنانىڭ تېخى ئۆسمۈرلۈك روھىيىتىدىن ئايرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن رەنانىڭ كارىۋىتى يېنىغا كەلدىم. ئۇ بەدىنىنى قىزىل دۇردۇن يوتقاندا ياپقان ھالەتتە كارىۋاتتا ياتاتتى. بىتاپلىقتا بىسەرەمجان ياتقان كىشىلەردىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان بۇ خۇش چىرايلىق يېتىش ماڭا ئۇنىڭ ئۆز ــ ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ يېنىدا زۇكام دورىلىرى تۇراتتى. رەنا كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن قوزغالماقچى بولغانىدى، مەن ئۇنىمىدىم. ئىككى ئېغىز ھال سوراش گېپىنى تولىمۇ ئوڭايسىزلىقتا ئېيتتىم ــ دە، سىرتقى ئۆيگە چىقتىم.
ــــ دېمىدىممۇ ئۇيقۇدا، دەپ، ـــ دېدى ئابدۇلھېلىم ئاكا.
ــــ مەن ئويغىتاي، ــــ دەپ قوزغالدى توختىخان ئاچا.
بىز ئۇنىمىدۇق ۋە خوشلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.
رەنا تېزلا ساقىيىپ كەتتى. مەن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل دەرسخانىسىدىن تاپتىم. دەرسخانا «قىزىل بىنا»نىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىرىنچى قەۋەتتە ئىدى. ئۇدۇل تام پۈتۈنلەي ئەينەك بىلەن شولىلاندۇرۇلغان، ئاستى تاختايلىق بۇ سىنىپتا رەنا ئۆزى يالغۇز خەت يېزىۋاتاتتى. ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم دوستانە ئىلتىماس قىلدى:
ــــ قېرىنداش قەلەم سۇنۇپ كەتتى، ئۇچلىيالمىدىم، ــــ دېدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى قەلەمنى قەلەمتىراچ بىلەن ئۇچلاپ بەردىم.
ــــ ئەجەب ياخشى ئەينەك ئىكەن بۇ، قېنى بىللە «سۈرەتكە» چۈشۈۋالايلى، ــــ دېدىم مەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينەكتە كۆرۈنۈش ئۈچۈن. ئۇ ئۈستىگە نېپىز ئاق ناۋاترەڭ كۆڭلەك كىيگەن، بېشىغا ئەينى يىللارنىڭ ئادىتى بويىچە ئاق چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاق كۆڭلەك، كەرشىنىۋاي شىم، ئۆزۈم يالاڭ باش ئىدىم. راستچىل ئەينەك ئىككىمىزنى ئىككىمىزگە ئەينەن كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بويى مەندىن زىلۋا ۋە يىگىرمە سانتىمېتىرچە پاكارراق بولۇپ، ئىككىمىز غايىدىكىدەك يىگىت ــ قىز ئىدۇق.
ـــ ئۆمرۈمدە مۇنداق چوڭ، مۇنداق كۆڭۈللۈك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز سۈرەتنى كۆرمىگەنىدىم، ــــ دېدىم مەن. ئۇ:
ـــ شۇغىنىسى بۇ سۈرەتنى سۈرەتخانىدىن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ــــ دېدى.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنى بىزەڭلىك دەپ ھېسابلىدىم ئېھتىمالىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا:
ـــ ئۇنداقتا بۇ سۈرەتخانىغا پات ــ پات كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ تۇرسام بولغۇدەك،ـــ دېدىم.
ـــ مەرھەمەت! ـــ دېدى ئۇ سىنىپ ئىشىكى بوسۇغىسىدا مېنى ئۇزىتىپ.

دوستلىرىم بىلەن رەنانىڭ دوستلىرى بىزگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان بولۇشۇپ قالدى. ئۇلاردىن بىر قانچىسى يىگىت ــ قىز بولۇشۇپ مەن بىلەن رەنانى ئېلىپ ئەينى يىللاردىكى بۈك ــ باراقسان ئۇلانباي ئورمانلىقىغا سەيلىگە چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈنئالغۇ (ماگېنتافون) بولمىغاچقا، تەمبۇر ئېلىۋالدۇق. يېتەرلىك سامسا، ئىچىملىك ۋە دالادا پىشۇرۇش ئۈچۈن كاۋاپقا لازىملىق نەرسىلەر ۋە فوتو ئاپپارات ئېلىۋالغانىدۇق. سەيلىمىز سايىلىق دەرەخلەر تېگىدە، چىملىق ئارىسىدىكى سۈزۈك بۇلاق بويىدا كۆڭۈللۈك بولاتتى. مەن بىلەن رەنا تۇغما ئادىتىمىز بويىچە ئوچۇق، ئەمما كەم سۆز ئىدۇق. مەن يىگىتلىكىمگە ئېلىپ تولىمۇ ئېچىلىپ ــ يېيىلىپ كېتىشنى، گەپ بىلەن ماختىنىپ سورۇننى ئىگىلىۋېلىشنى، كۆز ئالدىمدا تۇرغان ماختاپ كۆكلەرگە ئۇچۇرۇشنى ۋە بىرەر ئىلمەك ياكى مەنىسىدە ئىشقىي ئىبارىلەر يوشۇرۇنغان تەكەللۇپ گەپلىرىنى قىلىشنى ئەرلىك قەدىر ــ قىممىتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىگە لايىق بولمىغان چاكىنىلىق دەپ قارايتتىم. ئۇ چاغلاردا «يامانتاغ» باغرىدا تېخى تۆمۈر يول يوق ئىدى. بىز تاغ باغرىغا چىقتۇق، تاشلار ئارىسىدا مۆكۈشمەك ئويناشتۇق. بىر چاغلاردا بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا پالىئانتولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىزنى پروفېسسور جۇ بۇ تاغلىققا ئېلىپ چىققانىدى. مەن ئارىلاپ قىياق، ئادراسىمانلار ئۆسكەن بۇ تاشلىق تاغدىن ئۆتۈۋېتىپ، رەنانى تۆۋەندىن تارتىۋالدىم ۋە قولۇمنى تاش تىلىۋەتتى. رەنا «ۋىيەي» دەپ ئەيمىنىپ كەتتى ۋە كىچىك ئاپئاق قولياغلىقىدا قاناپ قالغان قولۇمنى چىڭ تېڭىپ قويدى. بۇ «كىچىككىنە قۇربانلىق» بىلەن «كىچىككىنە پىداكارلىق» ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىپادىسىدە قان بىلەن باشلاندى ۋە پاكلىق بەلگىسى بولغان ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن تامغىلاندى. شۇنىسى خاتىرە قىممىتىگە ئىگە، رەنانىڭ ئاق ياغلىقىدا، ئۇ بىخەۋەر بىر رىشتە ــــ ئۇنىڭ قۇندۇزدەك بىر تال چېچى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەدىيە بولۇپ قالغانىدى.
ئۇلانبايدىن قايتىشىدا ئۇدۇل يول بىلەن كېتىشنى ئويلاپ يولغا چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچى دەرياسى تېخى ساقلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ يەر ــ بۇ يەردە تارقاق سۇلار ئاقاتتى، كەلكۈن كەلگەندە ھەتتا ماشىنا، ئات ــ ھارۋىلارمۇ ئۆتەلمەي، كۆۋرۈكلەرنى سۇ يالاپ، قاتناش قىيىنچىلىقى ھاسىل بولاتتى. قىش كۈنلىرى ھازىرقى جەنۇبىي شىنخۇا يولى ۋە ئۈرۈمچى دەرياسى بويى مۇز بىلەن قاپلىناتتى، مەكتەپ ئۇدۇلىدا مۇز ئۈستىدە كانكى تېيىلىپ چوڭ كۆۋرۈككىچە مۇز تېيىلىپ ئوينايتتىم. شېئىرلىرىم ئارىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆلى ئۈستىدە قىشتا كانكى ئويناۋاتقان بالىلار ۋە ياشلارنى كۆرۈپ، ياشلىق چاغلىرىمدا كانكى ئوينىغانلىقىمنى ئەسلەپ يازغان بىر شېئىرىم بارلىقى ئېسىمدە.
بىز تارىلىپ ئېقىۋاتقان ئۈرۈمچى دەرياسىدىن ئۆتكەندە ئوغۇللار قىزلارنى يۈدۈشكە توغرا كەلدى. نېمە ئۈچۈندۇر ھەممىسى ئىككىمىزنى تاشلاپ قويۇپ سۇغا كىرىپ كېتىشتى. مەن شىمىمنى ئېگىز تۈرۈپ، رەنانى ھاپاش قىلىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كەلگەنىدى. ئەمما، رەنا ئۆز غۇرۇرىغا ئېلىپ مەن بىلەن يانمۇيان سۇ كېچىپ ئۆتتى. نېمە ئۈچۈندۇر، قىرغاقتىكى دوستلىرىمىز سۇغا تاش ئېتىپ، يۈرۈشىمىزنى قىيىنلاشتۇراتتى. مەن سۇغا يىقىلىپ چۈشمەسلىككە ھەرىكەتلىنەتتىم. ئاخىر قىرغاققا چىقتۇق، بىراق بالىلار بىزنى شۇ ھالەتتە ئىككى گۈلخان ئارىسىدىن ئۆتمىگىچە قويۇپ بېرىشمىدى.



3 ـ باب. تۇنجى مۇھەببەت دەپتىرى

ۋىسال گۈلىنى كۆرسەتتى تەقدىر،
تىنچ قەلبىمگە يېقىپ مۇھەببەت.
ھىجران يولىنى ئۇ ئاچتى ئاخىر،
سۆيگۈ ئوتىنى كۈچەيتىپ ھەيۋەت.

تاڭدىكى تۇمان ۋە ياكى سەھەر ئۇيقۇلۇقىدىكى شېرىن چۈشتەك ۋىسال كۈنلىرى ئۇزۇن بولمىدى. «ئىستىل تۈزەش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەت دولقۇنى بىلەن تەڭلا شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۆۋەن كوپىراتىپلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالىي كوپىراتىپلارغا كۆتۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى. مېنى مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستىل تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتىپىمىزدىكى «نۇقتىغا چۈشكەن ۋەكىلى» سالاھىيىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بېرىشىمنى ئۇقتۇردى. ئۇ ماڭا مېنىڭ يېزا خىزمىتى تەجرىبەمنىڭ يوقلۇقى، بۇ مۇھىم چېنىقىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە جېكىلىدى. شۇنداق قىلىپ مېنى دوستلىرىم قەشقەرگە ئۇزاتتى. ئۇلارنىڭ «يوللۇق سوۋغا»لىرى ئارىسىدا رەنانىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە «چىڭنىيەن»(ياشلىق) دېگەن خەت يېزىلغان قېلىن خاتىرە دەپتىرى بار ئىدى. مەن بۇ سوۋغىدىن ھېچقانداق غەيرىي مەنە تاپالمىدىم. تاپقىنىم، پەقەت رەنانىڭ پاكلىقى ۋە دوستانە ھېسسىياتى ئىدى، خالاس. بۇ دانالىق ئىدى!
يولغا چىقتۇق. ئەينى يىللاردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تاشيولى تولىسى توپىلىق يول ئىدى. مەن قارا يۈك ماشىنىسى ـــ زىس ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى بۇلۇڭدىن ئورۇن ئالدىم. بۇ قۇيۇنتاز ئىچىدە پۈكلىنىپ ئولتۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. بۈگۈرنىڭ «كەمبەغەللەر مەھەللىسى» دېگەن يېرىدىكى دەڭدە بىرىنچى قېتىم پارتىيە ــ ئىتتىپاق ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى. ھەممىمىز قايتا تىزىملاندۇق. قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن تاغام ئابدۇكېرىم ئىبراھىمنىڭ جانان كوچىسىدىكى تارغىنە ئۆيىگە كىرىپ، ئاران بىر كۈن قونالىدىم. ئاتا ــ ئانىلىرىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فرۇنزى (بېشكەك) شەھىرىگە چىققاندا مەسلىھەت بويىچە قويۇپ كەتكەن بىر كىشىلىك پاسپورت تاغامدا ئىدى. مەن بىر قانچە كىشى بىلەن مارالبېشىغا تەقسىم قىلىندىم. ئۇ يەردىن مەخمۇتجان ئاكا ئىسىملىك كىشى باشچىلىقىدا مەن، قۇربان مەمتېلى، ئىككى خەنزۇ كادىر جەمئىي بەشىمىز سېرىقبۇيا رايونىغا تەقسىم قىلىندۇق. ئىش ئورنىمىز شاكال ئاۋات بازار ــ كەنتى بولدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇتجان ئاكا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ، يېشىم باشقىلاردىن كىچىك بولسىمۇ، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مېنى مەسئۇل قىلىپ قويدى. مەن چېچىمنى چۈشۈرۈۋېتىپ پۈتۈنلەي قەشقەر ــ دولان يېزىلىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر يىگىتى قىياپىتىگە كىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بۇ ئىشلار ئۆز يولىدا. قولۇمغا ھەر كۈنى رەنانىڭ خاتىرە سوۋغىسىنى ـــ ياشلىق دەپتىرىنى ئالاتتىم. تۇنجى ئىللىق بېشارەتلەر تىزمىسى، يىراقلىق ۋە ۋاقىت، ھىجران ئازابى، سېغىنىش تۇيغۇلىرى مېنىڭ تېخى ھېچقانداق سۆيگۈ ـــ مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن بوز قەلبىمگە كۈچلۈك لەززەت سېلىشقا باشلىدى. كۆزۈمگە قىزلارنىڭ قولياغلىققا چىگىلگەن غورىلىرى، ئۆرۈكلىرى، چوكانلارنىڭ قىزىل بوياپ دېرىزىگە قويۇپ قويغان تۇخۇملىرى كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە ئاتلىق ئورمانلىق ـ توغراقلىق يەكەن ۋادىسىدا، بەزىدە شور توپىلىق يولدا، بەزىدە چەكسىز كەتكەن بۇيىزارلىقتا، قىسقىسى ئادەم يوق جاڭگالدا «رەنا!» دەپ ۋارقىرايدىغان، مەجلىس ئۈستىلى ئۈستىدە بولسا سالاپەتلىك مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بولدۇم. دەرۋەقە، مېنى مانا مۇشۇنداق ئىككى پارچىغا تىلىپ تاشلىغانلىقىنى رەنانىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
رەنانىڭ خاتىرە دەپتىرىگە تېخى رەسمىي مۇھەببەت ئىزھار قىلمىغان ھالەتتىكى قەلبىمنى يېزىشقا كىرىشتىم. خاتىرە دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە رەنانىڭ زەينەپ سابىت بىلەن چۈشكەن سۈرىتى چاپلانغانىدى. مەن ئۈچۈن بۇ دائىمىي ۋىسال پېشايۋىنى ۋە نىگار جاھاننامىسى ئىدى. مەن بۇ ئاجايىپ مەپتۇنكار سۈرەتكە قاراپ قانچىلاپ ئەپسۇنكار تىلەكلەر بىلەن رەناغا سالامەتلىك ۋە بەخت تىلىگەنلىكىمنى ئۇنتالمايمەن. مەن خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىككىنچى بېتىگە بىر دانە ئاق ئەتىرگۈلنى ۋە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن يامانتاغ ئېتىكىگە چىققاندا قولۇم قاناپ رەنا تېڭىپ قويغان قولياغلىقىدا قېپقالغان بىر تال چاچنى قەغەزگە ئاۋايلاپ ئوراپ چاپلاپ قويغانىدىم. ھازىر ئويلىسام، بۇ بىر ئەپسۇنكار دەستۇر بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ مەن توغرۇلۇق ئويلانمىسا بولمايدىغان ئىللىق ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى چېلىقتۇرغان بولسام كېرەك. مەن دوستلارغا بېغىشلاپ بىر قانچە قېتىم خەت يازدىم. بۇ خەتتە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى، بولۇپمۇ رەنانىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئاتايىن ئوتلۇق نەپەستە تىلغا ئالدىم، ئۇنتۇلماس كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى قەيت قىلدىم. ئەمما، رەناغا ئاتاپ مۇھەببەت خېتى يېزىشقا يۈكلەنگەن ھېسسىياتىم ئامالسىز ئىدى ...
مەن سېرىقبۇيىدا ئىككى يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ مەزگىلدە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللىرىنى ئەسكە ئالدىم.
رەنا ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق چېغىدا ئاتا ـ ئانىسى بىلەن بىللە كۇچادىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەنىكەن. «ياڭخاڭ» مەھەللسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇسلار توپلاشقان مەدەنىيەتلىك رايون ئىدى. رەنا ئارىلىقتا ئاتىسى كۇچاغا مويكا تەسىس قىلىپ بېرىش خىزمىتىگە بارغاندا كۇچادا ئوقۇش يېشىغا تولۇپ بىر يىل ئوقۇغان، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۈرۈمچىدە داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇ غەربىي شىمال سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا تاللانغان. بۇ فاكۇلتېت شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار ــ ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەركىبىگە تاللىنىپ ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 5 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار ـ ستۇدېنتلار فېستىۋالىغا قاتناشقان. ئۇ مانجۇلى ــ ئامورىسكى ئارقىلىق تۆمۈر يول بىلەن كەڭ سىبىرىيە ئورمانلىق رايونى ۋە ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي ـ غەربىي قاناتلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ موسكۋا ـ لېنىنگراد شەھەرلىرىدە بولغان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جۇڭگو كونسۇلخانىلىرىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك سەنئەت نومۇرلىرىدا «داپ ئۇسسۇلى»نى ئويناپ، ئەينى زاماندىكى مولوتوپ، مالىنكوف قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. فېستىۋال تاماملىنىپ ۋەكىللەر قايتقاندىن كېيىن، «جۇڭگو ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى» تەركىبىگە لى شىخەن (جۇڭگو سەنئەت ئاكادېمىيىسى رەئىسى، پۇبلىست)، زەينەپ سابىتلار بىلەن تاللىنىپ، دانىيە، ئىسلاندىيە دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئاندىرىسون مۇزېيى، ئاتلانتىك ئوكيان، ئىسلاندىيە ۋولقان تېغى، ئارىشاڭ بۇلاقلىرىنى زىيارەت قىلغان. دانىيە پادىشاھى، خانىشى ۋە ھازىرقى ئايال پادىشاھ مەلىكە قىزى بىلەن بالېت ئويۇنىنى تاماشا قىلغان. ئۇ كوپېنھاگېن ۋادىسىدىكى «ساھىبجامال بېلىقىز» ھەيكىلى ئالدىدا بۇ رىۋايەتتىكى پاك قىزنىڭ غۇرۇرلۇق ـ ۋىجدانلىق ئوبرازىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە بۇ ھەيكەل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەن. كېيىنچە ئۇ بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىدا، ھازىرقى شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، پروفېسسورى لۇي يىشىڭ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغان. ئۇ چەتئەل ئاسپىرانتلىرى بىلەن بىر سىنىپتا تەلىم ئالغانىدى. مەن ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىش ئالدىدا ئۇنى شاپتۇل چېچىكى يۇڭ رومالدا يىراقتىن كۆرگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن رەسمىي تونۇشقانىدۇق.
مارالبېشىدىن قايتتۇق. پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىزمەت قوشۇنى دەرھال تەلتۆكۈس تەركىب بويىچە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا تىزىملاتتۇق، دوستلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق. ئەمما، نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ روھىيەتلىرى جىددىي، گەپ ــ سۆزلىرى ئېھتىياتچان ئىدى. مەن رەنا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ، مەكتەپ بىناسىدىمۇ ئۇچرىشالمىدىم. ئەھۋالنى مىرزائەخمەت بىلەن مۇھەممەت نىزامىدىندىن خالىي ئورماندا ئىگىلىگەنىدىم.


4 ـ باب. خىسلەتلىك ئېكران ۋە خاسىيەتلىك كارىكاتۇرا

سۆيگۈ يولىدا بىر چېچەك،
جەننەت مىسالى بەزىدە.
ئامەت قۇشى كۈلگەن چېغى،
گۆھەر ئاقار كۆز ياشىدە.

كەچ كۈزگە يېقىنلىسىمۇ، ھاۋا ئىسسىق تەپتىدىن يانمىغانىدى. مەن چۈشتىن كېيىن رۇس كۇلۇبى (ھازىرقى دوستلۇق دوختۇرخانىسى)دىكى كىنو ئېلانىغا يېقىنلاپ كەلدىم. يېزىدا كىنو كۆرمىگىنىمگە يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى. تەنھا بېلەت سېتىۋالدىم ـ دە، زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئەتراپىمدا ئادەم تازا زىچ بولمىغاچقا، ئالدىنقى قاتاردا، ئوتتۇرا قاتارلاردا بوش ئورۇن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇ زامانلاردا ئائىلە تېلېۋىزورلىرى بولمىغاچقا ئادەملەر كىنوخانىغا باس ــ باس كىرىشەتتى.
بىر چاغدا يېنىمغا رەنانىڭ تۇرسۇنخان دېگەن دوستى كېلىپ:
ـــ سىزنى چاقىرىدۇ، يېنىدا بىر كىشىلىك ئورۇن بوش، ـــ دېدى.
مەن دەرھال سەزدىم. كىم چاقىرىدۇ، دېيىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. تۇرسۇنخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا قاتارنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان رەناغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ ئۈستىگە قارا تور، كالتە يەڭ ئېسىل كوپتا كىيگەن بولۇپ، چېچىنى كەينىگە يېرىم ھالقا قىلىپ ئورۇۋالغانىدى. ئادەم لىق تولغان بۇ ھېيىقىشلىق مەيداندا ئۇ مەن بىلەن قىسقا، ئەمما مەزمۇنلۇق دىدارلاشتى.
ـــ مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىدىغان بولدۇق ـ دە، ھەممىسىدىن خەۋەر تاپتىم، ـــ دېدى ئۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇنى ئىزدەپ ئىزدەپ يۈرگىنىمنى ئۇققانلىقىنى بىلدىم. دەرھال سەھنە قاراڭغۇلىشىپ، كىنو باشلىنىپ كەتكەچكە ئارتۇق پاراڭلىشىشقا بولمىدى.
ئۇ مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدە، تۇرسۇنخان سول تەرىپىمدە ئىدى. مەن ئىلاجى بار، ئۇنىڭ نېپىز كىيىملىرى، يالىڭاچ يۇمران بىلەكلىرىگە تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇ قانداقتۇر نازۇك ئۇچقۇر تۇيغۇ رىتىمىغا قارشى ئەخلاقىي ئاڭ ھەرىكىتى ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆزىنى خېلىلا ئەركىن، مەغرۇر، سالاپەتلىك تۇتاتتى. ئۇ ئارىلاپ ــ ئارىلاپ مەندىن كىنودىكى بەزىبىر ۋەقەلىككە ئىزاھات، ناخشىلارغا ئىزاھات سورايتتى. تەسىرلىنىپ كەتكەندە بىلىكىنى قىمىرلىتىپ، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ ھىندىستاننىڭ «سەرگەردان» ناملىق مەشھۇر كىنو فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ فىلىمنى ئون نەچچە قېتىم كۆرگەن. ئۇ، بۇ كىنودىكى لازىنىڭ يامغۇرلۇق كوچىدا تۇغۇلغىنى، نەسەب جەھەتتىكى قانداشلىق قاراشلىرى ئاسارىتىدىن بولغان پاجىئەلەر، ئىجتىمائىي خارلىق ـ ھاقارەت قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردىن يىغلايتتى. مەن رەنانىڭ مۇھەببەت كىنولىرىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدىم.
ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، بۇ شەھەردە سىياسىي ھاۋا پۈتۈنلەي جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتالمىش «چوڭ خەتلىك گېزىت»(دازىباۋ) دېگەن «كەشپىيات» مەيدانغا چىقتى. ئىسمى ــ جىسمى نامەلۇم «ئاپتومات»، «بىگىز»، «كىرپە» دېگەندەك قەلەم ئىگىلىرى ئۆزى خالىغان ئادەملەر ئۈستىدىن دازىباۋ، كارىكاتۇرىلارنى سىزىپ چاپلىغىلى تۇردى. رەنا بىلەن ئىككىمىز ئاتايىن چېتىشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بىر پارچە چوڭ قىزىل قەغەز بىنا ئىشىكى ئالدىغا چاپلاندى. بۇ مېنى كۆرەلمىگەنلەر بىلەن رەناغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلەرگە بولۇپ بەردى. دوستلىرىم ئۈستىدىمۇ دازىباۋلار چىقتى.
مەن رەنانىڭ بۇ چاپلانمىنى كۆرۈپلا يىغلاپ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىچىم ئېتىلدۇرغان قوماچتەك بولۇپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قورۇسىغا بېرىپ قالغانىدىم. ئۇ چاغدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆلى ئايىغىدىكى بىر قەۋەتلىك ئائىلە قورۇسىدا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم ۋە ئۇنى شۇ قورۇدىكى باشقا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە چاقىرتتىم. ئۇ مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئۆز دوستىنى كۆرگەندەكلا يىغلاپ كەتتى. ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ، چوڭ پاكىت سۆزلەپ ئۇنى تىنجىتماقچى بولدۇم. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تىنىمسىز كۆز يېشى تۆكۈپ يىغلايتتى. ئۇنىڭ قۇندۇز چاچلىرى سىيلىق تارالغان، قاتتىق ئۆرۈلۈپ، دولىسىغا ئېشىپ تۈگۈنچەكلەنگەچكە، ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ياشلىق بۇ ئاجايىپ ساھىبجامالنىڭ خۇش پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. يالتىراق چاچلار ئۆز سېھرىي بىلەن كۆڭلۈمنى غىدىقلايتتى. ئەمما، مەن ئۆز تۇيغۇلىرىمنى، ئۇ ھەتتا ئوتلۇق گۈلخان ھارارىتى ھاسىل قىلغاندىمۇ، بولمىغۇر ئۇششاق ھەرىكەتلەر بىلەن پەسلەشتۈرۈشنى نومۇس كۆرەتتىم.
مەن قانچە چوڭ پاكىتلار سۆزلىگىنىم بىلەن رەنانىڭ قىزلىق مەسۇمە تۇيغۇلىرىدىن يامراپ چىققان تۇنجى ھاقارەتلىنىشكە قاراتقان پىغانلىق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايتتى. بۇ، ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تۇنجى يامغۇر ـ يېشىنغا يولۇقۇشى، ئۇنىڭ قارا قۇمچاق كۆز گۆھەرلىرىنىڭ تۇنجى ئەلەم ياشلىرىدا چايقىلىشى ئىدى. گەرچە بۇ قېتىملىق كۆز يېشى ۋە ئۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان ھاقارەتنامە ئىككىمىزنىڭ تېخى شەرەتلەشمىگەن سۆيگۈ ھېسسىياتلىرىمىزنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇنى جامائەت ئالدىدا ئېلان قىلىش رولىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، مەن ھازىرغىچە بۇ مەنزىرىدىن لەرزىگە كېلىپ تىترەيمەن.
ھازىر ئويلىغىنىمدا، مەن رەنانىڭ كۆز يېشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ يېشىم ئاتمىشقا كىرگۈچە كۆپ قېتىم كۈلۈپ تۇرغان، چەكچىيىپ تۇرغان قىياپەتتە ئاچچىق ـ ئاچچىق ھەسرەتلىنىپ يىغلىدىم. «ئەرلىك يىغىسى ـــ شىرنىڭ نالىسى، كۆرۈنمەيدۇ ياش تامچىسى، ساقايمايدۇ ئۇنىڭ يارىسى» دېگەن سۆز بار. ئەمما، ماڭا نىسبەتەن رەنا تېخىمۇ كۆپ يىغلىدى. ئۇ، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كۆپ، ھەممىدىن ئاچچىق، ھەممىدىن كۆيۈنۈپ لەختە ـ لەختە يىغلىدى. مەن كۇھىقاپ ئاغزىدا ياكى جەھەننەم ئىشىكى ئالدىدا تاش يۈرەك بولۇۋالساممۇ، رەنانىڭ كۆز يېشى ئالدىدا تېرىقتەك تىترەپ، سىمابتەك قۇيۇلىمەن! مېنى ھاقارەتلىك سۆزلەر، ھېچقانداق كۈچ ئىككىلەندۈرەلمەس ئىدى. ئەمما، رەنانىڭ يىغىسى مېنى تەسلىم قىلدۇرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى يىغا ـ زارسىز مۇھىتقا ئېرىشتۈرەلمىدىم. ئەكس ھالدا، مەن رەناغا كىشىلىك كۆز ياشلىرىنىڭ نورمىسىدىن ھالقىپ ئاجايىپ ئېغىر كۆز ياشلىرى ئېلىپ كەلدىم! مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئالدىدا توپان سۈيىدە تەڭرىدىن ئىنايەت تىلىگەن نوھتەك، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەيدەر خارازىمى:

«نېچۈندۇر ئىزگۈلۈكنىڭ،
كۆزلىرى نەم يارالغاندۇر».

دەپ يازغانىدى. پاكلىق، ۋىجدان، غۇرۇر تۈپەيلى «ئىزگۈ مالائىكە»نىڭ قەلبى ھەققانىيەت ۋە ئار ـ نومۇس جەۋھەرلىرى بىلەن چايقالغان كۆز ياشلىرىغا پەيۋەس ئىدى.
بۇ قېتىملىق ھاقارەتنامىگە ئۇلىنىپ رەنانىڭ نامىغا دازىباۋ ياكى كارىكاتۇرا چىقمىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاندا ـ ساندا چىققان دازىباۋلار بارغانسېرى پۈتۈن مەكتەپ بويلاپ، مەخسۇس ماڭا قارىتىلغان بىر يۈرۈش دازىباۋلار تىزمىسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن رەنالارنىڭ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن ئايرىلىپ «مەسىلىسى بارلار» گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىدىغان بولدۇم.

مەن رەنانى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە، مېنىڭ ئاشخانىغا قاتنايدىغان يولىمىزدىكى سېمونت ئىستولبا يېنىدا ئۇچرىتاتتىم. ئۇنىڭمۇ دەل شۇ پەيتكە توغرىلاپ يولغا چىقىشىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن ئىچىمگە بىر ئوچۇم چۈمۈلە سېلىۋالغاندەكلا، ئورنۇمدا تۇرالمايتتىم. ئالەمنىڭ مالەم بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەستەك قىلاتتى. مۇھىمى، ئۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈپ، خۇش تەبەسسۇم سالاملىشىش ئىدى ...


(dawami bar)

_________________
ilxatérem


Eng axirqi qétim oghuzkb teripidin 21.10.10 6:04 da özgertildi, jem'iy 3 qétim özgertildi.
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   30.04.10 7:47

(dawami)


5 ـ باب. ئۇ ماڭا ئىشەندى

ماڭا قارىتا كۈرەش باشلاندى.
قىزىل بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى زال، تاملارغا، قىزىل قەغەزلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قەھرى ـ قاباھەتلىك شوئارلار ـــ «يوقالسۇن!» دېگەن سۆزلەر يېزىپ چاپلانغانىدى. دەل پىتنە ـ ئىغۋا رومانتىكىسى تەسەۋۋۇر چۇلۋۇرىنى قويۇۋەتكەن جايدا ھەممىسىنىڭ مەنتىقىغا ئىسيان قىلىشىنى كۆرۈشكە بولاتتى.
مەكتەپ پارتكومىنىڭ سېكرېتارىنى ئۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ئارقىدىن مېنىڭ سەھنىگە چىقىشىم تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن سېكرېتار سادىرنىڭ ئورنىغا مەن چىقتىم.
تېخى يىگىرمە بەش ياشقا كىرمىگەنىدىم. ماڭا ئىككى نەرسە كۈچ ئاتا قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىرى، ھەققانىيەت بولۇپ، مەن ئۇششاق ـ چۈششەككە ئېتىبار قىلماسلىق، نادانلىققا سۈكۈنات قىلىش، تۆھمەتنى كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى تاللىغانىدىم. بۇ ھەققانىي روھ مەندىن سەۋر ــ تاقەتنى، تەھلىل ۋە مەنتىقىنى تەلەپ قىلاتتى. يەنە بىرى، رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقى، ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم دۈشمەنلىك نەزىرىمدىكى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش شارائىتىدا كۆزىتىش ئىدى. بۇ بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە ئار ــ نومۇسلۇق سىناق ئىدى. مەن قانداقتۇر سوراقچىلارنىڭ «سىناق»لىرىغا ئەمەس، بەلكى رەنانىڭ سىناقلىرىغا جاۋاب بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەرلىك بۇرتلىرىنى كۆرسىتىدىغان، ئىششىق لىرىكىلىرىغا تايىنىدىغان، پۇلپەزلىك ياكى قارا كۈچ كۈچىنى كۆز ـ كۆز قىلىدىغان سىناق ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلق ۋە ھەققانىيەت بىلەن بولغان ۋىجدانىي ئالاقىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرلىك سىنىقى ئىدى. بۇ دەل رەنانىڭ غۇرۇرى كۆزىتىپ تۇرغا گىر چېكىتى ئىدى. رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقىنى دەسلەپ ناتوغرا ھېس قىلدىم. ھالىم يامان قالغاندا، ئۇ مەندىن «مەندىن چەتنەپ كېتەر، ئوتى يوق ئوچاققا كىم قاراپ ئولتۇرىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. كىم بىلسۇن، كۈرەش جەريانى ئۇنىڭ مېنى چۈشىنىش، ماڭا ھېسداشلىق، دىلكەشلىك ھەتتا روشەن ۋە كەسكىن ھامىيلىق جەريانى بولدى. مەن بۇنى سەزگىنىمدىن كېيىن، رەنانىڭ بۇ مەيداندا بارلىقى ماڭا ئەقىل ـ ھېسسىيات ئارىلاشقان بىر مەدەت بولدى. مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم مۇنداق سىياسىي ــ ئىجتىمائىي بۆھرانغا سۈنئىي، زورمۇزور يوسۇندا دۇچ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەنا ماڭا دائىمىي ئىلھامچى ۋە روھىي تىرەك بولدى. بۇ ئىزگۈ مالائىكىسى بولمىغاندا، مېنىڭ نوھ كېمەم توپان كەلكۈنلىرىدە غەرق بولۇپ كېتىشى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش ئىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن بۇ ھەرىكەتكە ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا پۈتۈنلەي شۈبھى بىلەن قاراشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنى ئەمەس، ئۆزلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىشقا تۇتۇنغانىدى. بىراق بۇنداق ئەسەبىيلىك رەنانىڭ تاقىتىنى تاق قىلدى. ئۇ باشتىلا مېنىڭ بۇ مەيداندىكى ھامىيلىق ۋە ئىزاھات سۆزلىرىمنى باشقىلارنىڭ يالغان ـ ياۋىداقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «ئۇنىڭ سۆزىنىڭ يولى بار، ئۇ ئېيتقان پاكىتلارنىڭ قايسى بىرى خاتا؟» دەپ چىقتى. ئۇ دەرھال ھەققانىي ئاڭ ئىگىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئەمما، چۈشكۈرسىلا تىترەپ كېتىدىغان بەزى مېخانىزملار «ئەرز» قىلدى. مەسئۇل خادىم بۇ قىزنىڭ سۆزى ۋە جاسارىتىدىن ئىككىلىنىپ تۇرغان ياش مۇئەللىملەر بىلەن كۈرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ قويمىسۇن، دەپ ئويلىدى ۋە ھېلىقى «ئەرزىيەتچى»لەرگە:
ــ- يولداش رەنا كىچىك، شىنجاڭدىكى سىنىپىي كۈرەشتىن خەۋەرسىز. ئۇنىڭ كاللىسىدا تېخى ياۋروپا تەسىرى قۇرۇغىنى يوق. يولداش رەنا ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بىز ئۇنى باشقا يول بىلەن تەربىيىلىۋالىمىز،ـــ دەپ ئۇلارنى قايتۇردى ۋە رەنا بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈش ئالدىدا بىر كارىكاتۇرا چىقارغۇزدى.
كارىكاتۇرا رەنانىڭ ئۈستىگە ئالما ئۇرۇقى رەڭلىك بىلەن چېكىم ـ چېكىم گۈللۈك كوپتا كىيدۈرۈلگەن، ئىككى ئۆرۈم چېچى بىلەن يوپكىسىنىڭ پېشى ئۇچۇپ تۇرغان بولۇپ، ئوڭ قولى ئالىقانلىرى ئېچىلغان پېتى ئالدىغا سوزۇلغان كۆرۈنۈشتە سىزدۇرۇلغان. كارىكاتۇرىغا: «ئابدۇشۈكۈردە مەسىلە يوق!» دېگەن خەت يېزىلغانىدى.
مەن رەنادىن تەسىرلەندىم. يىغلاڭغۇ ھالدا مەسىلە تاپشۇرغانلار بىلەن دوستلۇقتىن بىر دومىلاپلا «ئاكتىپ» بولۇۋالغان ئادەملەرگە قارىغاندا بۇ كىچىككىنە تۇمۇچۇق ئاڭلىق، جاسارەتلىك، ناھەققە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەس غەيۇر تەبىئەت ئىنسان ئىدى.

بۇ ئارىدا سوۋېتتىن ئاتا ـ ئانام كەلدى. ئۇلار مەندەك يالغۇز ئوغلىنى ئېلىپ كېتىش ياكى ئۆزلىرى يۆتكىلىپ كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلاندا مەن بىلەن ئۈچ كىشىلىك كېلىپ ـ كېتىش بېلىتىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنى سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىقلار ئۇلار چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ يوقلاشتى. مەن ئۇ چاغلاردا رەنانى باشلاپ كېلىپ، ماختىنىپ ئۇلارغا كۆرسەتكۈم كەلدى. ئەمما، نېمە چارە؟ تېخى بىر ـ بىرىمىزگە رەسمىي ئېغىز ئېچىپ رازىلىق بىلدۈرۈشمىگەن تۇرساق، بۇ يولسىزلىق بولماسمىدى! ئۇلار مېنى ئېلىپ كېتەلمىدى. مەن ئۇنىمىدىم. مەن بۇنداق ھالەتتە سىرتقا چىقىپ كېتىشنى نامەردلىك ھېسابلىدىم. ئىچكى روھىيىتىمدە رەنانى ناگان ــ ناگاندا، يىراق ـ يېقىندا كۆرۈپ تۇرۇش شاراپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. ئاتا ــ ئانام ئەينى زاماندا باياشات ھېسابلانغان ئەلگە قايتتى. مەن رەنانىڭ قەدەم ئىزلىرىغا تەلپۈنۈپ، بوينىغا تاقاق سېلىنغان مەھبۇستەك ئوت قايناۋاتقان زېمىندا قالدىم.
پۈتۈن ئەلدە يامرىغان «پولات تاۋلاش» ھەرىكىتى. مەكتىپىمىز ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ شىسەن(غەربىي تاغ)دە دۇڭسەن(شەرقىي تاغ)گە ماكانلاشتى. مەن دۇڭسەننىڭ «شور بۇلاق جىلغا»(چەنچۇەنگۇ) دېگەن يېرىدىكى بىر گەمىدىن ـــ سېكرېتار سادىرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىم. دەسلىپىدە گەمە قازدىم، رودا كولىدىم، كېيىنچە ئۈچ مېتىر تېرەنلىكتىكى «پېچ» دەپ ئاتىلىدىغان توساقلىق ئازگال كولىدىم.
رەنا ئايال ـ قىز ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا ئەمگەك قىلاتتى. ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، شورلۇق سۇدا يۈز يۇيۇش، ئۇماچ ناشتىلىق، پاختىلىق چاپان ياكى يىرتىق جۇۋىلار كىيىپ، زەمبىل، جوتۇ، گۈرجەك بىلەن ئىشقا چىقىش، كەچلىك تەربىيە ياكى «مەسىلە سادىر قىلغانلار»نى كۈرەشكە تارتىش ... مەشغۇلات شۇ ئىدى.
مەن ناگان ـ ناگاندا رەنانىڭ تاغ باغرىدا جوتۇ چېپىۋاتقان ياكى زەمبىل توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نېمىسىنى دېسەم بولار: ئۇ ئەركىن شېرىن بولالمىغىنىدەك، مەنمۇ تاغنى تالقان قىلىۋېتىدىغان پەرھات ئەمەس ئىدىم.
ناھايەت، باھار مەزگىلىدە ھەممىمىز قەھرىتان سوغۇقتا پىيادە مېڭىپ مەكتەپكە قايتتۇق. شۇنچە ئەمگەكتىن رەنامۇ يۈك ـ تاقلىرىنى يۈدۈپ پىيادە قايتتى. بىر قازان قىلغۇدەك چويۇن چىقمىدى، ئەمما بۇ گۈزەل جىلغا بۇلىغان كەپىدەك ۋەيرانە سىياققا چۆمۈپ قالدى.

كۈنلەرنىڭ بىرى قىزىل بىنا كارىدورىنى رەنا يۇيۇۋاتاتتى. ئۇ بارغانسېرى ماڭا يېقىنلاپ سۈرۈلۈپ كېلەتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتىم، باشقا دوستلىرىمدەك ئۇنىڭغا سۆزلىگۈم يوق ئىدى. ئۇ يەنىلا يېقىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ھال سوراش ئىستىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ يەردىن يىراقلاپ كەتتىم.

1959 ـ يىلىنىڭ ماي ئېيى. ماڭا چارە ئېلان قىلىندى. چارە: «ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈش، پارتىيىدىن چىقىرىش، خىزمەت سىتاژىنى ساقلاپ قېلىش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىش» دېگەنلەر ئىدى. بەزى لوقمىچىلار چىقىشتى ۋە «‹ئەشەددىي›دېگەن سۆز قوشۇلماپتۇغۇ؟» دېيىشتى.
مېنى بىر موڭغۇل كادىر يۈك ـ تاقلىرىمنى ئۆزۈمگە ئارتقۇزۇپ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ بارماقچى بولدى. مەن كىتاب ئىشكابىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇ يەردىكى تىزىلغان كىتابلارغا بىر قۇر قارىدىم ــ دە، كۈلدۈم. يۈك ـ تاقلىرىمنى يۈدۈپ، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا مېنى قارشى ئالغان، پىئونېرلار گالستۇكى تاقىغان قىزىل بىنا ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قارىدىم.

تۇرۇپمەن ئوت ئارا تەنھا ئېچىپ ھەر يانۇ بارىمنى،
بىئارلار ياغ چاچۇر تەرك ئەتمىكىمگە ئىختىيارىمنى.
تۇتۇپ خەنجەر، ئوقۇپ ئەپسۇن، كۆمۈپ تۇزاق يېپىلمىشتۇر،
مالامەتتە لەھەڭلەر غەرق ئېتەلمەي قەد ـ قىيارىمنى.
ھوقۇش كۆزلەر قارالمىشتۇر توقۇپ پىنھاندا مىڭ ئىغۋا،
ئېكەكلەپ چىشلىرىنى كەسكىلى سەۋرى ـ چىنارىمنى.

مېنى باشلاپ ماڭغان موڭغۇل كىشى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ باردى. ئارقىدىنلا «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»غا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بوينۇمغا نومۇر يېزىلغان تاختا ئېسىپ ئۇدۇل ۋە ياندىن مەھبۇسلۇق سۈرىتىگە تارتتى. كىنودىكى قىسمەتلەر بېشىمغا چۈشتى. شۇ كۈنىلا بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يۈزلىگەن «ئوڭچى» نامىدا ھاقارەتلەنگەن يۇقىرى قاتلام زىيالىيلار بىلەن تولغانىدى.
شۇنىسى يەڭگىل چۈشتىكى، بۇ كۈنلەردە رەنا مەكتەپتە يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەكتىپىمىزدىكى سەنئەت فاكۇلتېتى «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى «سەنپەنگۇ» جىلغىسىغا ـــ تۆمۈريول بويىغا كۆچۈپ كەتكەنىدى.
مەن شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىرمە ئىككى يىل بۇ قالپاقتىن خالىي بولالماي ئەمگەك قىلدىم.


6 ـ باب. مەكتۇپ


تاغلار تەۋرەپ يۈتتىمۇ زېمىن،
يا ئاسمانغا چىقتىڭمۇ غايىب؟
جان ـ جەھلىگە سوقۇنغان ئېقىن ـــ
بولۇر ئاخىر شۇ سۆيگۈ غالىب!

«دوستلىرىم» قېپقالغان مىراسلىرىم ـــ كىتابلىرىم، نەرسە ـ كېرەكلىرىمگە ئىگە بولۇشقاندەك، رەناغىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن بەس ــ بەسكە چۈشكەنىدى. ئېلىشىپ قالغان، قازا قىلغان، ئۆي ـ ئوچاقلىق بولۇپ بۈگۈنكى كۈدە نەۋرە كۆرۈشكەن بۇ «شاھ»، «ماتكا»، «چىللىك»لار ئۈستىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختىلىش ھاجەتسىز بولسا كېرەك. بۇ رەنانىڭ ساھىبجاماللىقىنىلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە تەلپۈنۈش روھىيىتىنىلا ئەمەس، يەنە دوستلۇقنىڭ ئۇلۇغۋار تۇغى ئاستىدىكى قەلبلەرنىڭ ھەر خىللىقىنى كۆرسىتەتتى. ھەيرانمەن، تەقدىر ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ئاشىق ئاتا قىلدى، ئەمما زامان دەھشەتلىرىنىڭ پاناھسىز دەشتىدە يۈرگەن، ھاقارەتلەنگەن مەن مىسكىنگە بىر تەڭداشسىز مۆجىزىنى مەشۇق قىلغانىدى. بۇ رەنانىڭ ئۆزىگە تېخى سۆيگۈ ئىزھار قىلمىغان ئاددىي ئىنسانغا بولغان پاك مايىلدارلىقى ۋە سەمىمىي خەيرخاھلىقى ئىدى! تەقدىر زارلانغۇچىلارغا ئۆز سوۋغىسىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. مەن مەۋجۇدلۇقى بىلەن يوقلۇقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولدۇم. ئەمما، ئۆمۈر دولقۇنلىرىدا ماڭا نۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان گۆھەرگە مۇيەسسەر بولدۇم!
رەنا ئۆزىگە يۇيۇپ تارىنىپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئالدىرىغان، ئۆزىگە شېرىن ئىشقىي مەكتۇپلىرى سۇنغان، ئۆزىنى كىنو ـ تانسىلارغا تەكلىپ قىلغان كامىران يىگىتلەر ھەققىدە باش قاتۇرمىدى. ئۇنىڭ كۆزىدە زېمىن تەھدىتىگە چۆككەن كىمدۇر بىرىنى ئىز ــ دېرەك قىلىدىغان پانۇس چىراغ بىر دەقىقىمۇ ئۆچۈپ قالمىدى. ئاجايىپ دۇنيا، رەڭگارەڭ ئىنسانلار ...

بىز «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»دا بىر ئاي تۇرۇپ قالدۇق. بۇ زاۋۇتنىڭ «سەنپەنگۇ» يولى بويىدا ياۋا قارىياغاچلىق ئارىسىدا تېرىغۇ يەر بار بولۇپ، بىزنى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېتىزدا ئىشلەشكە ئېلىپ چىققانىدى. مەن يول ياقىسىدا ئىشلەۋاتاتتىم. بۇ يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قاتنايدىغان يول ئىدى. قايسى ئىزغىرىن شامال ئۇچۇر قىلدى، بىلمىدىم. يۇقىرىدىن رەنا چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ شەھەرگە كېتىۋاتسا كېرەك. مەن ئالدىراپ قالدىم. يېنىمدىكى باراقسان ۋە بىر ـ بىرىگە غول تاشلىشىپ تۇرغان ئۈچ تۈپ قارىياغاچنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدىم. رەنا ئۈستىگە ھاۋارەڭ گۈللۈك كۆڭلەك كىيگەن ۋە قۇندۇز چاچلىرىنى گەجگىسىگە تۈرۈۋالغان، بېشىغا ئاياللارچە چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئېگىز پاشنىلىق توپلەي شېغىللىق يولدا تاقىلداپ تۇراتتى. ئۇ دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى. ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلارغا بىر ــ بىرلەپ كۆز سېلىپ چىقتى. ئۇ مېنىڭ مۇ ئەتراپتىكى «ئوڭچى»لار ئارىسىدا بولۇشۇم مۇمكىنلىكىنى كوچا پاراڭلىرى، مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن ئاڭلىغانىدى. مەن ئۇنى ئېنىق، ھەتتا يالتىراپ تۇرغان چاچلىرىغا قادىغان چاچ قىسقۇچلىرىغىچە ئېنىق كۆرۈۋالالىدىم. ئۇ يولدىن يەنە بىر قىسىم مەكتەپداشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يولغا چۈشۈپ شەھەرگە راۋان بولدى. ئۇ يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن مەن دەرەختىن چۈشتۈم. نېمىشقىدۇر دەرەخكە چىقىش ۋاقتىدىكى چاققانلىقىم يوق، ئۆزۈم خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانىدىم. دىلىمغا شېئىر ياماشتى:

سابا سىيلار مېنىڭ ھەققىم ئۈچۈن گۈل غۇنچە زىبانى،
ۋاپادار مېھرىلە تەڭرىم ھەمىشە ئاسرا رەنانى.
نېتەي باشىمدا مىڭ كۈلپەت، بىراق ئەل كۈلپىتى ئۇل ھەم،
مۇكاپات مەخسۇدى قىلغىل دىلى ئوتى ئىشقى شەيدانى.

تەقدىر مېنى بۇ ناھەق ئوقۇبەت بىلەن تاۋلىماق بولۇپ، قايناملىق مەكتەپتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى، رەنانى پۈتۈن فاكۇلتېت ۋە ئۇنىڭغا خېرىدار بولۇۋاتقانلار تۈركۈمىدىن ئايرىۋەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمىدە باش رول ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەتتى. ئۇ قايتىپ كېلىپلا غۇلجىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە خەلق سەنئەتچىلىرىدىن ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇل مىراسلىرىنى توپلاش ئۈچۈن كېتىپ قالدى. ئۇلار «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى»دىن «شىنجاڭ ئۇسسۇل تىياتىر مەكتىپى» بولۇپ ئايرىلىپ، ئايرودروم يېنىدىكى يىراق «ئەرگۇڭ» كوچىسىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ ھادىسىلەر تاكى مەن جازا لاگىرىدىن بوشاپ چىققۇچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. يەنە شۇ تەقدىر مەن بوشىنىپ چىقىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى «ئەرگۇڭ»غا يۆتكىدى. بۇ مەكتەپ رەنانىڭ مەكتىپى بىلەن بىر چوڭ قورۇدا ئىدى.
بىزنى تېز ئارىدا ئالتايغا، شىگوبى _ــ غەربىي دەشتى چۆلگە يۆتكىدى. مەن غەربىي دەشتى چۆلگە تەقسىم قىلىنغانىدىم. بۇ يەردە بىر ياز، بىر قىشنى ئۆستەڭ چېپىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق.
بۇ ئاچارچىلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن، ئاھالە قارىياغاچ تەڭگىسىنى يەيدىغان، ئاھالە تۇرمۇشى ئۇماچ ـ بوتقا سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاپەتلىك يىللار ئىدى. بىز بۇ يەردىن ئىلىغا ـــ كۈنەس قارا بۇغراغا يۆتكەلدۇق. ماشىنىمىز يانغا دومىلاپ كەتتى، تەقدىر مېنى شۇ پېتى ساقلىدى. ئۆستەڭ چاپتۇق. ئاجىز بەدەنلىرىم قىران يىگىتلىك يېشىغا لايىق زورايغانىدى. بىر قېتىمدا بۇ قۇمساق زېمىندىن يىگىرمە بىر كۇب مېتىر تۇپراق قازغىنىم ئېسىمدە. ئەمگەك ــ ھالاللىق مەكتىپى، سالامەتلىك خەزىنىسى نېمە ئۈچۈندۇر ماڭا بۇنداق شەكىلدە ئاتا قىلىندى.
رەنادىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خېتى بولۇپ، سىم توساقلىرى ئېچىپ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ماڭا تەگدى. رەنانىڭ كېيىنكى ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قەشقەردە خەلق سەنئەتچىلىرىدىن ئۆگىنىۋاتقاندا بىر ياشانغان ئايال رەنانىڭ بىر خىزمەتدىشىغا قاراپ:
ـــ بۇ بالام، ئەجەب شۈكرىللاغا ئوخشايدىكەن، ۋاي بىچارە شۈكرىللا، ۋاي بىچارە شۈكرىللا ... ــــ دەپتۇ.
رەنا دەرھال ئۇ ئايالغا يېقىنلىشىپ:
ـــ ئۆزلىرى كىم بولىدىلا؟ ئابدۇشۈكۈرنى قانداق بىلىلا؟ ـــ دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئانام ھەمراخاننىڭ قەدىناس دوستى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئوغلى مېنىڭ ئەھۋالىمنى، يېقىندا چەت ئەلدىكى ئانامدىن ئۇنىڭغا مېنى يوقلاپ قويۇش توغرىسىدا خەت ۋە مېنىڭ ھازىرقى ئادرېسىمنى ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ؛ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئائىلەمنىڭ سۈرەت ئالبوملىرىنى كۆرسىتىپ مېھمان قىپتۇ. مەن بۇ ئايال ـــــ نىياز خېنىمنى كېيىنكى چاغلاردا قەشقەرگە بارغىنىمدا زىيارەت قىلدىم. رەنا بارغان چاغدا ئۇ كىشى ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن.
رەنانىڭ خېتىنى ئېلىپ ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ كەتتىم. قويۇن دەپتىرىمگە دەپتىرىمگە چاپلىۋالغان ئۇنىڭ سۈرىتىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇزاق قارىدىم، خارلىق ـ ھاقارەتكە تولغان روھىيىتىم كۆزۈمگە ياش تۇمانلىرى تىزغاندا ئاۋايلاپ كونۋېرتنى ئاچتىم. كۆز ئالدىمدا دانە ـ دانە تىزىلغان ئالتۇن قەلەم ئىزلىرى جىلۋىلەندى.
خەتتە ئۇزۇنغىچە ئادرېسىمنى بىلمىگەنلىك، ئاخىر نىيازخېنىم ئارقىلى ئادرېسىمنى تاپقانلىق تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مەندىن قىزغىن ھال سورىغان ۋە ئۆز ئادرېسىنى ـــ يېڭىدىن يۆتكەلگەن «ئەرگۇڭ» ئۇسسۇل مەكتىپىنى ماڭا مەلۇم قىلغان. رەنانىڭ تۇنجى خېتىدىن سۇ يالاپ تۇرغان بۇ ئالماس قىيانىڭ بەر قۇۋۋەتتەك تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆز ئورنۇمنى سەزدىم. بۇ خەت مەن ئۈچۈن يېڭى بىر قىتئەنىڭ تېپىلىشىدىنمۇ زور خۇشاللىق ئىدى.
رەنانىڭ خېتى ماڭا ئىلھام بېغىشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئادرېسىغا خەت يازدىم. خەت مىننەتدارلىق ئىبارىلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ خېتىدىن سۈبھىلىك تاڭ يورۇقىنى كۆرگەنلىكىم، بۇ ھاقارەتلىك كۈنلەردە سۆيۈملۈك بىر قېرىندىشىم، سىڭلىمنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمنى يەڭگىل ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىمنى ئىزھار قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە، خەتتە قەلبىمدىكى ھېسسىياتلىرىمنى:

تونۇردىن قىسقۇچتا چوغلار ئالغاندەك،
گۈلخانچى قەلبىمدىن جۈملىلەر تىزدىم.
بەتلەرنى قوقاسلار كۆيدۈرمىسۇن، دەپ،
مىسرالار ئۈستىگە ياشلار تېمىزدىم.

دەپ يازغۇم بار ئىدى. ئۇنداق قىلالمىدىم.
رەناغا خەتنى سېلىپ بولۇپ، ئاپامدىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مۇسبەتلىك قان ياشلىرى بىلەن تولغان خەت ئىدى. خەتتە 1961 ـ يىلى 11 ـ ئايدا دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئاپامنىڭ مەرسىيە غەزىلى يېزىلغانىدى. كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى. گېلىم سىقىلىپ، جاھان تارىيىپ كەتتى. ھۆڭرەپ يىغلاشنىڭ يولى يوق. ئۆزۈمنىڭ قۇدۇق گۇمباق ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەي قالدىم.
قەدىرلىك دادام، ئۇنىڭ شېڭ شېسەي تۈرمىسىدە ئۆتكەن كۈنلىرى، ئۇنىڭ ياۋاش ـ رايىش قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغانىدى. ئۇنى قەشقەردە مەنسەپدار بولغان دوستلىرى سىغدۇرۇشمىدى. ئۇ چەت ئەلدە سېتىۋالغان قورۇسىدا ئوغرىلىق ـ بۇلاڭچىلىققا يولۇقتى. ئۇ ئەگىپ ئۇچقان بۈركۈتتەك ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، رەقىبلىرى ئۇنىڭ پۇت تىرىگۈدەك ئورۇن قويمىدى، ئۇ ئەللىك ياشتىن ھالقا ـ ھالقىماي كۆز يۇمدى. ئاپامنىڭ تەزىيە شېئىرى مۇنداق يېزىلغان:

«بۇ ئىسيان چۆلىدە قالدىم، نە قىلارىمنى بىلەلمەسمەن،
تۆكۈپ ياشىم ئۇنىڭ ئەنھارىغا بوي بويلىتالماسمەن.
پەلەكنىڭ زۇلۇمى ۋەيران ئەيلىدى تۇرمۇش باھارىمنى،
بۇ يالغۇزلۇقتا نە ئىمكان قىلارنى ئەسلىيەلمەسمەن.
پۈكۈلدى قامىتىم ـ قەددىم، بېشىمغا چۈشتى مۈشكۈل تاغ،
قولۇمنى كۆككە كۆتۈرسەممۇ تۇتارغا قول تاپالماسمەن.
ۋۇجۇدۇم دۇتىدىن يەتسە جاھان ئايۋانىغا ئاھىم،
ئۆلۈم ھىجرانىدىن ئۆزگە ۋىسالنى ياد ئېتەلمەسمەن.
ئىلاجىڭ شۇنچە ھەمراھى، ساڭا يوق ۋەسلىنىڭ رايى،
كۆرۈنگەن مەنزىلىمگە بىر ئۆمۈر ماڭسام يېتەلمەسمەن».

ئانچە كېچىكمەي بوشاندۇق. خۇشاللىقتىن پىيادە مېڭىپ قارا بۇغرا دەرياسىنى كېزىپ توققۇزتاراغا كەلدۇق. بۇ دۇنيالىقىمىز ئۆشنىمىزدىلا ئىدى. بىز بىللە بوشانغان ۋە ھازىرغىچە ئىخلاسمەنلىك جاينامىزىدا ساداقەت بىلەن ئولتۇرغان دوستۇم، غەمگۈزارىم ئابدۇكېرىمنىڭ توققۇزتارا ئاشلىق ئامبىرىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق. ئەتىسى مەھبۇسلۇق لاگىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇر، بىر قازاق ئەترەت باشلىقى ـــ ساقچى كادىرى بىزنى بىرسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار: «ئىككى يىلدىن ئاشقان مەزگىلدە بىر قانچىڭلارنىڭ بۇ گازارمىغا لايىق ئەمەس، بىزگە ئۇستاز بولغۇدەك پاك، ئۈمىدۋار، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ يەتتۇق. سالاھىيەت پەرقى تۈپەيلى بۇ ھەقىقىي سۆزلىرىمىزنى ئېيتىشقا ئامالسىز قالدۇق. ئاخىر بار مەسلىھەت ئارقىڭلاردىن يېتىپ كەلدۇق» دېيىشتى.
بىز ئاشلىق توشۇيدىغان ماشىنىلارغا چىقىۋېلىپ، ئىلى دەرياسى ـــ ياماتۇ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. مېنىڭ قولۇمدا سوۋېتقا ـــ ئاتا ـ ئانام قېشىغا كېتىش تونۇشتۇرۇشۇم بار ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر كۆزۈم ئۈرۈمچى تەرەپتە ئىدى. سوۋېتقا كېتىش تونۇشتۇرۇشىنى ساقچىغا كۆرسەتكىنىم يوق. ئەكس ھالدا ئۇنىڭ ئارقىسىغا بۇ شېئىرنى يېزىپ قويدۇم:

چەكسەم جاپا چەككەندىمەن يولۇڭدا ئەزىز جانان،
چەكمىدىممەن پۇشايمان بىلەن ئاچچىق ھەسرەتنى.
چىن سۆيگۈنىڭ ئەسلىي سىرى ماڭا ئالىقاندەك ئايان،
ئۆمۈر تارازىسىدا ئۆلچىگەچ مۇھەببەتنى.



7 - باب. ۋىسال ۋە رىشتە ئەييامى

ۋىسال ئەييامى دەپ ھىجران چېكەر جان،
ۋىسال جەننەت، جەھەننەم مىسلى ھىجران.
نە قىلسۇن رىشتىسىز سۆيگۈ جاھاندا،
نە پۈتسۇن رىشتىسىز تەقدىرى ئىنسان.

مانا، قايغۇ ـ شادلىققا بىپەرۋا ئاۋات ئاستانە!
مەن بىر يىل ئىلگىرى چۆچەكتىن ياڭخاڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن چوڭ تاغام ـــ دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي دوستۇم ئابدۇكېرىم مەن ساقلاپ كەلگەن، مارالبېشى، كۈنەسلەردە يېنىمدىن ئايرىمىغان رەنانىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ مەكتىپىگە چىقتى ۋە ئۆزى كۆرمىگەن بۇ قىزنى ئۇچرىغان بىرى ئارقىلىق تاپتۇرۇپ، بۇ سۈرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ:
ـــ سىزگە مۇشۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىگىسى مېنى ئەۋەتتى، ـــ دەپتۇ. سۈرەت چاپلانغان خاتىرە دەپتەرگە مېنىڭ رەناغا يازغان خۇپىيانە بىر تالاي شېئىرلىرىم كۆچۈرۈلگەنىدى.
ئابدۇكېرىم ئۈرۈمچى «سەنشىخاڭزا» بىلەن «نەنمېن»مەھەللىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيىگە رەنانى باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ياش ئايالى تاماققا تەمشەلگەنىدى. رەنا بۇ يېڭى ئائىلىگە مۇناسىپ سوۋغىلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
ئۇ ئۈستىگە يېشىل پەلتو كىيگەن بولۇپ، ياغاچ پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۇ ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە خۇددى باھار توزىدەك ئۇچۇپلا كىردى. ئۇ زامانلاردا قىزلاردا ئۇپا ــ ئەڭلىك سۈرۈش ئادىتى يوق ئىدى. تەققاسسىز گۈزەللىك بىلەن قوشۇلغان ئاتەشىن سېغىنىش تۈپەيلى ئۇنىڭ ۋىسالى ماڭا ھەر قانداق بېھىش بېغى ۋە جەننەت پەرىزاتلىرىدىن بىقىياس قىممەتلىك كۆرۈندى. مەن ئۇنى ئىچكىرىكى ياسىداق ئۆي ئىشىكىدە كۈتۈۋالدىم. ئابدۇكېرىمنىڭ ئاق دىل، كۆيۈمچان ئايالى ئۇنىڭ يېشىنگەن پەلتوسىنى قولىغا ئالدى.
ـــ شۇنداق قىلىپ يەنە ئۇچراشتۇق، مانا، ـــ دېدىم مەن چايقىلىپ تۇرغان ھېسسىياتلىرىمنى ئەدەپ بىلەن تىزگىنلەپ.
ـــ مەنمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇدۇللا ئۇچۇپ كەلدىم، ـــ دېدى رەنا سەل ھاسىراپ. مەن مەپتۇنلۇق ئىلكىدە ئىككىنچى سۆزنى تاپالماي قالدىم ۋە ئۇنىڭ نىگارىغا يېنىپ - يېنىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالماي بېشىمنى ئېگىپ ئولتۇردۇم ...
ئابدۇكېرىم تۇغما پىداكار ۋە سۆزمەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ رەنانىڭ مەكتىپىگە قانداق چىققانلىقى، ئۇ دەرستىن چىققۇچە قانداق ساقلاپ تۇرغانلىقى، رەنا ئۇنى كۆرۈپ: «مېنى ئىزدەمسىز، مېنى» دەپ ھەيران بولغانلىقى، سۈرەتلىك خاتىرە دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ ئالدىراپ قالغانلىقىنى، بىردەمدىلا ئۆيىگە كىرىپ دەرۋازا ئالدىدا ئۇنىڭغا يېتىشكەنلىكىنى، ئاپتوبۇستىكى پاراڭلارنى ئاشكارىلاپ، رەنانىڭ يۈزىنى ئاناردەك قىزارتىۋەتتى. ئەگەر ئابدۇكېرىم بولمىسا، بىز خېلىغىچە پاراڭ تېمىسى تاپالمىغان ياكى «خېتىمنى ئالدىڭىزمۇ؟»، «ئۆي ئىچى قانداق؟» دېگەن «ئېلىپ، بە، تە، سە»لىك ئىبارىلەردىن چىقالمىغان بولاتتۇق.
بىرىنچى ۋىسال شۇنداق ئۆتتى.

مەن تاغامنىڭ ئادرېسىغا كەلگەن رەنانىڭ بىر پارچە مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالدىم. مەكتۇپتا رەنا مېنىڭ دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە مېنىڭ ئاپام يېنىغا ــــ سوۋېتقا چىقىپ كېتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيدە ئېيتقانلىرىمنى بىر قۇر تىلغا ئېلىپ، «بۇ سىزنىڭ ئانا قەلبىنى قەدىرلىگىنىڭىز، مەن ئەرزىمەس قەلب ئىگىسى بولساممۇ، سىزگە بەخت تىلەيمەن، ئۆز يۈرىكىمنى دەپ مېھرىبان ئانىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئازابقا سالغۇم يوق» دەپ يازغانىدى. بۇ چاقماق ـ سېھىرلىك ئىشارەت ئەينى يىللاردا مەندەك ماكانسىز، زەلىل(خار) كىشى ئۈچۈن سۇلايمان تەختىدىن ئۇلۇغ بىر سىما ئىدى. رەنا ئۆز خېتىدە يەنە مۇشۇ جۈمە كۈنى چۈشتە ئابدۇكېرىمنىڭ كىچىك پەرزەنتىگە ئاتاپ توقۇغان پوپايكىنى ئۇنىڭكىگە ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن ئۈچۈن يولمۇ، ئىشىكمۇ ئوچۇق ئىدى، يول سوراش، ئىشىك چېكىش ھاجەتسىز ئىدى.

قېرىشقاندەك تاغام مېنى يالغۇز قىز نەۋرىسى بىلەن چېتىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ «سەندىن ئىنىمنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دەيتتى. نەۋرە سىڭىل بىلەن بىللە كىنو كۆرۈشكە بېلەت ئېلىپ كېلەتتى. دوستلىرىمنى مېھمان قىلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشنى جېكىلەيتتى، ئاخىر مەست ھالەتتە قولىغا پىچاق ئېلىپ، ئارقىدىن مېنى قۇچاقلاپ، قانداشلىق ھەققى دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساقال چۈشۈرسەم، سىرتقا چىقسام، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى قىزلار كەلسە رەنجىپ كېتىدىغان بولدى.

رەنا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان جۈمە كۈنى. يانچۇقۇمغا ساقال ئالغۇچنى سېلىپ، يولدا قۇرۇق غىداپ مېڭىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئاخىر رەنا ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ كەلدىم. بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم بىلەن نۇرنىساخان بىزنى مېھمان قىلىپ بولۇپ، سىرتقى ئۆيگە بىر باھانە بىلەن چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.
ــ بۇ خەتنى شۇنداق يازدىڭىزمۇ؟ ـــ دېدىم مەن.
ـــ ئون ھەسسە ئارتۇق يېزىشىم مۇمكىن ئىدى، ــــ دېدى رەنا يەرگە قاراپ. ئۇ بۇ قېتىم ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈۋالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ يوتىسىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
ـــ نېمىشقا ئون ھەسسە ئارتۇق يازمىدىڭىز؟ ـــ دېدىم مەن گەپ كوچىلاپ.
ــ سىزنى دانا ھېسابلاپ ... ـــ دېدى ئۇ.
ئىككىمىز يېقىن، يانمۇيان ئولتۇرۇشقانىدۇق.
ـــ ئۇنداقتا مەن قالىمەن، چەت ئەلگە كەتمەيمەن، ئاپامنى ئېلىپ كېلىپ بىللە ياشايمىز، بۇ قارارىم بولامدۇ؟ ـــ دېدىم مەن. ئۇ چىراغدەك يورۇپ كەتتى ۋە:
ـــ راستتىنلىما؟ ـــ دەپ كۆزۈمگە تىكىلدى.
ـــ ئەر سۆزىدىن، شىر ئىزىدىن يانماس! ـــ دېدىم _ دە، ئۇنىڭ ئالىقىنىنى تۇتتۇم. بۇ ئۇنىڭ تېنىگە تۇنجى قول تەگكۈزۈشۈم ئىدى. مېنىڭ ئالىقىنىمنىڭ يېرىمىدەك كىچىك بۇ يۇمران ئالىقان ئۆمۈرلۈك ئېرىشكەن بەختىمنىڭ بىرىنچى شاھىدىدەك ھاياجانلىق تىترىمەكتە ئىدى. بىز كۆرپىدە ئولتۇرغىنىمىزدا ئارقىمىزغا ئېگىز قىرلاپ تىزىلغان، ئۈستىگە ئەدىيال يېپىلغان يوتقان ـ كۆرپە، ياستۇق ـ تەكىيلەرنى ئەستىن چىقارغان بولساق كېرەك، تەقدىر كارامىتى بىلەن ئۇلار ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ بىزنى كۆمۈپ تاشلىغانىدى.
ـــ مۇشۇ تۇرقى يەر تەۋرەپ، قىيامەت قايىم بولۇپ كەتسىمۇ ئورنۇمدىن تۇرغۇم يوق،ـــ دېدىم.
ـــ ساراڭ! ئۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ، ئورۇننى يىغىۋېتەيلى، ـــ دېدى رەنا. بىز ئورۇننى يىغىۋاتقاندا ئابدۇكېرىم كىرىپ كېلىپ:
ـــ پەيزىڭلار بار! ــ دېدى.
ـــ ئورۇن ـ كۆرپەڭلارنىڭ پەيزى بار ئىكەن، يۆلەنگەننى بېسىۋالىدىغان، ــــ دېدىم مەن.

شۇنداق قىلىپ ۋىسال بېغىدا مۇھەببەت رىشتىسى تىكلەندى. مەن شۇ كۈنى كەچتە مۇنداق بىر شېئىر يازدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ مۇھەببىتىڭ تاشقاندىن،
يۈرىكىڭدىن سۆيگۈ بىلەن سۆزلىدىڭ.
ساراڭ بولدۇم يالقۇنىڭ تۇتاشقاندىن،
مەنمۇ كۆيۈپ، ساڭا سۆيگۈم سۆزلىدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ، كېسەل يۇقتى تىلىڭدىن،
ئامراق ھېسسىڭ ئۆتۈپ كەتتى تېنىمدىن.
قاچما، كەلگىن، مەجنۇنلۇقۇم، جىلىمدىن،
ئىشەن ساڭا ئوت ئاشىقمەن جېنىمدىن.

مەن ئاپامغا خەت يازدىم. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەرەددۇت قىلدى. مەن يەنە بىر قانچە قېتىم ئابدۇكېرىملارنىڭ ئۆيىدە رەنا بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم. ھەر بىر خەتلىرىمدە رەنا ــــ«نازى»غا ئاتاپ شېئىرلار يازاتتىم. ئۇ كۆز ئالدىمدا كۆككە قانات كېرىپ كۆتۈرۈۋاتقان، ئارقىدا قۇياش قۇياش نۇرانە چاقناۋاتقان ئالتۇن سۇمۇرۇغقا ئوخشايتتى. بىز شۇ يىلقى قىشلىقى شەھەر سىرتىدىكى ئېدىرلاردا ئاپئاق دالا قار ئۇچقۇنلىرى ئىچىدە تارتىشىپ، سورۇلۇشۇپ، قوغلىشىپ ئوينىشاتتۇق.

ئاق قار ئەمەس چېچىلىپ تۇرغان،
ئۇ سامادىن تۆكۈلگەن غۇنچە.
دالا ئەمەس بىز دەسسەپ يۈرگەن،
ئۇ پەرىلەر قەسىرى گۈل غۇنچە.

مالائىكە ئۆزۈڭ، ئەي دىلبەر،
نىجات بېرىپ سامادىن چۈشكەن.
قاناتلىرىڭ بىباھا گۆھەر،
مەن روھىڭدىن نەپەس سۈرگەن تەن.

بەلكى شۇدۇر ئۆمۈر راھىتى،
ئۇندىن ئۆزگە جەبىرلىك ئالەم.
كۆرۈنمىگەي كۈلپەت ھەيۋىتى،
قۇدرەت بولغاي مۇھەببەتكە جەم.

مەن ئانا مەكتىپىمگە خىزمەتكە چۈشتۈم. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش بىكار قىلىنغان بىلەن «ئوڭچى» قالپىقى بىكار قىلىنمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەس، كۇتۇپخانىدا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش بىلەن شۇغۇللاندىم. مائاشىم بېرىلمەي، تۇرمۇش پۇلى تاكى 1979 ـ يىلىغىچە ئون سەككىز يىل قىرىق يۈەن بولدى. رەنا بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئەتراپقا تارقالدى. بەزىلىرى رەناغا «قالپىقى بار كىشىگە تەگمە» دېسە، بەزىلىرى ماڭا «بۇ گۈزەل سەنئەتچى بىلەن ئوينىۋال، توي قىلما»، «ئوينىۋېلىپ، تاشلاپ سايوزىغا چىقىپ كەت» دېيىشتى. بەزى قىزلار سوۋېت پاسپورتى گۆھەر بولغان بۇ يىللاردا ماڭا «ئاتا ـ ئانىلىرىمىز بىللە ئۆتكەن، رەنا سىزگە بىزدەك ۋاپا قىلامتى؟» دېيىشتى. ئەمما، بۇ خەۋەردىن روھلانغانلارمۇ كۆپ بولدى.
ئانچە كېچىكمەي ئاپام كەلدى. ئۇ پېشقەدەم دوستى رازىخان ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇ بۇ قېتىممۇ مېنى ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدى.



8 ـ باب. ئانامنىڭ ئاخىرقى دىدارى

مۇھەببەتسىز ئاتا ـ ئانا يوق،
ۋە ئۇلارسىز بولماس مۇھەببەت.
پەرزەنت زوقى ئەڭ سۆيۈملۈك زوق،
پەرزەنت _ــ شادلىق، تۇرمۇش مۇشەققەت.

ئانام ـــ مەن ئۇنى ئاپام دەپ ئۆسكەنمەن. ئانام كېلىشتىن بۇرۇن قەھرىتان قىشتا مېنى رەنانىڭ دوستى رەھبەر ئىسىملىك قىز ئۆيىگە چاقىرىۋالدى. بۇ قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى رەنانىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى بىلەن خۇددى تۇغقانلاردەك ئارىلىشىپ ياشايتتى. كەچكى پەيتتە باشلانغان مېھمانچىلىقىمىز ئۇيقۇ ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى. رەنا ماڭا ئاتاپ ئەينى زاماندا ئومۇملاشقان ئۈستى ماشىنىدا سىرىلغان قارا قىشلىق چاپان، كۆڭلەك قاتارلىق كىيىملەرنى ئالغاچ كەلگەنىدى. مەن تاغاملار دارۋازىنى تاقاپ سوراققا تارتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، بالدۇرراق ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. رەنا مېنى ئۇزىتىپ قار قۇيۇلۇپ تۇرغان كوچىغا چىقتى. ئىككىمىز بىللە بىر ئاز ماڭدۇق.
ـــ بولدى، قايتىپ كىرىپ كېتىڭ، ـــ دېدىم مەن. ئۇ:
ـــ زېرىكتىڭىزمۇ؟ ـــ دېدى ئايرىلىشقا قىيماي.
ـــ ياق، ھاۋا سوغۇق، ئۆي يىراقلاپ قالدى، ـ_ـ دېدىم مەن.
ـــ ھېچبىر ... ـــ دېدى ئۇ. مەن ئۇنى ئارقىمىزغا يېنىپ رەھبەرنىڭ ئۆيىگىچە ئەكېلىپ قويۇپ قايتماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز ئۇ ماڭا ئېسىلىپ ئىككى مەڭزىمگە ئىككىنى سۆيۈپ قويۇپ، غايىپ بولدى. بۇ تۇنجى سۆيۈش ئىدى. ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشقا تاس قالدىم، ئۆمرۈمدە كۆرۈلمىگەن تۇيغۇ ئىچىدە خۇددى مەستتەك تار كوچىنىڭ گاھ ئۇ يېقىدا، گاھ بۇ يېقىدا دەلدەڭلەپ قالدىم. قۇلىقىمدا ئۇنىڭ «ھېچبىر» دېگەن سۆزى تەكرار ـ تەكرار شىۋىرلاپ تۇراتتى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ شېئىرنى يازدىم:

شاتۇتىنىڭ تىلى چىققاندەك،
تاتلىق تىلىڭ ئاڭلاندى ـــ «ھېچبىر ... »
«ھېچبىر» دېدىڭ ھېچ ئۇقمىغاندەك،
ھەر «ھېچبىر»دا بىر ئاپقۇر مېھىر.


ئاپام كېلىپ ئانىلىق مېھرى بىلەن مېنى ئېلىپ كېتىش ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەر قىلدى. دادامنىڭ ئۆلۈمى، ئۆزىنىڭ بىر مۈشۈكتىن باشقا ھېچنېمىسى يوق يالغۇزلۇق، ئەتە ـ كەچتىن قورقىدىغانلىقى، ماڭا بىر مىنىستىرنىڭ قىزىنى كېلىشىپ قويغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، تۆت قىرىغا سېرىق يىپەكتە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ بېيىتى نەقىش قىلىنغان ئۆزبېكچە ئەتلەس بەل رومىلىنى شۇ قىز ئەۋەتتى، دەپ كۆرسەتتى. مەن ھۆرمەت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن كېچىلەپ سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئانىلىق شەپقىتىگە ئېرىشتىم. بىراق، ئاپام رەنانى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. مەن رەنانى رازىخان ئانىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم. ئاپام رەنا بىلەن مېھرىبان ئانىدەك كۆرۈشتى، ئۇنىڭغا قىلچە «مېنى ئوغلۇمدىن ئايرىماقچى بولغان قىز» دېگەندەك سۆز ـ چىراي كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى خۇددى ئۆز چېچىمۇ ـ ئەمەسمۇ دېگەندەك يەشتۈرۈپ تاراپ قويدى، كېچىسى قوندۇرۇپ قېلىپ يېنىغا ئېلىپ ياتتى. ئاپام دوختۇر، جەمئىيەتچى ۋە شائىرە ئىدى. ئەتىسى ماڭا:
ـــ رەنا بىر قانچە گۈزەلنىڭ بەدەن ۋە ھۆسنىنى بىر گەۋدە قىلغان چىرايلىق زىبا قىز ئىكەن. ئەقىل ۋە ئەدەپ، كىشىلىك پەزىلىتىدە كامىل ئىكەن. سىزنىڭ سۆزىڭىز، ئۇنىڭ يۈزى مېنى قايىل قىلدى. توي قىلايلى، مەنمۇ قايتىپ كېلىپ نەۋرىلىرىمنى كۆرەي، ـــ دېدى. رازىخان ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى روھلىنىپ كەتتى.
ـــ شۈكرىللانى ئۆز بالامدەك كۈتۈپ ئۆستۈرگەنىدىم، قاچان، قەيەردە توي قىلاركىن، كۆرۈشكە نېسىپ بولارمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئىنشائاللا، بۇ كۈنگىمۇ نېسىپ بولىدىغان بولدۇم، ـــ دېدى رازىخان ئانا.

رەنا بىلەن كونىراپ كەتكەن «ۋېلىس» ماركىلىق جىپ ماشىنىغا چىقىپ ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى ئىشخانىسىغا بېرىپ نىكاھ قەغىزى كەستۈرۈۋالغىنىمدا، قانچىلىك «زەپەر تەنتەنىسى»گە چۆمگەنلىكىمنى تەسۋىرلىيەلمەيمەن. بۇ ئامەت ماڭا خۇددى چۆچەكلەر ياكى قەدىم ـ قەدىم زامانلاردىكى ھېكايە داستانلاردىكىدەك تولىمۇ ئەپسۇنكار ئىدى. قولۇمدا قىزىل نىكاھ قەغىزى، قېرى شوپۇر ھەيدىگەن، ئۇ چاغلاردا رەنالارنىڭ مەكتىپىنىڭ بىردىنبىر پىكاپ ماشىنىسى بولغان كونا «ۋېلىس»دا كېتىۋاتقىنىمنى مەن ئالەم كېمىسىدە يۇلتۇزلار ئارا ئۇچقان كوسماناخلاردىن ھۇزۇر سېزەتتىم. بۇ كۈنلەر يۈزلىگەن گۈللۈك پىكاپلار بىلەن توي مەرىكە كارۋىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى يىگىتلەردە بولۇشى تەبىئىي بولسىمۇ، بۇ ئەقىل ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شاد ـ ھۇزۇر كەيپىياتى ئۇ يىگىتلەردە بولۇشى ھېلىمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ناتايىن!
رازىخان ئانام باشلىغان قىز سورىغۇچى ئەلچىلەر رەنانىڭ رەنانىڭ ئاتا ـ ئانىسىدىن رازىلىق ئالغاندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە رەنانىڭ يېقىنلىرى توي تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئادەم كۆكسىگە توشقان يۈرىكى ئورنىتىۋالغان بەزى ئادەملەر، خۇددى ئېقىن سۇدىكى لوجىلاردەك سۆرىلىپ چىقىشتى.
ـــ بىز ساڭا كۆيۈنىمىز، ئاداش. توينى ئەل قاتارى توي زالىدا ئۆتكۈزمەي، ئۆيدە ئۆتكۈزگىنىڭ ياخشى،ــــ دېدى ئۇلاردىن بىرى.
__ بىز ئىنچىكە ئويلىدۇق. سېنى كۆپ كىشى تونۇيدۇ، تويغا كۆپ ئادەم توپلىشىپ كەتسە، بېشىدا قالپىقى يوق يولداشلارنىڭكىدىن كۆپرەك كىشى كەلسە، تەسىرى ياخشى بولماسمىكىن دەيمىز،ـــ دېدى يەنە بىرى.
ـــ بۇ مەن ئوڭچىنىڭ نىكاھ مۇراسىمىلا ئەمەس، يەنە رەنانىڭ تويى؛ ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاتا ـ ئانىمىز ۋە تۇغقان، دوستلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم ئىشى. ئۇلارغا مەن خىزمەت ئىشلىيەلمەيمەن،ـــ دېدىم مەن. ئۇلار تويغا تەييارلىغان يېمەكلىكلەر بىلەن مېھمان بولۇپ چىقىپ كېتىشتى.

توي تەييارلىقى قانداق بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. توينى رەنا ئۆزى ۋە دوستلىرى تەييارلىدى، دېگىنىم تۈزۈك. توي زالىغا ئادەم لىق تولدى. ئۇلار ئۈچ يىلدىن ئىلگىرىكى كۈرەش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەسسە، ھەسسىلەپ كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ چاقىرىلغىنىدىن چاقىرىلمىغىنى، مەكتەپ ئىچىدىكىلەردىن مەكتەپ سىرتتىكىلىرى كۆپ بولدى. تويغا مۇئاۋىن رەئىس، گېنېرال مۇھەممەت ئىمىنوف، كۆپلىگەن يازغۇچى، شائىر، سەنئەت ئۇستازلىرى كېلىشتى. بىر تۈركۈم سەھنە سەنئەتچىلىرى ئۆزلۈكىدىن كېلىشكەنىدى. ئابدۇگۇل ئاكامنىڭ سۇنىيى، ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ قىزىقچىلىقى، قەمبەر خانىم، مەريەم ناسىرنىڭ ئۇسسۇلى، رابىيە مۇھەممەتنىڭ ناخشىسى، ئابلا ھامۇتنىڭ ئاكاردىيونى، قۇربان ئىبراھىمنىڭ راۋابى بۇ توينى «خەلق تويى» پەللىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ئاپەتتە تەڭ يىقىلغان يۈرەكلەرگە ھەممە نەرسە ئايان ئىدى. ئۇلار تاكى كەچكى سائەت تۆتكىچە مەشرەپ قىلىشتى. كەچتە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرى تونۇشلارنى تېپىپ قونۇشۇپ، ئەتىسى ئۆيدە يەنە بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشتى.
توي كېچىسى ئاپام، رازىخان ئانام، ئايشەم خېنىم قاتارلىق پېشقەدەملەر رەنانىڭ ئانىسى بىلەن بىللە قوندى.
ئەتىسى ئاپام رازىمەنلىك بىلەن رەنانى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ، قولىدىكى ئۈزۈكنى:
ـــ توي ئۈزۈكىنى سوقتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىدىم. مەن ئوغلۇمنى يۇلۇپ ئېلىپ كېتىمەن دەپ يولغا چىققاچقا، توي تەرەددۇتى قىلالمىدىم. تويىڭىزغا بىر ئالتۇن ئۈزۈك، بىر پىكاپ مېنىڭ بوينۇمدا،ـــ دەپ سۆزلەپ تۇرۇپ رەنانىڭ سىنچىلىقىغا سېلىپ قويدى (دەرۋەقە، 1982 ـ يىلى مەن رەنا بىلەن فرونزى شەھىرىگە بارغاندا، ئۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى ـــ 1975 ـ يىلى قاراقچى قولىدا قازا قىلغان ئاپام بۇلانغاندىن كېيىنمۇ تېلېۋىزور كەينىگە تىقىپ قويغان تويلۇق نۇسخىسىدا ئىشلەنگەن ئالتۇن ئۈزۈك ساقلىنىپ قالغانىدى. ئاپام يەنە بىر پىكاپ ئېلىشقا يېتىپ ئاشقۇدەك پۇلنى ئامانەت بانكىسىغا قويغان بولۇپ، بىز رەنا نامىغا كىچىك ماشىنا ئېلىپ ھەيدەپ قايتتۇق).

ئاپام تۇيۇقسىز كېتىدىغان بولۇپ قالدى. سوۋېت باش كونسۇلخانىسى پاسپورتلۇقلارنى تېزدىن قايتىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىلىپ مۇددەت بەلگىلەپ بەرگەن.
رەنا بىلەن ئىككىمىز ئۇنى جىپ ماشىنىدا ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا ئۇزاتتۇق. ئاپام رەنانى سۆيۈپ باغرىغا باسقاندا رەنا قولىدىكى بارلىق ئۈزۈكلىرىنى ئاپامغا سوۋغا ـ يوللۇق تۇتتى. ئاپام ئۇنىمىغانغا قويمىدى. بۇ ئۈزۈكلەر ئاپام قازا قىلغاندىن كېيىن، قالغان ئۆي ـ بىساتلىرى قاتارىدا قولىمىزغا تەگدى. تەقدىر قولىدىكى ئۈزۈكلەرنى ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىر نىكاھلانغان ئىككى ئوغلىمىزنىڭ ئاياللىرى ـــ كېلىنلىرىمىز قولىغا رىشتە قىلدى.

ئاپام ئايروپىلانغا چىققاندا رەنا بىلەن ئىككىمىز كۆز يېشى قىلدۇق. كېيىن بىر ـ بىرىمىزنىڭ يېشىنى سۈرتۈشتۇق. كىم بىلسۇن، ئانچە كېچىكمەي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى، چېگرا تاقالدى. ئاپامنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش غايىسى خۇددى يالتىراپ يوقالغان ھەسەن ـ ھۈسەندەك غايىپ بولدى. ئۇ ئۆز مەكتۇپلىرى بىلەن ئاھۇ ـ زارغا تولغان شېئىرلىرىدا پەرياد چېكىپ قالدى. مەن «مەن چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» قاتارىدا تەكرار ھاقارەت، ئۆي ـ خەت ئاختۇرۇش ۋە تەرتىپكە ئۇچراپ تۇردۇم. شۇنداقتىمۇ ۋىسال ئۈمىدى قەلبلىرىمىز كۆكىدە ئۆز جىلۋىسىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. كىم بىلسۇن، ئايرودرومدا قۇچاقلىشىش ئاخىرقى ۋىسال بولۇپ قالغانىدى ...
مەن ئاپامنى ئۇزىتىپ قايتىشتا بىر پارچە شېئىر يازغانىدىم، ئاپامنىڭ شېئىر مىراسلىرىدىن مۇنداق بىر پارچە غەزەل يازغانلىقى مەلۇم بولدى:

كۆزۈم ئارقىدا قالدى، كەتكىنىمدە ئۇشبۇ دەرگاھتىن،
چىدىيالماي داد ئېتىپ قەلبىم جۇدا بولغاندا بەرنادىن.
بېشىمدا جەبرىلىك كۈلپەت، نەسبى بولسىمۇ غۇربەت،
يۈسۈپۈم قالدى كەنئاندا كۈلۈپ مەغرۇر تەمەننادىن.
ئۆزۈم يالغۇز دىلىم غەمناك، غەزەلدىن ئۆزگە يوق دىلبەر،
بەئەينى نۇر كەبى ئۆتمەكلىكىم قىسمەتمۇ دەريادىن.
سىياھ بىرلە كۆزۈم ياشى ماڭا ئۈلپەت مەلەك گويا،
ئاقار سىنەمدە بىر چەشمە ھېسابسىز دۈرى مەنىدىن.
شۈكۈرۈم، ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم،
ۋەتەننىڭ خاكى ھەمراھى شىپالىق ئىبن سىنادىن.

(dawami bar)

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: resimler   30.04.10 15:01

bala waqti, a'ilisidikiler




alimning ata-anisi


oqughuchiliq waqitlar


yash waqti


rena


muhebbettiki bir jüpler


toy murasimi


meng'gülük bir jüpler


muhebbet chéchekliri


almutida tuqqanlirini yoqlap barghanda chüshken süret





arifliq yishidiki alim




alimning qebrigahi

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
korshat
8.tomuz
avatar

Yézilmilar Sani : 325
töhpe : 615
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 34
Orni : Deutschland

YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   01.05.10 6:44

men Abdushkur Muhemmetinimning ayali toghurluq yazghan anda munda geplirini eserliride korup qalattim. u < oqutquchi > digen esride mandaq yazghan idi.
-----oquttuchini kesip almashturushqa, mensep tutushqa dewet qilghan ayal eslide oz iriige ixtiyarliqi bilen emes nailaj tegken ayal. undaq ayal oz irini uning ijdimayi qimmiti bilen qoshup turup soygen ayal emes. bundaq ayallar pat-patla irini pesleshturdighan kotuldashlarni qilmay turalmaydu. -----

yene bir yerde Abdushkur Muhemmetimin " bir er kishi uchun mohim nersidin uchi bar : birinjisi bilim, ikkinjisi pul, uchunjisi yaxshi bir xotun " digen gipinimu korup qalghan idim.

Alimning mushundaq utuq qazinalishida uning ayalining roli choqum bek mohim bolghan. ularning yuqirda sozlengendek sap muhebbiti we ayalining her waqit alimni qollishi uning bilen japadimu halawettimu bille turup medet bolghanliqidin alim hazirqidek muwapiqiyetlerni qalduralighan dep oylaymen.

bek yaxshi yizilghan eserken jumu bu, men alimning bu esirni emdi koruptimen, koprek muhebbet eserlirini yazghan bolsimu boptiken. ras gepni qilsam bu eserdikidek bir muhebbetke intilish peyda boldi mende. Embarassed I love you I love you

_________________
Büyük insanlar yingi pikirlerni tartishar,
Normal insanlar Netijini tartishar,
Kichik insanlar Kishilerni tartishar.
Choqqigha qaytish Go down
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   01.05.10 7:17

korshat wrote:

-----oqutquchini kesip almashturushqa, mensep tutushqa dewet qilghan ayal eslide oz iriige ixtiyarliqi bilen emes nailaj tegken ayal. undaq ayal oz irini uning ijdimayi qimmiti bilen qoshup turup soygen ayal emes. bundaq ayallar pat-patla irini pesleshturdighan kotuldashlarni qilmay turalmaydu. -----

mesile mush yerde, miningmu bishimni aghritidu bu, turup oylap qalimen, birip ashu sehraning sehrasidin eng sadda uyghur qizidin birni tipip kileymiki dep, yirtiq kigizlerde öyde tutsimu qaxshimaydighan... chataq yiri ma nimislar unimaydide til ötkilidin ötmidi dep:-(

korshat wrote:

bek yaxshi yizilghan eserken jumu bu, men alimning bu esirni emdi koruptimen, koprek muhebbet eserlirini yazghan bolsimu boptiken. ras gepni qilsam bu eserdikidek bir muhebbetke intilish peyda boldi mende. Embarassed I love you I love you

rast deysen, bu eserni oqup menmu nechche kün boldi oltursam qopsam xiyal shuningda lol!

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   02.05.10 4:42

awu yash waqtidiki resimi Lutpulla mutellipning bir resimige bek oxshap qalidiken. rast bu alimimizmu taraza yultuz türkimige teweken (bundaq nersilerge bek ishinip ketmisemmu gerche), heq-naheq üchün qaynapla yüridighan adem boloshi mumkin Smile

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   02.05.10 5:13

yingi yiziq nusxisi:

Ilawe: uyghur xelqining meshhur alimi, talantliq edibi, töhpikar baghwini, mol méwilik proféssori abdushükür muhemmetimin 1933 - yili 9 - ayning 28 - küni atushning meshhedke tutash baghériq kentidiki oqumushluq a'ilide dunyagha kelgen bolup 1995 - yili 2 - ayning 27 - küni alemdin ötken. U hayatida «farabi we uning pelsepe sistémisi», «uyghur pelsepe tarixi», «gherbiy yurt tashkémir seniti», «qutadghubilik xezinisi»,«uyghur muqam xezinisi», «qarliq tagh shejerisi», «qedimki merkiziy asiya», «sewdaliq te'ejjüpnamisi», «yipek yolidiki toqquz hékmet», «uyghurlarda islam medeniyiti», «a'ile» ... Qatarliq bibaha eserlerni yazghan bolup, «izgülük mala'ikisi» namliq bu esirimu alimning yene bir katta esiri bolup hésablinidu. bu eser alimning eslime xaraktérlik ikki esirining birsi bolup, uningda alim ayali rena mexsut bilen tonushush we a'ile qurush, shu jeryanda bir - birige hemdem bolup ortaq izdinish, xelqning meniwi bayliqini qézish jeryanidiki semimiy qollashlarni eng tipik misallar arqiliq bayan qilghan bolup, u bu eserni yézish sewebi heqqide toxtilip mundaq yazidu:
«Men, méningdin yette yash kichik we manga 37 yildin béri eng söyümlük kishi bolup kéliwatqan ajayip ayal jins üstide yéshim 60 qa kirgendin kéyinla bir qisse yézish qararigha keldim. Derweqe, men uning nurane gül hösnini deslep körginimdin kéyinla u heqte lirikilar, hörmet xatiriliri, kéyinche ruba'iylar we épizotluq eslimiler yazghanidim. 20 Yashtin kéyinki otluq yashliq lirikiliri, uningdin kéyinki hékmetlik ottura yashliq ruba'iyliri bilen bu qisse yiltizdash bolsimu, emma yéshim 60 qa kirgendin kéyinki bu qisse öz meniwi xezinisining tawlanghanliqi bilen ayrilip tursa kérek. Kishiler hemishe qandaqtur 18 - 20 yash bilen 30 yashtin ilgiriki mezgillerni ishiq - muhebbet dewri déyiship köngen, emeliyette yashanghandin kéyinki yillardiki muhebbetke uni tengleshtürgili bolmaydu. ‹Qapqara qunduz chachlar› bilen ‹etir bergidek yumran yüzler› ornigha aqarghan chach we ejir qoruqliri chüshken yüz almashqan. Emma, bu aqarghan chach we qoruq chüshken yüz insan qelbi, xaraktéri, ejri we qimmitining bir ömürlük baha namisi bilen tamghilanghan. Men ‹ izgülük mala'ikisi›ni yézishqa tutundum. Bu men üchün öz - özümni téximu yaxshi chüshenginim, özümning insanni chüshinish, izgülük jawahiratliq bilen tolghan xezine qelb, ülgilik ayal jinsni téximu yaxshi chüshenginimning uchquni bolush bilen bille, u yene méning bu qisside teswirligen aliyjanab rohiyet namayendisige bolghan insaniy minnetdarliq, mejburiyet - burchumning bir az bolsimu ipadilinishidin yanghan yalqun!
Derweqe, u perzentlirimning, esirler dawamida alemge köz achidighan newre - chewrilirim we ularning chewre - ewrilirining pak nesebtin ilhamlinip, pak nesebtin pexirlinip, pak nesebni dawamlashturushi üchün eng yaxshi miras!»
Alimning öz béshidin kechürgen hayat sergüzeshtliri gerche nurghun bolsimu, lékin u haman ümidwar yashighan. Chünki, uninggha medet - ilham bérip turghan pak qelb igisi, balilirining anisi, özining ömürlük hemrahi bolghan rena mexsut hayatqa, muhebbetke bolghan ishenchisini künsayin ashurup barghan.
Qaysidur bir edib «muweppeqiyet qazanghan her bir erning keynide uni qollap kéliwatqan japakesh ayali bolidu» dégeniken. Derweqe, alimning «izgülük mala'ikisi» dégen bu esiridin körünüp turuptiki, uning qisqighina ijadiyet hayatida nurghunlighan tetqiqat netijilirini royapqa chiqiralishi bir tereptin, özining tirishchanliqi bilen munasiwetlik bolsa; yene bir tereptin, ayalining qollishidin, emeliy shara'it yaritip bérishidin ayrip qarighili bolmaydu.

«Izgülük mala'ikisi»de alimning muhebbet sergüzeshtisi nahayiti pasahetlik bilen bayan qilinghan. Uningdin alimning turmushtiki muhebbet - nikah ishlirigha bolghan qarishini biliwélish imkaniyitige érishish bilen bille muhebbet seweblik yaritilghan ilmiy emgeklerning qimmitige bolghan tonushimizni chongqurlashturalaymiz. Alim muhebbet seweblik chong tallashqa, yeni bu yerde qélip yaxshi körgen adimi bilen turmush qurush we bu yerning japalirini tartish; yene biri anisi bilen chet elge chiqip kétip bayashatliq turmush kechürüshtin ibaret tallashqa duch kélidu. Ene shundaq tallash aldida alim anisining teklipini qobul qilip xatirjem hayat yolini tallimastin, özining insaniy tuyghusini qedirleshni hemmidin ela bilip, «küsen qizi» rena mexsut bilen toy qilish meqsitide ürümchide qélishni qarar qilidu. Anisi ilajsiz 1962 - yili 4 - ayda bu «ensiz yillardiki ashiq - meshuqlar»ning toyini qilip qoyup, dunyaliqtiki yalghuz oghlini teqdirge tapshurup, bishekke qaytip kétidu we oghli bilen izchil xet alaqisi qilip turidu ... Kim bilsun, alimning ashu tallishi axirqi hésabta bu ikki ashiq - meshuq üchünla emes, eng muhimi pütün xelq üchün eng paydiliq boldi. Mubada alim abdushükür muhemmetiminning rena mexsutqa bolghan muhebbitining ornini chet elge chiqishqa bolghan hérismenlik igilep ketken bolsa, yuqirida tilgha élinghan qimmetlik eserler yézilmighan, yézilsimu hazirqidek chongqurluqqa érishelmigen bolatti. Shuning üchün, biz alim abdushükür muhemmetiminni öz muhebbiti arqiliq ana wetende ching tutup qalalighan rena mexsutqimu qayil, elwette!


Qéni «izgülük mala'ikisi» namliq bu eserni oqup baqqaysiler.


Izgülük mala'ikisi
Abdushükür muhemmetimin


Izgü muhebbet

Emel shöhret déseng qashingda hazir,
Bayashat rozighar bashingda nazir.
Yéshing on yettide, tutma qolumni,
Emes shahzade men, külpetlik tahir.


1 - Bab. Teqdir

Qaysi quyashning nuri u,
Qelbimge bexsh etken bahar.
Qaysi baharning güli u,
Tökken muhebbettin ipar.

Teqdir karamitini bashlashtin burun bésharitini yetküzse kérek. 1955 - Yili yigirme ikki yashqa tolghanliqimni xatire süretke chüshüsh bilen ötküzüsh üchün shi'en shehirining ghol restisi «sherqiy chong bazar» (dung dajé)diki bir süretxanigha kirdim. Kim bilsun, chaplap qoyulghan nusxa süretler arisida méning tunji qétim bu sheherge 1950 - yili on yette yéshimda gherbiy shimal besh ölke oqughuchilar qurultiyigha kelgen chéghimda chüshken süritim közümge chüshti. Süretke men qeshqerning sipta ishlengen badam doppisini kiyip chüshkenidim. Közüm méning süritimge yanmuyan qilip qoyulghan bir qizning süritige chüshti. Bu on üch yashlardiki uyghur qizining süriti idi. Men bu chaghda gherbiy shimal uniwérsitétining pelsepe aspiranti bolup, oqushni tamamlashqa bir qanche ayla qalghanidi. Béshigha shepke kiyip, boynigha pi'onér galstuki taqighan bu nareside qizning kimlikini, qeyerdilikini, bu süretke qachan chüshkenlikini süretxanidikilerdin sorash epsiz idi. Qiziqi, shunche köp menziriler arisida her ikkimiz sozuq romba shekillik dérize menzirisi aldida süretke chüshkenikenmiz.
Shu yili men oqushni tamamlap, ana mektipim shinjang uniwérsitétigha (u chaghda «shinjang instituti» dep atilatti) qayttim.
Ajayip teqdir möjizilik bésharitini yene körsetti. 1955 - Yilining küz pesli. Ürümchining jenubiy étikidiki baraqsan ulanbay sayliqi sherqiy töpilikke jaylashqan «qizil turna»(xungyenchi) kölide chömülüwatattim. Birdin bir qizning puti tartiship qaldimu, éhtimal, ilgiriki erkin su üzüsh iqtidarini yoqitip, sugha bir chöküp, bir leylep azabliniwatqanliqini körüp qaldim. Uni mendin burun qirghaqtiki bir qanche yigit körgen we sugha sekreshkenidi. Men ulardin bu qizgha xélila yéqin ariliqta bolghanliqim üchün uni qutuldurup, qirghaqqa élip chiqtim. U üstige ghujmek - ghujmek qilip türüp tikilgen qizil ayalche su üzüsh kiyimi kiygen, chéchini arqisigha chilgidek tügüwalghan bolsimu, xeterlik jiddiylikte chéchi at yaylidek chuwulup ketken uyghur qizi idi. U téxi sugha chöküp tunjuqup qalmighachqa tézla hoshini yighip, némidindur qorunup, tézla quchiqimdin turup:
_ Sizge rehmet, aware qildim, _ depla yiraqlap kétip qaldi. Men uni bir yerde körgendek qildim. U kimdur, ürümchige yéqinda kelgendek qilghanliqigha qarighanda, men uni qeyerde uchrattim, dep oylidim. U körüngüdek ariliqta kiyimlirini kiyip sheher terepke qarap yürüp ketti. Men uning yiraqtiki sholisini u közümdin ghayip bolghuche közitip turdum. U ghayip bolghanda, uni shi'endiki süretxanida méning süritim yénida ghayibane süret arqiliq körgenlikim birdinla ésimge chüshti. Tizimgha bir shapilaq urdum: «etteng, némishqa men sizni körgen» démigendimen! Derweqe, arqisidin sokuldap bérishning orni yoq idi. Yénimdikiler manga oliship yashlarda bolidighan chaqchaqlirini qilishti.
Aridin ikki yil ötti. Dölet weziyitide muhim özgirish yüz berdi. 1957 - Yili yazliq tetildin yighilghandin kéyin mektipimizde hemme idare - karxanilargha oxshash «istil tüzesh» namida atalghan «ongchilliqqa qarshi turush herikiti» bashlandi. Heriketning deslepki basquchida «matériyal öginish» élip barduq. Fakultétlar bir qanche türkümlerge bölüngenidi. Qaysidur xasiyetlik bir kün teqdir özining bésharitini yene bir qétim körsetti. Bizning guruppimizgha yéngidin béyjing ussul instituti aspirantlar sinipini tamamlap kelgen yash mu'ellimeni tonushturup öginish bashquridighan kadir kirip keldi.
Némisini éytay: dunyada güzellik ajayip temtiretküchi jezibe we shertsiz teslim qilghuchi qudret - he! Emma, güzellikler ichide yene güzellik bolidu. U xuddi aldimdin didar perdisini siyrip chiqqan mushu sahibjamaldek kishini eqliy muhakime we zéhniy közitish hoquqidin birdinla mehrum qilidu. Bu yash mu'ellime qolumda yer yérilip, zembirekler étilip ketkendimu chüshmes jahil qelemni ixtiyarsiz chüshürüwetti. Men uning, uning jamalida tawlinip turghan yaratquchi ijadiyitining eng kamal hüner maharitige sinchilap qarashqa charisizla qaldim. Uninggha qarash mumkin emes, peqet bir qétimla we birinchi qétimdila tuyuqsiz qarap, güzellik séxiyliqining uningdiki epsunkar gülshinidin heyranliq we bi'aramliqqa chömüshtin bashqa yolum yoq idi ...
U béshigha alma uruqi rengdar duxawigha aq sériq zer basqan doppa kiygen, üstige toq kershiniway kastum - yopka kiygen, putigha qara ara pashniliq topley kiygen, ikki örüm uzun qunduz chéchi oshuqigha chüshken, gül yüz, ahu köz, özini tutqan, xush pichim qiz idi. Men u ishiktin kirip bir hazadin kéyinla uni tonuwaldim. Uning oyulup turghan oynaq qara qumchaq közide uningmu méni bashqilargha qarighanda perq qilghanliqini ipadileydighan sadda, emma rastchil tuyghu tebessum jilwisidin bilinip turatti. Uning arimizgha kirishi bilen institutimizning senet fakultéti ussul kafédrasi pütün terkibiy bilen bizge qoshulup ketti.
Men shu küni peqet uning ismining rena ikenlikini we uning béyjing ussul mektipidin ilgiri shi'ende gherbiy shimal senet mektipini tamamlighanliqini bildim. U shi'endiki süriti bilen ikki yildin ilgiriki köl boyidiki halitidin tolghan bolup, yéshi on yettige kirgenidi.
Uzun qilip, qatar qoyulghan üstelde u men bilen udul olturup toxtimay xet yazatti. Bu chaghda u üstidiki kastumini yéshiwetken bolup, bedinini neqishlengen halreng kopta yépip turatti.
Teqdir yene chaqchiqini qildi. Dem élish waqti shunche qisqa bolsimu, yénimdiki kesipdashlirim uni chöridiwaldi. Qazaq yigiti baytursun uning béshidiki zer basqan doppisini élip méning béshimgha kiydürüp qoydi. Qiya - chiya kötürüldi. Men néme déyishni bilmey qaldim. Renaning kesipdashliri bilen méning dostlirim:
_ Yarashti!
_ Sangila layiq iken!
_ Séningla iken! _ Déyiship kétishti. Beziliri doppini béshimdin élip kiyip baqmaqchi bolushqinida, renaning zeynep isimlik yash oqutquchisi, hazirqi hede démetlik kesipdishi:
_ Layiqi tépildi, herkim kiyiwerse bolmaydu, _ dep béshimdiki doppini élip renaning öskileng qunduz chéchi üstige qondurup qoydi.

Bésharet bergüsi teqdiri - qismet,
Uni bunyad qilur himmet - jasaret.
Muhebbet tengrisi atqay sadaq - oq,
Izidin ghunche bop kökler muhebbet.


2 - Bab. Rena _- aq etirgül

Atang künmu, anang aymu,
Yaratqan ghunche jismingni.
Qoyuptu usta qurandaz,
Atap «rena» i ismingni.

Yol basqanséri échilidu we kéngiyidu. Söygü yolimu xuddi shundaq. Rena bir qanche kün ichide bitab bolup yétip qaldi. Bilmeymen, néme üchündur uni ikki kündin béri körelmigenlikimge bi'aramliq hés qilidighan bolup qaldim. Axir arimizdiki yéshi chongraq guruppa bashliqi abdulhélim akini élip renaning öyige uning késilini yoqlighili barduq. U atisi qawul axun, anisi toxtixan acha bilen bir a'ilide turatti.
Qawul axun ata öre boy, kélishken, aq köngül, besh waq namaz kishi bolup, kéyinki yillarda renaning éytip bérishiche, u kichikide «shötang» dep atilidighan mektepte oqughan bolup, kéyinche sowét - shinjang soda shirkiti «saw - sin torik»de birinchi ewlad tére - moy ishchisi bolghan we moyka qurulghanda priyumchik bolup ishligen. Salapetlik, shepqetchan, merd bu kishi renaning oqumushluq bolup yétilishi üchün tolimu köngül bölgen. Toxtixan acha qawul axun atidin xélila yash bolup, illiq chiray, xush pichim, méhmandost we méhriban ayalliqi bir qarashtila kishini söyündüretti. Ular sirtqi öyde, kang - supa üstide olturghan yerliridin qozghilip bizni kütüwélishti. Biz bir az paranglashqandin kéyin, abdulhélim akining ishariti bilen men ilgirirek ichkiriki öyge kirip kettim. Bu renaning xas öyi bolup, ata - anisi boyigha yétip qalghan bu yégane perzentige bu öyni chirayliq gilem we jahazilar bilen yasidaqlap bergen. Öyge tizip qoyulghan chirayliq qizil qonchaqlar bilen balilar télfuni, gül séwiti qatarliq oyunchuqlar renaning téxi ösmürlük rohiyitidin ayrilip ketmigenlikini körsitip turatti. Shérin uyqugha ketken renaning kariwiti yénigha keldim. U bedinini qizil durdun yotqanda yapqan halette kariwatta yatatti. Bitapliqta biseremjan yatqan kishilerdin tüptin perqliq bolghan bu xush chirayliq yétish manga uning öz - özini qedirlesh tuyghusini chüshendürdi. Uning yénida zukam doriliri turatti. Rena közini échip ornidin qozghalmaqchi bolghanidi, men unimidim. Ikki éghiz hal sorash gépini tolimu ongaysizliqta éyttim - de, sirtqi öyge chiqtim.
_ Démidimmu uyquda, dep, _ dédi abdulhélim aka.
_ Men oyghitay, _ dep qozghaldi toxtixan acha.
Biz unimiduq we xoshliship chiqip kettuq.
Rena tézla saqiyip ketti. Men uni ularning ussul dersxanisidin taptim. Dersxana «qizil bina»ning gherb teripidiki birinchi qewette idi. Udul tam pütünley eynek bilen sholilandurulghan, asti taxtayliq bu sinipta rena özi yalghuz xet yéziwatatti. Ishiktin kirishim bilen u tunji qétim dostane iltimas qildi:
- Qérindash qelem sunup ketti, uchliyalmidim, _ dédi. Men uning qolidiki qelemni qelemtirach bilen uchlap berdim.
_ Ejeb yaxshi eynek iken bu, qéni bille «süretke» chüshüwalayli, _ dédim men, uning bilen bille eynekte körünüsh üchün. U üstige népiz aq nawatreng könglek kiygen, béshigha eyni yillarning aditi boyiche aq chimen doppa kiygenidi. Méning üstümde aq könglek, kershiniway shim, özüm yalang bash idim. Rastchil eynek ikkimizni ikkimizge eynen körsitip turatti. Uning boyi mendin zilwa we yigirme santimétirche pakarraq bolup, ikkimiz ghayidikidek yigit - qiz iduq.
_ Ömrümde mundaq chong, mundaq köngüllük we untulghusiz süretni körmigenidim, _ dédim men. U:
_ Shughinisi bu süretni süretxanidin élip ketkili bolmaydu, _ dédi.
Men uning yénida uzun turushni bizenglik dep hésablidim éhtimalim, uningdin ayrilish aldida:
_ Undaqta bu süretxanigha pat - pat kélip süretke chüshüp tursam bolghudek,_ dédim.
_ Merhemet! _ Dédi u sinip ishiki bosughisida méni uzitip.

Dostlirim bilen renaning dostliri bizge xeyrxahliq qilidighan bolushup qaldi. Ulardin bir qanchisi yigit - qiz bolushup men bilen renani élip eyni yillardiki bük - baraqsan ulanbay ormanliqigha seylige chiqtuq. U chaghlarda ünalghu (magéntafon) bolmighachqa, tembur éliwalduq. Yéterlik samsa, ichimlik we dalada pishurush üchün kawapqa lazimliq nersiler we foto apparat éliwalghaniduq. Seylimiz sayiliq derexler tégide, chimliq arisidiki süzük bulaq boyida köngüllük bolatti. Men bilen rena tughma aditimiz boyiche ochuq, emma kem söz iduq. Men yigitlikimge élip tolimu échilip - yéyilip kétishni, gep bilen maxtinip sorunni igiliwélishni, köz aldimda turghan maxtap köklerge uchurushni we birer ilmek yaki meniside ishqiy ibariler yoshurunghan tekellup geplirini qilishni erlik qedir - qimmiti we kishilik pezilitige layiq bolmighan chakiniliq dep qarayttim. U chaghlarda «yamantagh» baghrida téxi tömür yol yoq idi. Biz tagh baghrigha chiqtuq, tashlar arisida möküshmek oynashtuq. Bir chaghlarda bi'ologiye fakultétida oquwatqan chaghlirimda pali'antologiyilik tekshürüsh üchün bizni proféssor ju bu taghliqqa élip chiqqanidi. Men arilap qiyaq, adrasimanlar ösken bu tashliq taghdin ötüwétip, renani töwendin tartiwaldim we qolumni tash tiliwetti. Rena «wiyey» dep eyminip ketti we kichik apaq qolyaghliqida qanap qalghan qolumni ching téngip qoydi. Bu «kichikkine qurbanliq» bilen «kichikkine pidakarliq» özining tunji ipadiside qan bilen bashlandi we pakliq belgisi bolghan apaq qolyaghliqi bilen tamghilandi. Shunisi xatire qimmitige ige, renaning aq yaghliqida, u bixewer bir rishte _ uning qunduzdek bir tal chéchi manga ömürlük hediye bolup qalghanidi.
Ulanbaydin qaytishida udul yol bilen kétishni oylap yolgha chiqtuq. U chaghlarda ürümchi deryasi téxi saqlanghan bolup, adette u yer - bu yerde tarqaq sular aqatti, kelkün kelgende hetta mashina, at - harwilarmu ötelmey, köwrüklerni su yalap, qatnash qiyinchiliqi hasil bolatti. Qish künliri hazirqi jenubiy shinxu'a yoli we ürümchi deryasi boyi muz bilen qaplinatti, mektep udulida muz üstide kanki téyilip chong köwrükkiche muz téyilip oynayttim. Shé'irlirim arisida shinjang uniwérsitéti köli üstide qishta kanki oynawatqan balilar we yashlarni körüp, yashliq chaghlirimda kanki oynighanliqimni eslep yazghan bir shé'irim barliqi ésimde.
Biz tarilip éqiwatqan ürümchi deryasidin ötkende oghullar qizlarni yüdüshke toghra keldi. Néme üchündur hemmisi ikkimizni tashlap qoyup sugha kirip kétishti. Men shimimni égiz türüp, renani hapash qilip ötüshümge toghra kelgenidi. Emma, rena öz ghururigha élip men bilen yanmuyan su kéchip ötti. Néme üchündur, qirghaqtiki dostlirimiz sugha tash étip, yürüshimizni qiyinlashturatti. Men sugha yiqilip chüshmeslikke heriketlinettim. Axir qirghaqqa chiqtuq, biraq balilar bizni shu halette ikki gülxan arisidin ötmigiche qoyup bérishmidi.


3 - Bab. Tunji muhebbet deptiri

Wisal gülini körsetti teqdir,
Tinch qelbimge yéqip muhebbet.
Hijran yolini u achti axir,
Söygü otini kücheytip heywet.

Tangdiki tuman we yaki seher uyquluqidiki shérin chüshtek wisal künliri uzun bolmidi. «Istil tüzesh» dep atalghan heriket dolquni bilen tengla shinjang yézilirida töwen kopiratiplarni omumyüzlük aliy kopiratiplargha kötürüsh herikiti bashlandi. Méni ma'arip nazariti aptonom rayonluq istil tüzeshke rehberlik qilish guruppisining mektipimizdiki «nuqtigha chüshken wekili» salahiyiti bilen jenubiy shinjang yézilirigha bérishimni uqturdi. U manga méning yéza xizmiti tejribemning yoqluqi, bu muhim chéniqish pursiti ikenlikini alahide jékilidi. Shundaq qilip méni dostlirim qeshqerge uzatti. Ularning «yolluq sowgha»liri arisida renaning üstige xenzuche «chingniyen»(yashliq) dégen xet yézilghan qélin xatire deptiri bar idi. Men bu sowghidin héchqandaq gheyriy mene tapalmidim. Tapqinim, peqet renaning pakliqi we dostane héssiyati idi, xalas. Bu danaliq idi!
Yolgha chiqtuq. Eyni yillardiki jenubiy shinjang tashyoli tolisi topiliq yol idi. Men qara yük mashinisi _ zis aptomobilining eng arqisidiki bulungdin orun aldim. Bu quyuntaz ichide püklinip olturush dégenlik idi. Bügürning «kembegheller mehellisi» dégen yéridiki dengde birinchi qétim partiye - ittipaq ezaliri yighini échildi. Hemmimiz qayta tizimlanduq. Qeshqerge barghandin kéyin tagham abdukérim ibrahimning janan kochisidiki targhine öyige kirip, aran bir kün qonalidim. Ata - anilirim sowét ittipaqining frunzi (béshkek) shehirige chiqqanda meslihet boyiche qoyup ketken bir kishilik pasport taghamda idi. Men bir qanche kishi bilen maralbéshigha teqsim qilindim. U yerdin mexmutjan aka isimlik kishi bashchiliqida men, qurban memtéli, ikki xenzu kadir jemiy beshimiz sériqbuya rayonigha teqsim qilinduq. Ish ornimiz shakal awat bazar - kenti boldi. Anche uzun ötmey mexmutjan aka késel sewebidin ürümchige qaytip, yéshim bashqilardin kichik bolsimu, bu xizmet guruppisigha méni mesul qilip qoydi. Men chéchimni chüshürüwétip pütünley qeshqer - dolan yéziliridiki yerlik uyghur yigiti qiyapitige kirip ishqa kiriship kettim. Bu ishlar öz yolida. Qolumgha her küni renaning xatire sowghisini _ yashliq deptirini alattim. Tunji illiq bésharetler tizmisi, yiraqliq we waqit, hijran azabi, séghinish tuyghuliri méning téxi héchqandaq söygü _ muhebbettin su ichmigen boz qelbimge küchlük lezzet sélishqa bashlidi. Közümge qizlarning qolyaghliqqa chigilgen ghoriliri, örükliri, chokanlarning qizil boyap dérizige qoyup qoyghan tuxumliri körünmeytti. Bezide atliq ormanliq - toghraqliq yeken wadisida, bezide shor topiliq yolda, bezide cheksiz ketken buyizarliqta, qisqisi adem yoq janggalda «rena!» Dep warqiraydighan, mejlis üstili üstide bolsa salapetlik muhakime yürgüzidighan boldum. Derweqe, méni mana mushundaq ikki parchigha tilip tashlighanliqini renaning özimu bilmeytti.
Renaning xatire deptirige téxi resmiy muhebbet izhar qilmighan halettiki qelbimni yézishqa kirishtim. Xatire depterning birinchi bétide renaning zeynep sabit bilen chüshken süriti chaplanghanidi. Men üchün bu da'imiy wisal péshaywini we nigar jahannamisi idi. Men bu ajayip meptunkar süretke qarap qanchilap epsunkar tilekler bilen renagha salametlik we bext tiligenlikimni untalmaymen. Men xatire depterning ikkinchi bétige bir dane aq etirgülni we renaning men uning bilen yamantagh étikige chiqqanda qolum qanap rena téngip qoyghan qolyaghliqida qépqalghan bir tal chachni qeghezge awaylap orap chaplap qoyghanidim. Hazir oylisam, bu bir epsunkar destur bolup qalghan we uning qelbidimu men toghruluq oylanmisa bolmaydighan illiq hésdashliq tuyghusini chéliqturghan bolsam kérek. Men dostlargha béghishlap bir qanche qétim xet yazdim. Bu xette ularning namlirini, bolupmu renaning mubarek ismini atayin otluq nepeste tilgha aldim, untulmas köngüllük künlerni qeyt qildim. Emma, renagha atap muhebbet xéti yézishqa yüklengen héssiyatim amalsiz idi ...
Men sériqbuyida ikki yil turup qaldim. Bu mezgilde renaning men uning bilen tonushushtin ilgiriki ehwallirini eske aldim.
Rena özining alte ayliq chéghida ata- anisi bilen bille kuchadin ürümchige yötkilip kelgeniken. «Yangxang» mehellside ösüp chong bolghan. Bu uyghur, özbék, tatar, ruslar toplashqan medeniyetlik rayon idi. Rena ariliqta atisi kuchagha moyka tesis qilip bérish xizmitige barghanda kuchada oqush yéshigha tolup bir yil oqughan, kéyin bashlanghuch mektep terbiyisini ürümchide dawamlashturghan. Uningdin kéyin ürümchi qizlar mektipide oqughan. Azadliqtin kéyin, u gherbiy shimal senet institutining shinjang fakultétigha oqushqa tallanghan. Bu fakultét shinjang institutining senet fakultéti bolup, ürümchige yötkelgende «junggo oqughuchilar - yashlar wekiller ömiki» terkibige tallinip warshawada ötküzülgen 5 - nöwetlik dunya yashlar - studéntlar féstiwaligha qatnashqan. U manjuli - amoriski arqiliq tömür yol bilen keng sibiriye ormanliq rayoni we oral taghlirining sherqiy - gherbiy qanatlirini bésip ötüp moskwa - léningrad sheherliride bolghan. Moskwa uniwérsitéti we junggo konsulxanilirida dölet bayrimi munasiwiti bilen ötküzülgen kechlik senet nomurlirida «dap ussuli»ni oynap, eyni zamandiki molotop, malinkof qatarliq sowét rehberlirining alqishigha érishken. Féstiwal tamamlinip wekiller qaytqandin kéyin, «junggo ékskursiye ömiki» terkibige li shixen (junggo senet akadémiyisi re'isi, publist), zeynep sabitlar bilen tallinip, daniye, islandiye döletlirini ziyaret qilghan. Andirison muzéyi, atlantik okyan, islandiye wolqan téghi, arishang bulaqlirini ziyaret qilghan. Daniye padishahi, xanishi we hazirqi ayal padishah melike qizi bilen balét oyunini tamasha qilghan. U kopénhagén wadisidiki «sahibjamal béliqiz» heykili aldida bu riwayettiki pak qizning ghururluq - wijdanliq obrazidin qattiq tesirlengen we bu heykel aldida süretke chüshken. Kéyinche u béyjing ussul institutida, hazirqi shu mektepning mudiri, proféssori luy yishing qatarliq oqughuchilar bilen oqughan. U chetel aspirantliri bilen bir sinipta telim alghanidi. Men uning béyjing ussul mektipige oqushqa bérish aldida uni shaptul chéchiki yung romalda yiraqtin körgen bolsammu, uning bilen u béyjing ussul mektipini tamamlap qaytqandin kéyin resmiy tonushqaniduq.
Maralbéshidin qayttuq. Pütün jenubiy shinjangdiki xizmet qoshuni derhal teltöküs terkib boyiche ürümchige kélip, öz orunlirimizgha tizimlattuq, dostlirimiz bilen uchrashtuq. Emma, némishqidur ularning rohiyetliri jiddiy, gep - sözliri éhtiyatchan idi. Men rena bilen uning öyidimu, mektep binasidimu uchrishalmidim. Ehwalni mirza'exmet bilen muhemmet nizamidindin xaliy ormanda igiligenidim.


4 - Bab. Xisletlik ékran we xasiyetlik karikatura

Söygü yolida bir chéchek,
Jennet misali bezide.
Amet qushi külgen chéghi,
Göher aqar köz yashide.

Kech küzge yéqinlisimu, hawa issiq teptidin yanmighanidi. Men chüshtin kéyin rus kulubi (hazirqi dostluq doxturxanisi)diki kino élanigha yéqinlap keldim. Yézida kino körmiginimge yérim yildin ashqanidi. Tenha bélet sétiwaldim -de, zalning arqa teripidiki orunduqta olturdum. Etrapimda adem taza zich bolmighachqa, aldinqi qatarda, ottura qatarlarda bosh orun yoq déyerlik idi. U zamanlarda a'ile téléwizorliri bolmighachqa ademler kinoxanigha bas - bas kirishetti.
Bir chaghda yénimgha renaning tursunxan dégen dosti kélip:
_ Sizni chaqiridu, yénida bir kishilik orun bosh, _ dédi.
Men derhal sezdim. Kim chaqiridu, déyishning orni yoq idi. Tursunxangha egiship ottura qatarning ong teripidiki orunda olturghan renagha közüm chüshti. U üstige qara tor, kalte yeng ésil kopta kiygen bolup, chéchini keynige yérim halqa qilip oruwalghanidi. Adem liq tolghan bu héyiqishliq meydanda u men bilen qisqa, emma mezmunluq didarlashti.
_ Mushu yerde uchrishidighan bolduq- de, hemmisidin xewer taptim, _ dédi u. Men uning uni izdep izdep yürginimni uqqanliqini bildim. Derhal sehne qarangghuliship, kino bashlinip ketkechke artuq paranglishishqa bolmidi.
U méning ong teripimde, tursunxan sol teripimde idi. Men ilaji bar, uning népiz kiyimliri, yalingach yumran bileklirige tégip ketmeslik üchün özümni uningdin yiraqlashturushqa tirishattim. U qandaqtur nazuk uchqur tuyghu ritimigha qarshi exlaqiy ang herikiti idi. U méning nezirimde özini xélila erkin, meghrur, salapetlik tutatti. U arilap - arilap mendin kinodiki bezibir weqelikke izahat, naxshilargha izahat soraytti. Tesirlinip ketkende bilikini qimirlitip, öz héssiyatlirini ipadileytti. Bu hindistanning «sergerdan» namliq meshhur kino filimi bolup, uning kéyinki éytip bérishige qarighanda, u bu filimni on nechche qétim körgen. U, bu kinodiki lazining yamghurluq kochida tughulghini, neseb jehettiki qandashliq qarashliri asaritidin bolghan paji'eler, ijtima'iy xarliq - haqaret qatarliq körünüshlerdin yighlaytti. Men renaning muhebbet kinolirini ijtima'iy turmush nuqtisidin közitidighanliqini bildim.
Ürümchige qaytip kelginimdin kéyin, bu sheherde siyasiy hawa pütünley jiddiyliship ketkenlikini hés qildim. Anche uzun ötmey atalmish «chong xetlik gézit»(dazibaw) dégen «keshpiyat» meydangha chiqti. Ismi - jismi namelum «aptomat», «bigiz», «kirpe» dégendek qelem igiliri özi xalighan ademler üstidin dazibaw, karikaturilarni sizip chaplighili turdi. Rena bilen ikkimiz atayin chétishturulup yézilghan bir parche chong qizil qeghez bina ishiki aldigha chaplandi. Bu méni körelmigenler bilen renagha köz tashlap yürgenlerge bolup berdi. Dostlirim üstidimu dazibawlar chiqti.
Men renaning bu chaplanmini körüpla yighlap öyige qaytqanliqini anglap, ichim étildurghan qomachtek bolup ketti. Ixtiyarsiz uning qorusigha bérip qalghanidim. U chaghda u shinjang uniwérsitéti köli ayighidiki bir qewetlik a'ile qorusida turatti. Men uning öyige kirishke jüret qilalmidim we uni shu qorudiki bashqa bir oqutquchining öyige chaqirttim. U méni körüshi bilenla öz dostini körgendekla yighlap ketti. Uni orunduqta olturghuzup, uning yénida öre turup, chong pakit sözlep uni tinjitmaqchi boldum. U béshini töwen sélip, tinimsiz köz yéshi töküp yighlaytti. Uning qunduz chachliri siyliq taralghan, qattiq örülüp, dolisigha éship tügüncheklengechke, uningdin on sekkiz yashliq bu ajayip sahibjamalning xush puriqi güpüldep dimaghqa urulup turatti. Yaltiraq chachlar öz séhriy bilen könglümni ghidiqlaytti. Emma, men öz tuyghulirimni, u hetta otluq gülxan harariti hasil qilghandimu, bolmighur ushshaq heriketler bilen pesleshtürüshni nomus körettim.
Men qanche chong pakitlar sözliginim bilen renaning qizliq mesume tuyghuliridin yamrap chiqqan tunji haqaretlinishke qaratqan pighanliq köz yashlirini toxtitalmaytti. Bu, aq etirgülning tunji yamghur - yéshingha yoluqushi, uning qara qumchaq köz göherlirining tunji elem yashlirida chayqilishi idi. Gerche bu qétimliq köz yéshi we uninggha sewebchi bolghan haqaretname ikkimizning téxi sheretleshmigen söygü héssiyatlirimizni kücheytken we uni jama'et aldida élan qilish rolini ötigen bolsimu, men hazirghiche bu menziridin lerzige kélip titreymen.
Hazir oylighinimda, men renaning köz yéshi bilen bille, uninggha hemra bolup yéshim atmishqa kirgüche köp qétim külüp turghan, chekchiyip turghan qiyapette achchiq - achchiq hesretlinip yighlidim. «Erlik yighisi _ shirning nalisi, körünmeydu yash tamchisi, saqaymaydu uning yarisi» dégen söz bar. Emma, manga nisbeten rena téximu köp yighlidi. U, men üchün hemmidin köp, hemmidin achchiq, hemmidin köyünüp lexte - lexte yighlidi. Men kuhiqap aghzida yaki jehennem ishiki aldida tash yürek boluwalsammu, renaning köz yéshi aldida tériqtek titrep, simabtek quyulimen! Méni haqaretlik sözler, héchqandaq küch ikkilendürelmes idi. Emma, renaning yighisi méni teslim qilduridu. Men özümni yigha - zarsiz muhitqa érishtürelmidim. Eks halda, men renagha kishilik köz yashlirining normisidin halqip ajayip éghir köz yashliri élip keldim! Men uning köz yashliri aldida topan süyide tengridin inayet tiligen nohtek, uningdin kechürüm soraymen. Heyder xarazimi:

«Néchündur izgülükning,
Közliri nem yaralghandur».

Dep yazghanidi. Pakliq, wijdan, ghurur tüpeyli «izgü mala'ike»ning qelbi heqqaniyet we ar- nomus jewherliri bilen chayqalghan köz yashlirigha peywes idi.
Bu qétimliq haqaretnamige ulinip renaning namigha dazibaw yaki karikatura chiqmidi. Méning üstümde anda - sanda chiqqan dazibawlar barghanséri pütün mektep boylap, mexsus manga qaritilghan bir yürüsh dazibawlar tizmisigha aylinishqa bashlidi. Men renalarning öginish guruppisidin ayrilip «mesilisi barlar» guruppisida öginidighan boldum.

Men renani her küni uning öyige, méning ashxanigha qatnaydighan yolimizdiki sémont istolba yénida uchritattim. Uningmu del shu peytke toghrilap yolgha chiqishini bilmeymen. Emma, men ichimge bir ochum chümüle séliwalghandekla, ornumda turalmayttim. Alemning malem bolushi manga muhim emestek qilatti. Muhimi, uni her küni bir qétim körüp, xush tebessum salamlishish idi ...


5 - Bab. U manga ishendi

Manga qarita küresh bashlandi.
Qizil binaning üchinchi qewitidiki zal, tamlargha, qizil qeghezlerge eng axirqi qehri - qabahetlik sho'arlar _ «yoqalsun!» Dégen sözler yézip chaplanghanidi. Del pitne - ighwa romantikisi tesewwur chulwurini qoyuwetken jayda hemmisining mentiqigha isyan qilishini körüshke bolatti.
Mektep partkomining sékrétarini u yerde küresh qiliwatatti. Arqidin méning sehnige chiqishim telep qilindi. Shuning bilen sékrétar sadirning ornigha men chiqtim.
Téxi yigirme besh yashqa kirmigenidim. Manga ikki nerse küch ata qilip turatti. Uning biri, heqqaniyet bolup, men ushshaq - chüshshekke étibar qilmasliq, nadanliqqa sükünat qilish, töhmetni keskin ret qilish pozitsiyisini tallighanidim. Bu heqqaniy roh mendin sewr - taqetni, tehlil we mentiqini telep qilatti. Yene biri, renaning mushu meydanda barliqi, uning méni tunji qétim düshmenlik nezirimdiki qorshap hujum qilish shara'itida közitish idi. Bu bir éghir mesuliyet we ar - nomusluq sinaq idi. Men qandaqtur soraqchilarning «sinaq»lirigha emes, belki renaning sinaqlirigha jawab bérishim kérek idi. Bu erlik burtlirini körsitidighan, ishshiq lirikilirigha tayinidighan, pulpezlik yaki qara küch küchini köz - köz qilidighan sinaq emes, özining xelq we heqqaniyet bilen bolghan wijdaniy alaqilirini ipadileydighan erlik siniqi idi. Bu del renaning ghururi közitip turgha gir chékiti idi. Renaning mushu meydanda barliqini deslep natoghra hés qildim. Halim yaman qalghanda, u mendin «mendin chetnep kéter, oti yoq ochaqqa kim qarap olturidu» dep oylighanidim. Kim bilsun, küresh jeryani uning méni chüshinish, manga hésdashliq, dilkeshlik hetta roshen we keskin hamiyliq jeryani boldi. Men buni sezginimdin kéyin, renaning bu meydanda barliqi manga eqil - héssiyat arilashqan bir medet boldi. Men hayatimda nurghun qétim mundaq siyasiy - ijtima'iy böhrangha süniy, zormuzor yosunda duch keldim. Bularning hemmiside rena manga da'imiy ilhamchi we rohiy tirek boldi. Bu izgü mala'ikisi bolmighanda, méning noh kémem topan kelkünliride gherq bolup kétishi körünüp turghan ish idi.
Mushu künlerde men bu heriketke we uning bashqurghuchilirigha pütünley shübhi bilen qarashqa bashlidim. Ular méni emes, özlirini ashkara pash qilishqa tutunghanidi. Biraq bundaq esebiylik renaning taqitini taq qildi. U bashtila méning bu meydandiki hamiyliq we izahat sözlirimni bashqilarning yalghan - yawidaqliri bilen sélishturup, «uning sözining yoli bar, u éytqan pakitlarning qaysi biri xata?» Dep chiqti. U derhal heqqaniy ang igilirining hörmitige érishti. Emma, chüshkürsila titrep kétidighan bezi méxanizmlar «erz» qildi. Mesul xadim bu qizning sözi we jasaritidin ikkilinip turghan yash mu'ellimler bilen küreshni kücheytish üchün qoshulghan oqughuchilarda küchlük tesir peyda qilip qoymisun, dep oylidi we héliqi «erziyetchi»lerge:
-_ Yoldash rena kichik, shinjangdiki sinipiy küreshtin xewersiz. Uning kallisida téxi yawropa tesiri qurughini yoq. Yoldash rena ishchi a'ilisidin kélip chiqqan. Biz uni bashqa yol bilen terbiyiliwalimiz,_ dep ularni qayturdi we rena bilen sözliship körüsh aldida bir karikatura chiqarghuzdi.
Karikatura renaning üstige alma uruqi renglik bilen chékim - chékim güllük kopta kiydürülgen, ikki örüm chéchi bilen yopkisining péshi uchup turghan bolup, ong qoli aliqanliri échilghan péti aldigha sozulghan körünüshte sizdurulghan. Karikaturigha: «abdushükürde mesile yoq!» Dégen xet yézilghanidi.
Men renadin tesirlendim. Yighlangghu halda mesile tapshurghanlar bilen dostluqtin bir domilapla «aktip» boluwalghan ademlerge qarighanda bu kichikkine tumuchuq angliq, jasaretlik, naheqqe ölsimu tiz pükmes gheyur tebi'et insan idi.

Bu arida sowéttin ata - anam keldi. Ular mendek yalghuz oghlini élip kétish yaki özliri yötkilip kétish üchün ayropilanda men bilen üch kishilik kélip - kétish bélitini élip kelgenidi. Ularni seypidin ezizi, abdulla zakirof qatarliqlar ular chüshken öyge kélip yoqlashti. Men u chaghlarda renani bashlap kélip, maxtinip ulargha körsetküm keldi. Emma, néme chare? Téxi bir - birimizge resmiy éghiz échip raziliq bildürüshmigen tursaq, bu yolsizliq bolmasmidi! Ular méni élip kételmidi. Men unimidim. Men bundaq halette sirtqa chiqip kétishni namerdlik hésablidim. Ichki rohiyitimde renani nagan - naganda, yiraq - yéqinda körüp turush sharapitidin ayrilip qélishni xalimayttim. Ata - anam eyni zamanda bayashat hésablanghan elge qaytti. Men renaning qedem izlirigha telpünüp, boynigha taqaq sélinghan mehbustek ot qaynawatqan zéminda qaldim.
Pütün elde yamrighan «polat tawlash» herikiti. Mektipimiz ikki qisimgha bölünüp shisen(gherbiy tagh)de dungsen(sherqiy tagh)ge makanlashti. Men dungsenning «shor bulaq jilgha»(chenchu'engu) dégen yéridiki bir gemidin _ sékrétar sadirning yénidin orun aldim. Deslipide geme qazdim, roda kolidim, kéyinche üch métir térenliktiki «péch» dep atilidighan tosaqliq azgal kolidim.
Rena ayal - qiz oqutquchilar qatarida emgek qilatti. Etigenlik gimnastika, shorluq suda yüz yuyush, umach nashtiliq, paxtiliq chapan yaki yirtiq juwilar kiyip, zembil, jotu, gürjek bilen ishqa chiqish, kechlik terbiye yaki «mesile sadir qilghanlar»ni küreshke tartish ... Meshghulat shu idi.
Men nagan - naganda renaning tagh baghrida jotu chépiwatqan yaki zembil toshuwatqanliqini körettim. Némisini désem bolar: u erkin shérin bolalmighinidek, menmu taghni talqan qiliwétidighan perhat emes idim.
Nahayet, bahar mezgilide hemmimiz qehritan soghuqta piyade méngip mektepke qayttuq. Shunche emgektin renamu yük - taqlirini yüdüp piyade qaytti. Bir qazan qilghudek choyun chiqmidi, emma bu güzel jilgha bulighan kepidek weyrane siyaqqa chömüp qaldi.

Künlerning biri qizil bina karidorini rena yuyuwatatti. U barghanséri manga yéqinlap sürülüp kéletti. Men uningdin eyminettim, bashqa dostlirimdek uninggha sözligüm yoq idi. U yenila yéqinlidi. Men uning hal sorash istikini hés qildim we bu yerdin yiraqlap kettim.

1959 - Yilining may éyi. Manga chare élan qilindi. Chare: «ongchi qalpiqi kiygüzüsh, partiyidin chiqirish, xizmet sitajini saqlap qélish, emgek bilen terbiyilinishke ewetish» dégenler idi. Bezi loqmichilar chiqishti we «‹esheddiy›dégen söz qoshulmaptughu?» Déyishti.
Méni bir mongghul kadir yük - taqlirimni özümge artquzup jama'et xewpsizlik nazaritige élip barmaqchi boldi. Men kitab ishkabimning yénigha kélip u yerdiki tizilghan kitablargha bir qur qaridim - de, küldüm. Yük - taqlirimni yüdüp, ösmürlük chaghlirimda méni qarshi alghan, pi'onérlar galstuki taqighan qizil bina ishikidin chiqiwétip uninggha yénishlap qaridim.

Turupmen ot ara tenha échip her yanu barimni,
Bi'arlar yagh chachur terk etmikimge ixtiyarimni.
Tutup xenjer, oqup epsun, kömüp tuzaq yépilmishtur,
Malamette lehengler gherq ételmey qed - qiyarimni.
Hoqush közler qaralmishtur toqup pinhanda ming ighwa,
Ékeklep chishlirini keskili sewri - chinarimni.

Méni bashlap mangghan mongghul kishi jama'et xewpsizlik nazaritige élip bardi. Arqidinla «yéngi hayat mashinisazliq zawuti»gha élip bardi. U yerde boynumgha nomur yézilghan taxta ésip udul we yandin mehbusluq süritige tartti. Kinodiki qismetler béshimgha chüshti. Shu künila bu yighiwélish lagéri yüzligen «ongchi» namida haqaretlengen yuqiri qatlam ziyaliylar bilen tolghanidi.
Shunisi yenggil chüshtiki, bu künlerde rena mektepte yoq idi. Ularning mektipimizdiki senet fakultéti «shinjang senet instituti» bolup, ürümchining gherbidiki «senpengu» jilghisigha _ tömüryol boyigha köchüp ketkenidi.
Men shuningdin bashlap yigirme ikki yil bu qalpaqtin xaliy bolalmay emgek qildim.


6 - Bab. Mektup


Taghlar tewrep yüttimu zémin,
Ya asmangha chiqtingmu ghayib?
Jan - jehlige soqunghan éqin _
Bolur axir shu söygü ghalib!

«Dostlirim» qépqalghan miraslirim _ kitablirim, nerse - kéreklirimge ige bolushqandek, renaghimu yéqinlishish üchün bes - beske chüshkenidi. Éliship qalghan, qaza qilghan, öy - ochaqliq bolup bügünki küde newre körüshken bu «shah», «matka», «chillik»lar üstide buningdin artuq toxtilish hajetsiz bolsa kérek. Bu renaning sahibjamalliqinila emes, kishilerning güzellikke telpünüsh rohiyitinila emes, yene dostluqning ulughwar tughi astidiki qelblerning her xilliqini körsitetti. Heyranmen, teqdir uninggha shunche köp ashiq ata qildi, emma zaman dehshetlirining panahsiz deshtide yürgen, haqaretlengen men miskinge bir tengdashsiz möjizini meshuq qilghanidi. Bu renaning özige téxi söygü izhar qilmighan addiy insangha bolghan pak mayildarliqi we semimiy xeyrxahliqi idi! Teqdir zarlanghuchilargha öz sowghisini saqlaydighanliqigha ishendim. Men mewjudluqi bilen yoqluqi anche perqlinip ketmeydighan erkinliktin mehrum boldum. Emma, ömür dolqunlirida manga nur yaghdurup turidighan göherge muyesser boldum!
Rena özige yuyup tarinip körünüsh üchün aldirighan, özige shérin ishqiy mektupliri sunghan, özini kino - tansilargha teklip qilghan kamiran yigitler heqqide bash qaturmidi. Uning közide zémin tehditige chökken kimdur birini iz - dérek qilidighan panus chiragh bir deqiqimu öchüp qalmidi. Ajayip dunya, renggareng insanlar ...

Biz «yéngi hayat mashinisazliq zawuti»da bir ay turup qalduq. Bu zawutning «senpengu» yoli boyida yawa qariyaghachliq arisida térighu yer bar bolup, bizni guruppilar boyiche étizda ishleshke élip chiqqanidi. Men yol yaqisida ishlewatattim. Bu yene shinjang senet institutigha qatnaydighan yol idi. Qaysi izghirin shamal uchur qildi, bilmidim. Yuqiridin rena chüshüp kéliwatatti. U sheherge kétiwatsa kérek. Men aldirap qaldim. Yénimdiki baraqsan we bir - birige ghol tashliship turghan üch tüp qariyaghachning üstige chiqiwaldim. Rena üstige hawareng güllük könglek kiygen we qunduz chachlirini gejgisige türüwalghan, béshigha ayallarche chimen doppa kiygenidi. Uning putidiki égiz pashniliq topley shéghilliq yolda taqildap turatti. U derex tüwige kélip toxtidi. Étizda ishlewatqanlargha bir - birlep köz sélip chiqti. U méning mu etraptiki «ongchi»lar arisida bolushum mumkinlikini kocha parangliri, mehbuslarning uruq - tughqanliridin anglighanidi. Men uni éniq, hetta yaltirap turghan chachlirigha qadighan chach qisquchlirighiche éniq körüwalalidim. U yoldin yene bir qisim mektepdashliri yéqinlap kéliwatqanliqini körüp, yolgha chüshüp sheherge rawan boldi. U yiraqlap ketkendin kéyin men derextin chüshtüm. Némishqidur derexke chiqish waqtidiki chaqqanliqim yoq, özüm xélila éghirlap qalghanidim. Dilimgha shé'ir yamashti:

Saba siylar méning heqqim üchün gül ghunche zibani,
Wapadar méhrile tengrim hemishe asra renani.
Nétey bashimda ming külpet, biraq el külpiti ul hem,
Mukapat mexsudi qilghil dili oti ishqi sheydani.

Teqdir méni bu naheq oqubet bilen tawlimaq bolup, qaynamliq mekteptin ayrishtin ilgiri, renani pütün fakultét we uninggha xéridar boluwatqanlar türkümidin ayriwetti. Arqidinla u «bostanliqtiki tentene» filimide bash rol élish üchün shangxeyge ketti. U qaytip kélipla ghuljigha, uningdin kéyin qeshqerge turmush öginish we xelq senetchiliridin eneniwi milliy ussul miraslirini toplash üchün kétip qaldi. Ular «shinjang senet instituti»din «shinjang ussul tiyatir mektipi» bolup ayrilip, ayrodrom yénidiki yiraq «ergung» kochisigha köchüp ketti. Bu hadisiler taki men jaza lagiridin boshap chiqquche ikki yildin artuq dawamlashti. Yene shu teqdir men boshinip chiqish harpisida shinjang uniwérsitétini «ergung»gha yötkidi. Bu mektep renaning mektipi bilen bir chong qoruda idi.
Bizni téz arida altaygha, shigobi _- gherbiy deshti chölge yötkidi. Men gherbiy deshti chölge teqsim qilinghanidim. Bu yerde bir yaz, bir qishni östeng chépish bilen ötküzduq.
Bu acharchiliq hemme yerni qaplap ketken, ahale qariyaghach tenggisini yeydighan, ahale turmushi umach - botqa sewiyisidinmu töwenlep ketken apetlik yillar idi. Biz bu yerdin iligha _ künes qara bughragha yötkelduq. Mashinimiz yangha domilap ketti, teqdir méni shu péti saqlidi. Östeng chaptuq. Ajiz bedenlirim qiran yigitlik yéshigha layiq zorayghanidi. Bir qétimda bu qumsaq zémindin yigirme bir kub métir tupraq qazghinim ésimde. Emgek - halalliq mektipi, salametlik xezinisi néme üchündur manga bundaq shekilde ata qilindi.
Renadin xet tapshuruwaldim. Bu uning tunji xéti bolup, sim tosaqliri échip tekshürüshler arqiliq manga tegdi. Renaning kéyinki éytip bérishiche, u qeshqerde xelq senetchiliridin öginiwatqanda bir yashanghan ayal renaning bir xizmetdishigha qarap:
_ Bu balam, ejeb shükrillagha oxshaydiken, way bichare shükrilla, way bichare shükrilla ... _ Deptu.
Rena derhal u ayalgha yéqinliship:
_ Özliri kim bolidila? Abdushükürni qandaq bilila? _ Dep soraptu. U ayal özining anam hemraxanning qedinas dosti ikenlikini, yalghuz oghli méning ehwalimni, yéqinda chet eldiki anamdin uninggha méni yoqlap qoyush toghrisida xet we méning hazirqi adrésimni alghanliqini sözlep bériptu; öyige élip bérip a'ilemning süret albomlirini körsitip méhman qiptu. Men bu ayal _- niyaz xénimni kéyinki chaghlarda qeshqerge barghinimda ziyaret qildim. Rena barghan chaghda u kishi alemdin ötkeniken.
Renaning xétini élip hang - tang bolup kettim. Qoyun deptirimge deptirimge chapliwalghan uning süritini qolumgha élip, uzaq qaridim, xarliq - haqaretke tolghan rohiyitim közümge yash tumanliri tizghanda awaylap konwértni achtim. Köz aldimda dane - dane tizilghan altun qelem izliri jilwilendi.
Xette uzunghiche adrésimni bilmigenlik, axir niyazxénim arqili adrésimni tapqanliq tilgha élinghandin kéyin, mendin qizghin hal sorighan we öz adrésini _ yéngidin yötkelgen «ergung» ussul mektipini manga melum qilghan. Renaning tunji xétidin su yalap turghan bu almas qiyaning ber quwwettek turghanliqini, uning qelbidiki öz ornumni sezdim. Bu xet men üchün yéngi bir qitening tépilishidinmu zor xushalliq idi.
Renaning xéti manga ilham béghishlidi. Men uning adrésigha xet yazdim. Xet minnetdarliq ibariliridin bashqa, uning xétidin sübhilik tang yoruqini körgenlikim, bu haqaretlik künlerde söyümlük bir qérindishim, singlimning barliqidin özümni yenggil hés qilishqa bashlighanliqimni izhar qilghanidim. Elwette, xette qelbimdiki héssiyatlirimni:

Tonurdin qisquchta choghlar alghandek,
Gülxanchi qelbimdin jümliler tizdim.
Betlerni qoqaslar köydürmisun, dep,
Misralar üstige yashlar témizdim.

Dep yazghum bar idi. Undaq qilalmidim.
Renagha xetni sélip bolup, apamdin xet tapshuruwaldim. Bu musbetlik qan yashliri bilen tolghan xet idi. Xette 1961 - yili 11 - ayda dadamning qaza qilghanliqi we apamning mersiye ghezili yézilghanidi. Közüm qarangghulashti. Gélim siqilip, jahan tariyip ketti. Höngrep yighlashning yoli yoq. Özümning quduq gumbaq aldigha kélip qalghanliqimni bilmey qaldim.
Qedirlik dadam, uning shéng shésey türmiside ötken künliri, uning yawash - rayish qiyapiti köz aldimgha kéliwalghanidi. Uni qeshqerde mensepdar bolghan dostliri sighdurushmidi. U chet elde sétiwalghan qorusida oghriliq - bulangchiliqqa yoluqti. U egip uchqan bürküttek öz yurtigha qaytip kélish üchün ürümchige kelginide, reqibliri uning put tirigüdek orun qoymidi, u ellik yashtin halqa - halqimay köz yumdi. Apamning teziye shé'iri mundaq yézilghan:

«Bu isyan chölide qaldim, ne qilarimni bilelmesmen,
Töküp yashim uning enharigha boy boylitalmasmen.
Pelekning zulumi weyran eylidi turmush baharimni,
Bu yalghuzluqta ne imkan qilarni esliyelmesmen.
Püküldi qamitim - qeddim, béshimgha chüshti müshkül tagh,
Qolumni kökke kötürsemmu tutargha qol tapalmasmen.
Wujudum dutidin yetse jahan aywanigha ahim,
Ölüm hijranidin özge wisalni yad ételmesmen.
Ilajing shunche hemrahi, sanga yoq weslining rayi,
Körüngen menzilimge bir ömür mangsam yételmesmen».

Anche kéchikmey boshanduq. Xushalliqtin piyade méngip qara bughra deryasini kézip toqquztaragha kelduq. Bu dunyaliqimiz öshnimizdila idi. Biz bille boshanghan we hazirghiche ixlasmenlik jaynamizida sadaqet bilen olturghan dostum, ghemgüzarim abdukérimning toqquztara ashliq ambiridiki bir tughqinining öyige chüshtuq. Etisi mehbusluq lagiridiki ikki uyghur, bir qazaq etret bashliqi _ saqchi kadiri bizni birsining öyige méhmangha teklip qildi. Ular: «ikki yildin ashqan mezgilde bir qanchinglarning bu gazarmigha layiq emes, bizge ustaz bolghudek pak, ümidwar, heqiqiy adem ikenlikinglarni bilip yettuq. Salahiyet perqi tüpeyli bu heqiqiy sözlirimizni éytishqa amalsiz qalduq. Axir bar meslihet arqinglardin yétip kelduq» déyishti.
Biz ashliq toshuydighan mashinilargha chiqiwélip, ili deryasi _ yamatu ötkilidin ötüp, ghulja shehirige yétip kelduq. Méning qolumda sowétqa _ ata - anam qéshigha kétish tonushturushum bar idi. Néme üchündur közüm ürümchi terepte idi. Sowétqa kétish tonushturushini saqchigha körsetkinim yoq. Eks halda uning arqisigha bu shé'irni yézip qoydum:

Cheksem japa chekkendimen yolungda eziz janan,
Chekmidimmen pushayman bilen achchiq hesretni.
Chin söygüning esliy siri manga aliqandek ayan,
Ömür tarazisida ölchigech muhebbetni.


7 _ Bab. Wisal we rishte eyyami

Wisal eyyami dep hijran chéker jan,
Wisal jennet, jehennem misli hijran.
Ne qilsun rishtisiz söygü jahanda,
Ne pütsun rishtisiz teqdiri insan.

Mana, qayghu - shadliqqa biperwa awat astane!
Men bir yil ilgiri chöchektin yangxang mehellisige köchüp kelgen chong tagham _ dadamning akisining öyige orunlashtim. Anche uzun ötmey dostum abdukérim men saqlap kelgen, maralbéshi, küneslerde yénimdin ayrimighan renaning süritini élip uning mektipige chiqti we özi körmigen bu qizni uchrighan biri arqiliq tapturup, bu süretni uninggha körsitip:
_ Sizge mushu xatire depterning igisi méni ewetti, _ deptu. Süret chaplanghan xatire depterge méning renagha yazghan xupiyane bir talay shé'irlirim köchürülgenidi.
Abdukérim ürümchi «senshixangza» bilen «nenmén»mehelliliri arisidiki öyige renani bashlap keldi. Uning yash ayali tamaqqa temshelgenidi. Rena bu yéngi a'ilige munasip sowghilarni élip kelgenidi.
U üstige yéshil pelto kiygen bolup, yaghach pelempey bilen chiqidighan üstünki qewettiki bu ikki éghizliq öyge xuddi bahar tozidek uchupla kirdi. U zamanlarda qizlarda upa - englik sürüsh aditi yoq idi. Teqqassiz güzellik bilen qoshulghan ateshin séghinish tüpeyli uning wisali manga her qandaq béhish béghi we jennet perizatliridin biqiyas qimmetlik köründi. Men uni ichkiriki yasidaq öy ishikide kütüwaldim. Abdukérimning aq dil, köyümchan ayali uning yéshingen peltosini qoligha aldi.
_ Shundaq qilip yene uchrashtuq, mana, _ dédim men chayqilip turghan héssiyatlirimni edep bilen tizginlep.
_ Menmu bu xush xewerni anglap, udulla uchup keldim, _ dédi rena sel hasirap. Men meptunluq ilkide ikkinchi sözni tapalmay qaldim we uning nigarigha yénip _ yénip qarashqa jüret qilalmay béshimni égip olturdum ...
Abdukérim tughma pidakar we sözmen idi. U özining renaning mektipige qandaq chiqqanliqi, u derstin chiqquche qandaq saqlap turghanliqi, rena uni körüp: «méni izdemsiz, méni» dep heyran bolghanliqi, süretlik xatire depterni qoligha élip aldirap qalghanliqini, birdemdila öyige kirip derwaza aldida uninggha yétishkenlikini, aptobustiki paranglarni ashkarilap, renaning yüzini anardek qizartiwetti. Eger abdukérim bolmisa, biz xélighiche parang témisi tapalmighan yaki «xétimni aldingizmu?», «Öy ichi qandaq?» Dégen «élip, be, te, se»lik ibarilerdin chiqalmighan bolattuq.
Birinchi wisal shundaq ötti.

Men taghamning adrésigha kelgen renaning bir parche mektupini tapshuruwaldim. Mektupta rena méning dadamning qaza qilghanliqi we méning apam yénigha _ sowétqa chiqip kétidighanliqim toghrisida abdukérimning öyde éytqanlirimni bir qur tilgha élip, «bu sizning ana qelbini qedirliginingiz, men erzimes qelb igisi bolsammu, sizge bext tileymen, öz yürikimni dep méhriban animizning yürikini azabqa salghum yoq» dep yazghanidi. Bu chaqmaq - séhirlik isharet eyni yillarda mendek makansiz, zelil(xar) kishi üchün sulayman textidin ulugh bir sima idi. Rena öz xétide yene mushu jüme küni chüshte abdukérimning kichik perzentige atap toqughan popaykini uningkige élip kiridighanliqini éytqanidi. Men üchün yolmu, ishikmu ochuq idi, yol sorash, ishik chékish hajetsiz idi.

Qérishqandek tagham méni yalghuz qiz newrisi bilen chétip qoyushni arzu qilatti. U «sendin inimning puriqi kélidu» deytti. Newre singil bilen bille kino körüshke bélet élip kéletti. Dostlirimni méhman qilip manga nesihet qilishni jékileytti, axir mest halette qoligha pichaq élip, arqidin méni quchaqlap, qandashliq heqqi dep yighlap ketkenidi. Shuningdin kéyin saqal chüshürsem, sirtqa chiqsam, men bilen körüshkili qizlar kelse renjip kétidighan boldi.

Rena abdukérimning öyige kélidighan jüme küni. Yanchuqumgha saqal alghuchni sélip, yolda quruq ghidap méngishtin bashqa amal yoq idi. Axir rena olturghan öyge kirip keldim. Bu qétim abdukérim bilen nurnisaxan bizni méhman qilip bolup, sirtqi öyge bir bahane bilen chiqip ketti. Bir azdin kéyin abdukérimning awazimu anglanmidi.
- Bu xetni shundaq yazdingizmu? _ Dédim men.
_ On hesse artuq yézishim mumkin idi, _ dédi rena yerge qarap. U bu qétim uzun qara chachlirini ikki örüwalghan bolghachqa, uning yotisida jilwilinip turatti.
_ Némishqa on hesse artuq yazmidingiz? _ Dédim men gep kochilap.
- Sizni dana hésablap ... _ Dédi u.
Ikkimiz yéqin, yanmuyan olturushqaniduq.
_ Undaqta men qalimen, chet elge ketmeymen, apamni élip kélip bille yashaymiz, bu qararim bolamdu? _ Dédim men. U chiraghdek yorup ketti we:
_ Rasttinlima? _ Dep közümge tikildi.
_ Er sözidin, shir izidin yanmas! _ Dédim _ de, uning aliqinini tuttum. Bu uning ténige tunji qol tegküzüshüm idi. Méning aliqinimning yérimidek kichik bu yumran aliqan ömürlük érishken bextimning birinchi shahididek hayajanliq titrimekte idi. Biz körpide olturghinimizda arqimizgha égiz qirlap tizilghan, üstige ediyal yépilghan yotqan - körpe, yastuq - tekiylerni estin chiqarghan bolsaq kérek, teqdir karamiti bilen ular ikkimizning üstige ghulap bizni kömüp tashlighanidi.
_ Mushu turqi yer tewrep, qiyamet qayim bolup ketsimu ornumdin turghum yoq,_ dédim.
_ Sarang! Undaq qilmang, set turidu, orunni yighiwéteyli, _ dédi rena. Biz orunni yighiwatqanda abdukérim kirip kélip:
_ Peyzinglar bar! - Dédi.
_ Orun - körpenglarning peyzi bar iken, yölengenni bésiwalidighan, _ dédim men.

Shundaq qilip wisal béghida muhebbet rishtisi tiklendi. Men shu küni kechte mundaq bir shé'ir yazdim.

«Sarang» déding muhebbiting tashqandin,
Yürikingdin söygü bilen sözliding.
Sarang boldum yalquning tutashqandin,
Menmu köyüp, sanga söygüm sözlidim.

«Sarang» déding, késel yuqti tilingdin,
Amraq héssing ötüp ketti ténimdin.
Qachma, kelgin, mejnunluqum, jilimdin,
Ishen sanga ot ashiqmen jénimdin.

Men apamgha xet yazdim. U ürümchige kélishke tereddut qildi. Men yene bir qanche qétim abdukérimlarning öyide rena bilen uchrashtim. Bu chaghda her küni dégüdek uninggha xet yazattim. Her bir xetlirimde rena _«nazi»gha atap shé'irlar yazattim. U köz aldimda kökke qanat kérip kötürüwatqan, arqida quyash quyash nurane chaqnawatqan altun sumurughqa oxshaytti. Biz shu yilqi qishliqi sheher sirtidiki édirlarda apaq dala qar uchqunliri ichide tartiship, sorulushup, qoghliship oynishattuq.

Aq qar emes chéchilip turghan,
U samadin tökülgen ghunche.
Dala emes biz dessep yürgen,
U periler qesiri gül ghunche.

Mala'ike özüng, ey dilber,
Nijat bérip samadin chüshken.
Qanatliring bibaha göher,
Men rohingdin nepes sürgen ten.

Belki shudur ömür rahiti,
Undin özge jebirlik alem.
Körünmigey külpet heywiti,
Qudret bolghay muhebbetke jem.

Men ana mektipimge xizmetke chüshtüm. Emgek bilen terbiyilesh bikar qilinghan bilen «ongchi» qalpiqi bikar qilinmighachqa, oqutquchiliq emes, kutupxanida kitablarni türge ayrish bilen shughullandim. Ma'ashim bérilmey, turmush puli taki 1979 - yilighiche on sekkiz yil qiriq yü'en boldi. Rena bilen bolghan alaqimiz etrapqa tarqaldi. Beziliri renagha «qalpiqi bar kishige tegme» dése, beziliri manga «bu güzel senetchi bilen oyniwal, toy qilma», «oyniwélip, tashlap sayozigha chiqip ket» déyishti. Bezi qizlar sowét pasporti göher bolghan bu yillarda manga «ata - anilirimiz bille ötken, rena sizge bizdek wapa qilamti?» Déyishti. Emma, bu xewerdin rohlanghanlarmu köp boldi.
Anche kéchikmey apam keldi. U péshqedem dosti razixan animizning öyige chüshti. U bu qétimmu méni élip kétishke kelgenidi.



8 - Bab. Anamning axirqi didari

Muhebbetsiz ata - ana yoq,
We ularsiz bolmas muhebbet.
Perzent zoqi eng söyümlük zoq,
Perzent _- shadliq, turmush musheqqet.

Anam _ men uni apam dep öskenmen. Anam kélishtin burun qehritan qishta méni renaning dosti rehber isimlik qiz öyige chaqiriwaldi. Bu qizning ata - aniliri renaning ata - aniliri bilen xuddi tughqanlardek ariliship yashaytti. Kechki peytte bashlanghan méhmanchiliqimiz uyqu waqtighiche dawamlashti. Rena manga atap eyni zamanda omumlashqan üsti mashinida sirilghan qara qishliq chapan, könglek qatarliq kiyimlerni alghach kelgenidi. Men taghamlar darwazini taqap soraqqa tartishidin endishe qilghachqa, baldurraq öyge qaytmaqchi boldum. Rena méni uzitip qar quyulup turghan kochigha chiqti. Ikkimiz bille bir az mangduq.
_ Boldi, qaytip kirip kéting, _ dédim men. U:
_ Zériktingizmu? _ Dédi ayrilishqa qiymay.
_ Yaq, hawa soghuq, öy yiraqlap qaldi, _ dédim men.
_ Héchbir ... _ Dédi u. Men uni arqimizgha yénip rehberning öyigiche ekélip qoyup qaytmaqchi boldum. Tuyuqsiz u manga ésilip ikki mengzimge ikkini söyüp qoyup, ghayip boldi. Bu tunji söyüsh idi. Özümni yoqitip qoyushqa tas qaldim, ömrümde körülmigen tuyghu ichide xuddi mesttek tar kochining gah u yéqida, gah bu yéqida deldenglep qaldim. Quliqimda uning «héchbir» dégen sözi tekrar - tekrar shiwirlap turatti. Shu küni kechte bu shé'irni yazdim:

Shatutining tili chiqqandek,
Tatliq tiling anglandi _ «héchbir ... »
«Héchbir» déding héch uqmighandek,
Her «héchbir»da bir apqur méhir.


Apam kélip aniliq méhri bilen méni élip kétish heqqide köp nesihetler qildi. Dadamning ölümi, özining bir müshüktin bashqa héchnémisi yoq yalghuzluq, ete - kechtin qorqidighanliqi, manga bir ministirning qizini kéliship qoyghanliqi heqqide sözlep, töt qirigha sériq yipekte elishir newa'ining béyiti neqish qilinghan özbékche etles bel romilini shu qiz ewetti, dep körsetti. Men hörmet ichide uning bilen kéchilep sözliship, axiri aniliq shepqitige érishtim. Biraq, apam renani körüshni telep qilip turuwaldi. Men renani razixan anining öyige élip keldim. Apam rena bilen méhriban anidek körüshti, uninggha qilche «méni oghlumdin ayrimaqchi bolghan qiz» dégendek söz - chiray körsetmidi. Uning chachlirini xuddi öz chéchimu - emesmu dégendek yeshtürüp tarap qoydi, kéchisi qondurup qélip yénigha élip yatti. Apam doxtur, jemiyetchi we sha'ire idi. Etisi manga:
_ Rena bir qanche güzelning beden we hösnini bir gewde qilghan chirayliq ziba qiz iken. Eqil we edep, kishilik pezilitide kamil iken. Sizning sözingiz, uning yüzi méni qayil qildi. Toy qilayli, menmu qaytip kélip newrilirimni körey, _ dédi. Razixan ana we uning qizliri rohlinip ketti.
_ Shükrillani öz balamdek kütüp östürgenidim, qachan, qeyerde toy qilarkin, körüshke nésip bolarmu? Dep oylayttim. Insha'alla, bu küngimu nésip bolidighan boldum, _ dédi razixan ana.

Rena bilen konirap ketken «wélis» markiliq jip mashinigha chiqip ürümchi yéngisheher rayoni ishxanisigha bérip nikah qeghizi kestürüwalghinimda, qanchilik «zeper tentenisi»ge chömgenlikimni teswirliyelmeymen. Bu amet manga xuddi chöchekler yaki qedim - qedim zamanlardiki hékaye dastanlardikidek tolimu epsunkar idi. Qolumda qizil nikah qeghizi, qéri shopur heydigen, u chaghlarda renalarning mektipining birdinbir pikap mashinisi bolghan kona «wélis»da kétiwatqinimni men alem kémiside yultuzlar ara uchqan kosmanaxlardin huzur sézettim. Bu künler yüzligen güllük pikaplar bilen toy merike karwini hasil qilghan bolushi yigitlerde bolushi tebi'iy bolsimu, bu eqil héssiyat bilen yughurulghan shad - huzur keypiyati u yigitlerde bolushi hélimu, kelgüsidimu natayin!
Razixan anam bashlighan qiz sorighuchi elchiler renaning renaning ata - anisidin raziliq alghandin kéyin, méning we renaning yéqinliri toy tereddutigha kirishti. Adem köksige toshqan yüriki ornitiwalghan bezi ademler, xuddi éqin sudiki lojilardek sörilip chiqishti.
_ Biz sanga köyünimiz, adash. Toyni el qatari toy zalida ötküzmey, öyde ötküzgining yaxshi,_ dédi ulardin biri.
__ Biz inchike oyliduq. Séni köp kishi tonuydu, toygha köp adem topliship ketse, béshida qalpiqi yoq yoldashlarningkidin köprek kishi kelse, tesiri yaxshi bolmasmikin deymiz,_ dédi yene biri.
_ Bu men ongchining nikah murasimila emes, yene renaning toyi; her ikkimizning ata - animiz we tughqan, dostlirimizningmu muhim ishi. Ulargha men xizmet ishliyelmeymen,_ dédim men. Ular toygha teyyarlighan yémeklikler bilen méhman bolup chiqip kétishti.

Toy teyyarliqi qandaq bolghanliqini esliyelmeymen. Toyni rena özi we dostliri teyyarlidi, déginim tüzük. Toy zaligha adem liq toldi. Ular üch yildin ilgiriki küresh yighinigha qatnashquchilardin hesse, hessilep köp boldi. Ularning chaqirilghinidin chaqirilmighini, mektep ichidikilerdin mektep sirttikiliri köp boldi. Toygha mu'awin re'is, général muhemmet iminof, köpligen yazghuchi, sha'ir, senet ustazliri kélishti. Bir türküm sehne senetchiliri özlükidin kélishkenidi. Abdugul akamning suniyi, emet ömer akining qiziqchiliqi, qember xanim, meryem nasirning ussuli, rabiye muhemmetning naxshisi, abla hamutning akardiyoni, qurban ibrahimning rawabi bu toyni «xelq toyi» pellisige kötürgenidi. Apette teng yiqilghan yüreklerge hemme nerse ayan idi. Ular taki kechki sa'et tötkiche meshrep qilishti. Kechte ularning bir qismi özliri tonushlarni tépip qonushup, etisi öyde yene bezme uyushturup bérishti.
Toy kéchisi apam, razixan anam, ayshem xénim qatarliq péshqedemler renaning anisi bilen bille qondi.
Etisi apam razimenlik bilen renani ching quchaqlap söyüp, qolidiki üzükni:
_ Toy üzükini soqturushqa ülgürmidim. Men oghlumni yulup élip kétimen dep yolgha chiqqachqa, toy teredduti qilalmidim. Toyingizgha bir altun üzük, bir pikap méning boynumda,_ dep sözlep turup renaning sinchiliqigha sélip qoydi (derweqe, 1982 - yili men rena bilen fronzi shehirige barghanda, uningdin sekkiz yil ilgiri _ 1975 - yili qaraqchi qolida qaza qilghan apam bulanghandin kéyinmu téléwizor keynige tiqip qoyghan toyluq nusxisida ishlengen altun üzük saqlinip qalghanidi. Apam yene bir pikap élishqa yétip ashqudek pulni amanet bankisigha qoyghan bolup, biz rena namigha kichik mashina élip heydep qayttuq).

Apam tuyuqsiz kétidighan bolup qaldi. Sowét bash konsulxanisi pasportluqlarni tézdin qaytip kétishke tewsiye qilip muddet belgilep bergen.
Rena bilen ikkimiz uni jip mashinida ürümchi ayrodromigha uzattuq. Apam renani söyüp baghrigha basqanda rena qolidiki barliq üzüklirini apamgha sowgha - yolluq tutti. Apam unimighangha qoymidi. Bu üzükler apam qaza qilghandin kéyin, qalghan öy - bisatliri qatarida qolimizgha tegdi. Teqdir qolidiki üzüklerni u ikkisining qoligha, uningdin kéyin hazir nikahlanghan ikki oghlimizning ayalliri _ kélinlirimiz qoligha rishte qildi.

Apam ayropilangha chiqqanda rena bilen ikkimiz köz yéshi qilduq. Kéyin bir - birimizning yéshini sürtüshtuq. Kim bilsun, anche kéchikmey ikki dölet munasiwiti yirikleshti, chégra taqaldi. Apamning wetenge qaytip kélish ghayisi xuddi yaltirap yoqalghan hesen - hüsendek ghayip boldi. U öz mektupliri bilen ahu - zargha tolghan shé'irlirida peryad chékip qaldi. Men «men chet elge baghlanghan unsur» qatarida tekrar haqaret, öy - xet axturush we tertipke uchrap turdum. Shundaqtimu wisal ümidi qelblirimiz kökide öz jilwisini julalandurup turatti. Kim bilsun, ayrodromda quchaqlishish axirqi wisal bolup qalghanidi ...
Men apamni uzitip qaytishta bir parche shé'ir yazghanidim, apamning shé'ir mirasliridin mundaq bir parche ghezel yazghanliqi melum boldi:

Közüm arqida qaldi, ketkinimde ushbu dergahtin,
Chidiyalmay dad étip qelbim juda bolghanda bernadin.
Béshimda jebrilik külpet, nesbi bolsimu ghurbet,
Yüsüpüm qaldi kenanda külüp meghrur temennadin.
Özüm yalghuz dilim ghemnak, ghezeldin özge yoq dilber,
Be'eyni nur kebi ötmeklikim qismetmu deryadin.
Siyah birle közüm yashi manga ülpet melek goya,
Aqar sinemde bir cheshme hésabsiz düri menidin.
Shükürüm, yaxshi qal elde, séni qelbingge tapshurdum,
Wetenning xaki hemrahi shipaliq ibn sinadin.

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
Sponsored content




YollashMawzu: Re: izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)   

Choqqigha qaytish Go down
 
izgülük mala'ikisi (Abdushükür muhemmediminning muhebbet kechmishliri)
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yazmilar-
Buninggha ötüsh: