Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
abdul
2.hud


Yézilmilar Sani : 16
töhpe : 59
tizimlatqan waqti : 2011-03-16

YollashMawzu: uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini   24.06.11 21:21

[right]ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمائارىپ بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى، تەرەققى قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بۈگۈن «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدىكى 3- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم قەدەمنى باستى.

ئىستانبۇلنىڭ زامانىۋى مەركىزى بولغان تاكسىم مەيدانىدىكى Green Park مېھمانخانىسىغا بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 16 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار، دوكتور، ماگېستىر ئوقوغۇچىلىرى، تۈركىيەدىكى ئوقوغۇچىلار، مەرىپەتۋەر زاتلار كەلگەن بولۇپ، نەپىس بېزەلگەن مېھمانخانا يىغىن زالى ئېلىم-پەنگە تەلپۈنگەن 150 ئارتۇق يۈرەكلەر بىلەن تولغان ئىدى.جاراڭلىق، جۇشقۇن تۈركىيە دۆلىتى ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ رەئىسى پېروففىسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.پېروففىسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا بولغان ئىجابى تەسىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ۋە بۇ تۈر ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۈرىنى – مۈرىنى تىرەپ، بىرلىكتە تىرىشىشىمىزنىڭ تۇلىمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى باشقا ھەيئەت ئەزالار بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ كۈچ چىقارغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى ئابدۇلھەمىد ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان ئىدى. ئۇ ئېچىلىش نۇتىقىدا مۇنداق دېدى:

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مىھمانلار، ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى جەمىئىيەتلەرنىڭ جاپاكەش مەسئۇل خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىداكار ھەيئەت ئەزالىرى!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۈگۈن يەنە بىر مۇھىم تىما ئۈستىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارماقچى. مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 20 دۆلەتتىن 190 نەپەر ئەزاسىغا ۋاكالىتەن، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھەممىڭلارغا چىن يۈرەكتىن تەشەككۈر ئېيتىمەن، خوش كەلدىڭلار!
ئەزىز قېرىنداشلار، تارىخقا نەزەر سالساق، بىزدىن فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئۇلۇغبەگ، ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياغا مەشھۇر ئالىم – مۇتەپەككۇرلىرىمىز يېتىشىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە، جۇملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت غەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. كۈنىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن يۇقارقىدەك ئىلىم – پەننىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان ئالىملىرىمىز ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم – پەن كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلماقتا. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەردىن، كۈنىمىزدە ئىلىم – پەندە ئۆزگە مىللەتلەردىن تۇلىمۇ ئارقىدا قالدۇق. بۇ سەۋەپتىن، ھازىر بىز ھەر قايسى ساھەلەردە يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھەر زامانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق بولىۋاتىمىز. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىز تۇلىمۇ ئېغىر. بۇ مۈشكۈل، ئەمما ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشالىساق، ئۆزىمىزنى تۇلىمۇ بەختىيار ھىس قىلىمىز.
ئاخىرىدا، بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيىرلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە سۆزۈمنى تۆۋەندىكى شىئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

بىز ئۈچۈن شەرەپتۇر ئەل – يۇرتنىڭ ئىشى،
ئەلگە ئىش قىلغاننىڭ ئېگىلمەس بېشى.
ئەگەر شۇ ئەھدىمىزنى ئاقلىيالىساق،
نە ھاجەت قەبرىمىزگە خاتىرە تېشى.

كۆپچىلىككە كۆپ رەھمەت!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرلىكتىن ئەسەر ساقا خانىممۇ كەلگەن ئىدى. ئەسەر خانىم ئۇيغۇر ئاكادېميسىنىڭ قىسقىغىنە 2 يىل ۋاقىت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەنلىكى، تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئۇچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان دەسلەپكى ئاساسنى تىكلەپ بەرگەنلىكىدەك مۇھىم تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىن تۇلىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى.(ئەسەر ساقا خانىمنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇيغۇر بۇلۇپ، بوۋىسى، يەنى ئانىسىنىڭ دادىسى 1890 – يىللىرىدا خوتەندىن تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، دادىسى بولسا، 1937- يىلىدا قەشقەردىن تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.)
بۇنىڭدىن كېيىن يىغىن رىياسەتچىسى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان باشقا جامائەت ئەرباپلىرى ۋە ئىدارە – ئورگان باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

ئالاھەزەل يېرىم سائەتلىك ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق يىغىن تۆت ئىلمىي ئولتۇرۇشتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنجى بۆلۈمدە پېروففېسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان.



1. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى پېروففىسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۆزىنىڭ “ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئىنقىلابى” دېگەن نوتۇقىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى 60 يىل مابەينىدە 5 قېتىم ئىسلاھات قىلىنغانلىقى، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى» دىگەندەك ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاددىيلا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى زىيالىلارنىڭ تىلىمىزنى قوغداشتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
نوتۇقتىن كېيىنكى قىزغىن سۇئال سوراش ۋە مۇنازىرە يىغىن كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىللە يىغىن ئىشتىراكچىللىرنى ئۇيغۇر تىلىنى قانداق قىلىپ قوغدەش ۋە تەرەققي قىلدۇرۇش ھەققىدى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

2. ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى،ياردەمچى دوتسىنت دوكتور مەغپىرەت كامال «موللا بىلال نازىم ۋە ئۇنىڭ ھاياتى» نامىلىق تەتقىقات تېمىسىنى سۇندى. مەغپىرەت خانىم موللا بىلال نازىمنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىنى شۇنداقلا ئەدەبىيات، شېئىر جەھەتتە تولۇپ تاشقان تالانتى بولسىمۇ، ئەينى زاماننىڭ شارائىتلىرى تۈپەيلى تونۇلالمىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ، موللا بىلال نازىمنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

سادىر پالۋان بىلەن مانچۇ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق كۈرەشلىرىگە قاتناشقان موللا بىلالنىڭ بىزلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن «نوزۇگۇم»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىقلاردىنمۇ مەلۇمات بەردى.

3.ئىسلام پەنلىرى بويىچە مارمارا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ماۋائۇننەھىر ئىسلام قانۇنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى» تېمىسىدىكى نوتىقىدا، ئىسلام تارىخىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىسلام ئۆلىمالىرى، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىسى ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك ئىرقىغا تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

4. ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتىتى يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئابلەت تۇران ئەپەندى «ساغلام ياشاش ۋە ئۇرۇن ئۆمۈر كۆرۈش» دىگەن نوتۇقىدا ياپونىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھەر 100 مىڭ نوپوسنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەم 7.5 يۈز ياشتىن ھالقىغانلار بار رايون ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر پەرقلىرىنى سىتاستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىللە ،ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرشىدە موھىت،روھى-كەيپىيات ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىببى نۇقتىدىن دەلىللەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى پىكىر-تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى سالامەتلىكىنى ئاسراشقا چاقىردى. ئابلەت ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ۋە قىزىقارلىق سۆزلەش ئۇسلۇبى يىغىن ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، كۆرسەتكەن نەقلى ۋە ئەقلى دەلىللىرى كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى.

بىرىنجى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ تۇنجى ئىلمىي ئولتۇرۇشى غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مېھمانخانا رېستورانىدا مېھمانلار چاي، قەھۋە ۋە تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىكلەر، بولكىلار بىلەن غىزالانغاچ يىغىن ئېلىپ كەلگەن ھاياجاننىڭ تۈرۈتكىسىدە چۈشتىن بۇرۇنقى مەزمۇنلار ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دا يىغىننىڭ ئىككىنجى ئىلمىي ئولتۇرۇشى باشلاندى. يىغىننىڭ ئىككىنىجى ئىلمىي ئولتۇرۇشى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىپ تاپقان.

1. تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ سىتىراتىگىيە پەنلىرى دوتسىنت دوكتۇرى ئەركىن ئەكرەم «ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە بولغان خاتا چۈشەنچىلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

ئەركىن ئەپەندى دوكىلاتىدا خەلىقئارادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىنسانلارنى توغرا چۈشىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپلا قالماي، ئىنسانلارنى چۈشىنىش ھەركىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىياتى، بۇ ساھەدىكى مۇھىم تەتقىقاتچىلار ۋە نەزىرىيەلەرنى چۈشەندۈردى. ئەركىن ئەپەندى يەنە خەلقئارادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى توغرىسىدىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

2. ئىستانبۇل مالتەپە ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسىنت دوكتور شەۋكەت ناسىر «ئىدىئولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار» توغرىسىدا دوكلات سۇندى.

شەۋكەت ئەپەندى دوكلاتىدا ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىدىئىلوگىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرستىدىغانلىقى ۋە بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىدىئولوگىيە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بەزى دۆلەتلەر بىلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ ئىددىيىسىنى ئۆزگەرتىش كۆرشىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى

3. ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتىتى كومپىيوتېر ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتورى مۇرات ئورخۇن ئەپەندى«ئۇيغۇرچە جۈپ سۆزلەرنىڭ كومپىيۇتېر تەتقىقاتى» دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.مۇرات ئەپەندى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتېردا باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى تېمىسىدا كومپىيوتېردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ۋە تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش بىلەن بىللە ئۇيۇرچە جۈپ سۆزلەرنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ، كومپىيوتېردا جۈپ سۆزلەرنى ئاپتوماتىك بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ھەرقانداق بىر تىل ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىم مەسىكە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى تارىخى ، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇل، پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئانا تىلىنىڭ كومپىيوتۇردىكى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

4. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مائارىپى ۋەئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى سۇندى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۇشبۇ ماقالىسىنى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، ماقالىسىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنىڭ تەرەققىياتىنى، بۇ مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ۋە ناتوغرا قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزدە يولغا قويۇلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپى»نىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ «يەككە تىللىق مائارىپ»قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە بۇ خىل «يەككە تىللىق مائارىپ»نىڭ مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى، ھەمدە ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتىكى پىكىر چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئىككىنجى ئىلمىي ئولتۇرۇشىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ خۇلاسىسىدىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلارغا 15 مىنۇتلۇق تەنەپپۇس بېرىلدى، 16:15 تە يىغىننىڭ ئۈچىنجى بۆلۈمى باشلاندى.

ئۈچىنجى بۆلۈم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سىياسى پەنلەر دوكتورى ئەركىن ئەمەتنىڭ مەسئۇللىقىدا ئېلىپ بېرىلدى..
1. دوكتور ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرەشىد «كومپىيوتېر سېستىمىسىدىكى مەۋھۇملاشتۇرۇش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى ھازىر شىۋىتسارىيەدىكى مەلۇم بىر خەۋەرلىشىش شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى لېكسىيەسىدە ئاۋۋال كومپىيوتېر سېستىمىسىدىكى مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ئەھمىيىتى، رولى، پىرىنسىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن مەۋھۇملاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال نۇقتىتىسىدىن ئىزاھات بەردى. ئاخىرىدا ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى ھازىر دۇنيادا مودا بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ نۇتىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

2. تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تىل – ئەدەبىيات پاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى يېقىن زامان تارىخىدا ئۇيغۇر تىلىدا يۈز بەرگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا تەخمىنەن 1920-1940 يىللاردىكى تۈركشۇناس گۇننار يارىڭنىڭ كىتاپلىرىدىكى قەشقەر، خوتەن قوشاقلارىنى ھازىرقى زامان ۋارىيانتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرقلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرى ئۈستىدە تەپسىلى توختالدى.

3. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېنژىنىرلىقى كەسپى بويىچە ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر «يەر تەۋرەشتە ئىمارەتلەرنى كونتىرول قىلىش» دىگەن تېمىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى سۇندى.ئەلى ئەپەندى قۇرۇلۇش ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەندۈردى.

4. شىۋىتسىيەدە ئوقۇۋاتقان دوكتورئاسپىرانت ئەيساجان ئابىدىن «مەخپى شىفىر ئىلمى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئەيسا ئەپەندى مەخپى شىفىر تېخنىكىسىنىڭ ئىزاھاتى بىلەن نۇتىقىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇ كەڭ قوللانغان ئەمما نەزەردىن ساقىت قىلىنغان مەزمۇنغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.شۇنداقلا بۇ تېخنىكىنىڭ پىرىنسىپى، ئىشلىتىلىشى، تۈرلىرى قاتارلىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى ۋە يىغىن ئەھلىنى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. لېكسىيەسىنىڭ كەينىدىن، ئەيسا ئەپەندى يەنە شىۋىتسىيەنىڭ مائارىپ سېستىمىسىنى چۈشەندۈرۈپ، شىۋىتسىيدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئوقۇش تۈزىمى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تېپىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت سېستىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنچىكە چۈشەنچە بېرىپ، ئولتۇرغانلارنى شىۋىتسىيەدە ئوقۇش توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەققىدىكى قىسقىغىنە بىر تونۇشتۇرۇش فىلىمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ، ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەركىن ئەمەتلەر خۇلاسە سۆزى قىلدى، ئالىمجان ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئىنتايىن ياخشى تېمىلارنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى ۋە مۇھىم پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئەركىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتىكى مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى. ئەركىن ئەمەت ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3- قېتىملىق «ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۇنجى كۈنلۈك پائالىيەتلىرى ئنتايىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. يىغىن ئىككىنجى كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 09:00 دا ئوخشاش مېھمانخانىدا داۋاملاشتى.
يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل خەلقنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولغانلىقىدىن يوللار، كوچىلارنىڭ جىم-جىت بولۇشىغا قارىماي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالىدا ئادەتتىن تاشقىرى قاينام تاشقىنلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى.
بۈگۈن پەقەتلا يىغىنىمىزنىڭ تۆتىنجى ئىلمىي ئولتۇرۇشى بار بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخىرى رەئىسى، ئامېرىكا NASA ئالەم ئوپتىك تېخنكا ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ باشچىلىقىدا، گىرمانىيە ئولىم ئونېۋىرسىتىتى دوكتۇر ئاسپىرانتى قۇربانجان بارات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستانبۇل ئارناۋۇتلۇق رايونى دۆلەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئائىلە دوختۇرى ئەخمەتجان پولات ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو پەنلىرى دوكتۇر ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلار بار ئىدى.

1. دوكتور ئەركىن سىدىق «ياخشى مەغلۇپ بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئەركىن ئەپەندى ئوغلى دىلشاتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى ئاڭلىغان نۇتۇقىدىن ئالغان ئىلھامىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا سابىق پرېزىدىنتى ترۇمېن، ئالما شىركىتىنىڭ باش لېدىرى سىتىۋ جوبس قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋە شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكنى تەپسىلى بايان قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىمۇ ئىرادىمىزنى سۇندۇرماسلىقىمىزغا، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقاتماسلىقىمىزغا، مەغلۇپ بولغاندىمۇ «ياخشى مەغلۇپ» بولۇشقا چاقىردى.

2. دوختۇر ئەخمەتجان پولات «غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.ئەخمەتجان ئەپەندى بىر ھاياتلىقنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈپ، بالىياتقۇدىكى ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشى، پارچىلىنىشى ۋە ھەر ھەپتە، ھەر ئايدىكى تەرەققىيات باسقۇچلىرى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرىش بىلەن بىرگە دۇنيادىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇۋاتقان سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋەكلون تېخنىكىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. كلون تېخنىكىسى ئىنسانىي ئەخلاق جەھەتتىن قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر تېما بولۇپ، بۈگۈنمۇ بۇ يىغىن زالىدا ئوخشاشلا قىزغىن بىر مۇلاھىزىگە يول ئېچىپ بەردى.

3. گېرمانىيە ئۇلم ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ نانومېتر تېخنىكىسى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى قۇربانجان بارات «نانو تېخنىكىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ، بۇ تېخنىكا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. قۇربانجان، ئېلى خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك سۆز قابىلىيىتىنى بۇ يىغىنغىمۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق سۆزلىرى ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن نانو تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىتىنى، تېخنىكىلىق ئاتالغۇلىرى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلىتىشچانلىقىنىى،بىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، بۇرۇنقى يانفۇن ۋە ھازىرقىللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ نانو تېخنىكىسى ئىلگىرلىسە يانفۇنغا 24 سائەتتە بىر قېتىم ئىنىرگىيە قاچىلاشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بىرىلىپ بىر يىل ھەتتا بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم ئىنىرگىيە گە ئھتىياج تۇيۇلدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىپ يىغىن ئشتىراكچىللىرنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى.

4. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو پەنلىرى دوكتۇر ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخان «يادرو تېخنىكىسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.يادرو تېخنىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بىر تېخنىكا بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن يىراق ئىدى. ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يادرو تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، تەرەققىياتى، پرىنسىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ، دۇنيادىكى يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تۈركىيىنىڭ ئەھۋالىغا باغلاپ تەھلىل قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى بۇ تېمىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ۋەتىنىمىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو بومبا سىناقلىرىنىڭ تەبىئەتكە ۋە خەلققە بولغان زىيىنىنى سۆزلەپ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۇشيارلىقىمىزنى تەكرار ئويغاتتى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ 3 پارچە ماقالە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ئايروپىلان كېچىكىش سەۋەبى بىلەن يىغىنغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئۈچ پارچە ماقالىسىنىڭ ھەممىسىنى سۇنۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت قالمىغانىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەركىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «كائىناتقا باشقا ئاستىرويدلارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟» ۋە «چوڭ پارتىلاش ھەققىدە» دېگەن ئىككى تېمىسىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ئىككى دوكلات ئارقىلىق ئەركىن ئەپەندى ئاسترىنومىيەدىكى بەزى ئاساسى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈردى ۋە ھازىر ھوللېۋۇد كېنولىرى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان « 2012 يىلى زامان ئاخىرى بولىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇ دوكلاتلار يەنە كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى سۈمۈرۈپ كېتىدىغان «قارا ئۆڭكۈر»، پەن ساھەسىدىكى دۇنيانىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان «چوڭ پارتىلاش» دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيادىكى قىزىق تارتىشىشلارغا سەۋەب بولغان بۇ تېمىلار بىزنىڭ بۇ يىغىن سورۇنىمىزدىمۇ ھەممەيلەننىڭ بەس-بەس بىلەن سۇئال سورىشغا تۈرتكە بولدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە قىسمى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. رىياسەتچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆز قىلدى. ئەركىن ئەپەندى بۇ سۆزىدە بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، سۇنۇلغان تېمىلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭمۇ قىزغىنلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرىنىڭ تۆھپىلىرىگە چوڭقۇر مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى. كەينىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى زەمىرە ئەھمەد يىغىن ئەھلىنىڭ يىراق-يېقىن دىمەي كېلىپ، يىغىن تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن ھەممەيلەنگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.ئۇنىڭ كەينىدىن رىياسەتچى لېكسىيە سۇنغان تەتقىقاتچى ئۇستازلارغا «تەشەككۈرنامە» تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن نەق مەيداندا يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ، ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى.

ئىستانبۇلغا يىغىلدى ئالىم، تېخنىك، دوختۇرلار،
مۇھاكىمە قىلىندى تارىخ، جەمئىيەت ۋە تىللار.
شەربەت ئىچىپ ياشنىدى ئىلىمگە تەشنا يۈرەكلەر،
دۇئا ئۈچۈن ئېچىلدى ئۈمىد بىلەن جۈپ قوللار.

زەپەر قۇچقان چېغىڭدا ئۇنۇتمىدىڭ ئۇيغۇرنى،
چۈنكى يوقىتىپ قويمىدىڭ شان-شەرەپ ۋە غورۇرنى.
سەن باشلىغان شۇ يولدا قەدەم بېسىپ بىز كېلىمىز،
ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ئۆتمۈشتىكى شانىنى.

ئەڭ ئاخىرىدا رىياسەتچى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش نۇتىقىنى سۆزلىدى:
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار، قەدىرلىك ساۋاقداشلار!
قىممەتلىك ئالىملىرىمىزنىڭ ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇتۇقلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق تەييارلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىرىنىڭ جان كۆيەر خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىز غەلبىلىك ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
گەرچە پائالىيىتىمىز باشلىنىشتىن ئاخىرلىشىشقىچە پەقەت بىر يېرىم كۈن داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئالىملىرىمىز بۇ پائالىيەتنىڭ يۈكسەك ئىلمىي قىممىتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوينايدىغان كۈچلۈك ئىجابى رولىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، يولنى يىراق دېمەستىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دوكتور ۋە ئۇستازلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى ۋە پائالىيىتىمىزنى رەڭلەندۈردى.
ئەلۋەتتە، قەلبىدە ئىلىم ئىشتىياقى يېنىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىپ بەردى. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى نامىدىن ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
«قاراڭغۇدا ئولتۇرۇپ، زۇلمەتنى مىڭ ئېغىز تىللىغاندىن كۆرە، بىر تال شام ياققان ئەۋزەلدۇر!»
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىلىم-مەرىپەتكە تەشنا خەلقتۇر. بىز بۇ خىزمەتلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەستىن يېنىپ تۇرغان، پەقەت يېقىنقى دەۋىرلەردە تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۇنيا سەھنىسىگە ئۆز نۇرىنى چاچالمىغان شۇ ئىلىم مەشئەللىرىنى يېڭىدىن يالقۇنلاتساق ۋە ئىز باسارلارنىڭ يولىنى يورۇتالىساق ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېساپلايمىز.
«توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق».
بىزنىڭ يولىمىز تولىمۇ ئۇزۇن، ئىمتېھانىمىز تولىمۇ قىيىن!
لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يوللار ماڭغانچە ئېچىلغۇسى، كارۋان قوشۇنى كۈنسىرى زورايغۇسى! ئىزلىرىدىن گۈللەر ئۈنگۈسى!
ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 3- قېتىملىق «ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات بۆلىمى

(ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر داۋاملىق تەھرىرلىنىپ تۇلۇقلىنىدۇ. شۇڭا باشقا تور بەتلەرگە قويماقچى بولسىڭىز تۇلۇق بولغاندا قويسىڭىز، رەھمەت!)
Choqqigha qaytish Go down
abdul
2.hud


Yézilmilar Sani : 16
töhpe : 59
tizimlatqan waqti : 2011-03-16

YollashMawzu: Re: uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini   24.06.11 21:50

уйғур академийсиниң 3 – қетимлиқ уйғур пән – маарипи вә уйғурларниң кәлгүси тимилиқ илмий муһакимә йиғинимаарип бир милләтниң ойғиниши, тәрәққи қилиши вә йүксилишидики әң муһим амилдур. уйғур академийси бүгүн "уйғур пән-маарипи вә уйғурларниң кәлгүси" темисидики 3- қетимлиқ илмий муһакимә йиғинини өткүзүп, уйғур маарипиниң тәрәққияти үчүн йәнә бир муһим қәдәмни басти.

истанбулниң заманиви мәркизи болған таксим мәйданидики грәән парк меһманханисиға бүгүн дуняниң һәрқайси җайлиридин 16 нәпәр уйғур тәтқиқатчи вә уйғур зиялилар, доктор, магестир оқоғучилири, түркийәдики оқоғучилар, мәрипәтвәр затлар кәлгән болуп, нәпис безәлгән меһманхана йиғин зали елим-пәнгә тәлпүнгән 150 артуқ йүрәкләр билән толған иди.җараңлиқ, җушқун түркийә дөлити истиқлал марши оқулғандин кейин, алди билән уйғур академийсиниң рәиси пероффисор доктур алимҗан инайәт ечилиш нутиқи сөзлиди.пероффисор доктур алимҗан инайәт әпәнди бу қетимлиқ йиғининиң әһмийити, роли вә дуняниң һәр қайси җайлиридики уйғур зиялилириға болған иҗаби тәсирини тонуштуруп өтти вә йиғинниң мувәппиқийәтлик ечилишиға болған гүзәл тиләклирини билдүрди вә бу түр илмий паалийәтләрниң бундин кейин қәрәллик һалда өзлүксиз елип берилидиғанлиқини ейитип, вәтән ичи – сиртидики уйғур зиялилириниң уйғур пән – маарипини тәрәққий қилдуруш үчүн мүрини – мүрини тирәп, бирликтә тиришишимизниң тулиму муһимлиқини оттуриға қойди.

уйғур академийсиниң рәис вәкили абдулһәмид қарахан вә уйғур академийисидики башқа һәйәт әзалар бу қетимлиқ илмий муһакимә йиғини үчүн интайин чоң күч чиқарған болуп, паалийәтниң нурғун қисмини абдулһәмид өзи бир қоллуқ пиланлиған иди. у ечилиш нутиқида мундақ деди:

һәрқайси дөләтләрдин кәлгән әзиз миһманлар, һөрмәтлик оқутқучи – устазлар, сөйүмлүк уйғур оқуғучилар, һәрқайси җәмиийәтләрниң җапакәш мәсул хадимлири вә уйғур академийисиниң пидакар һәйәт әзалири!
уйғур академийиси бүгүн йәнә бир муһим тима үстидә муһакимә йиғини орунлаштуруп, уйғур пән – маарипи вә уйғурларниң кәлгүси һәққидә илмий мулаһизиләр елип бармақчи. мән уйғур академийиси пәхири рәиси доктор әркин сидиқ вә уйғур академийсиниң 20 дөләттин 190 нәпәр әзасиға вакалитән, бу йиғинға қатнашқан һәммиңларға чин йүрәктин тәшәккүр ейтимән, хош кәлдиңлар!
әзиз қериндашлар, тарихқа нәзәр салсақ, биздин фараби, йүсүп хас һаҗип, мәһмуд қәшқәри, улуғбәг, әлишир нәваий, абдуқадир дамоллам қатарлиқ нурғун дуняға мәшһур алим – мутәпәккурлиримиз йетишип чиқип, дуня мәдәнийәт ғәзинисигә, җумлидин уйғур мәдәнийәт ғәзинисигә зор төһпиләрни қошқан. күнимиздиму уйғурлардин юқарқидәк илим – пәнниң йүксәк пәллисигә чиққан алимлиримиз уйғурни вә уйғурниң илим – пән күчини дуняға намаян қилмақта. һалбуки, биз уйғурлар түрлүк сәвәпләрдин, күнимиздә илим – пәндә өзгә милләтләрдин тулиму арқида қалдуқ. бу сәвәптин, һазир биз һәр қайси саһәләрдә йетишип чиққан илим әһлилиригә һәр заманға қариғанда техиму иһтияҗлиқ боливатимиз. бу мәнидин елип ейтқанда, бизниң зиммимизгә чүшкән вәзипимиз тулиму еғир. бу мүшкүл, әмма әһмийәтлик вәзипиниң ада қилиниши үчүн азрақ болсиму күч қошалисақ, өзимизни тулиму бәхтияр һис қилимиз.
ахирида, бүгүнки бу илмий муһакимә йиғинимизниң улуғ миллитимиз уйғурлар үчүн хәйирлик болишини чин дилимдин үмид қилимән вә сөзүмни төвәндики шиир билән ахирлаштуримән.

биз үчүн шәрәптур әл – юртниң иши,
әлгә иш қилғанниң егилмәс беши.
әгәр шу әһдимизни ақлиялисақ,
нә һаҗәт қәбримизгә хатирә теши.

көпчиликкә көп рәһмәт!

түркийә җумһурийитиму бу қетимлиқ муһакимә йиғини үчүн интайин көңүл бөлгән болуп, түркийә баш министирликтин әсәр сақа ханимму кәлгән иди. әсәр ханим уйғур академйсиниң қисқиғинә 2 йил вақит ичидә көзгә көрүнәрлик нәтиҗә қолға кәлтүргәнлики, түркийәдики вә дунядики уйғур зиялилириниң бирлишиши учүн интайин муһим болған дәсләпки асасни тикләп бәргәнликидәк муһим төһпилирини тилға алди вә уйғурларниң кәлгүсидин тулиму үмидвар икәнликини сөзлиди.(әсәр сақа ханимниң ата – аниси уйғур булуп, бовиси, йәни анисиниң дадиси 1890 – йиллирида хотәндин түркийәниң ғазиантәп вилайитигә келип олтурақлишип қалған, дадиси болса, 1937- йилида қәшқәрдин түркийәниң ғазиантәп вилайитигә келип олтурақлишип қалған.)
буниңдин кейин йиғин риясәтчиси йиғинға иштирак қилған башқа җамаәт әрбаплири вә идарә – орган башлиқлириниң тизимликини оқуп өтти вә уларниң гүзәл тиләклирини йәткүзди.

алаһәзәл йерим саәтлик ечилиш нутуқлиридин кейин, муһакимә йиғини рәсмий башланди. бу қетимлиқ йиғин төт илмий олтуруштин тәркип тапқан болуп, биринҗи бөлүмдә пероффесор доктор алимҗан инайәт башчилиқидики 4 кишидин тәркиб тапқан.



1. түркийә әгә университити түрк дуняси тәтқиқат ениститоти оқутқучиси пероффисор доктор алимҗан инайәт өзиниң "уйғур тилиниң тил инқилаби" дегән нотуқида, уйғур тилиниң йеқинқи 60 йил мабәйнидә 5 қетим ислаһат қилинғанлиқи, "созуқ тавушларниң аҗизлишиши" дигәндәк өзгәртишләрниң уйғур тилини башқа түрк ерқиға мәнсуп милләтләрниң тилидин йирақлаштуривәткәнлики оттуриға қойди. бу өзгиришләрниң аддийла тавушларниң аҗизлишиш мәсилси болуп қалмастин, бәлки бир милләтниң кәлгүсигә берип тақилидиған муһим бир мәсилә икәнликини дәлилләш билән бирликтә, уйғур тилиниң тәрәққияти тоғрисидики өзиниң тәклип пикирлири оттуриға қойди вә вәтән ичи – сиртидики зиялиларниң тилимизни қоғдаштики баш тартип болмайдиған мәҗбурийитини тәкитләп өтти.
нотуқтин кейинки қизғин суал сораш вә муназирә йиғин кәйпиятни җанландуруш билән биллә йиғин иштиракчиллирни уйғур тилини қандақ қилип қоғдәш вә тәрәққй қилдуруш һәққиди чоңқур ойға салди.

2. истанбул бәйкәнт университи оқутқучиси,ярдәмчи дотсинт доктор мәғпирәт камал "молла билал назим вә униң һаяти" намилиқ тәтқиқат темисини сунди. мәғпирәт ханим молла билал назимниң туғулуш вә өсүп йетилиш тарихини шундақла әдәбият, шеир җәһәттә толуп ташқан таланти болсиму, әйни заманниң шараитлири түпәйли тонулалмиғанлиқи қатарлиқ нуқтиларни чүшәндүрүп, молла билал назимниң тегишлик орнини әслигә кәлтүрүштәк гүзәл арзу-истәклирини ипадилиди.

садир палван билән манчу һөкүмранлиқиға қарши хәлқ күрәшлиригә қатнашқан молла билалниң бизләргә қалдурған қиммәтлик әсәрлиридин "нозугум", "чаңмоза йүсүпхан" қатарлиқлардинму мәлумат бәрди.

3.ислам пәнлири бойичә мармара университитиниң доктурлиқини пүттүргән алимҗан буғда әпәнди өзиниң "мавауннәһир ислам қанунчилири вә уларниң әсәрлири" темисидики нотиқида, ислам тарихида оттура асиялиқ ислам өлималири, уларниң исламға қошқан төһписи вә тәтқиқат әсәрлирини тонуштуруп өтти.

у уйғур қатарлиқ түрк ирқиға тәвә болған милләтләрниң ислам дини тәтқиқати үчүн өчмәс төһпиләрни қошқанлиқни оттуриға қойди.

4. японийә токйо университити йүрәк қан-томур кесәлликлири бойичә докторлуқ унвани алған абләт туран әпәнди "сағлам яшаш вә урун өмүр көрүш" дигән нотуқида японийәлик алимларниң тәтқиқат нәтиҗилирини асас қилип туруп, бирләшкән дөләтләр тәшкилатиниң өлчимигә асасән һәр 100 миң нопосниң ичидә әң кәм 7.5 йүз яштин һалқиғанлар бар район вә дуняниң һәр қайси җайлиридики җүмлидин уйғур дияридики оттуричә өмүр пәрқлирини ситастикилиқ мәлуматлар билән көрситип өтүш билән биллә ,инсанларниң узун өмүр көршидә моһит,роһи-кәйпият вә озуқлуқниң интайин моһим рол ойнайдиғанлиқини тибби нуқтидин дәлилләп, узун өмүр көрүш тоғрисидики пикир-тәвсийәлирини оттуриға қоюп, аңлиғучиларни саламәтликини асрашқа чақирди. абләт әпәндиниң юмуристик сөзлири вә қизиқарлиқ сөзләш услуби йиғин әһлини өзигә җәлп қилип, йиғин кәйпиятини техими юқири көтүргән болса, көрсәткән нәқли вә әқли дәлиллири көпчиликни қайил қилди.

биринҗи күнлүк паалийәтниң тунҗи илмий олтуруши ғәлбилик ахирлашқандин кийин меһманхана ресторанида меһманлар чай, қәһвә вә түрлүк печинә – пирәникләр, болкилар билән ғизаланғач йиғин елип кәлгән һаяҗанниң түрүткисидә чүштин бурунқи мәзмунлар һәққидә қизғин бәс-муназирә вә өз-ара пикир алмаштуруш елип барди.

чүштин кейин саәт 13:30 да йиғинниң иккинҗи илмий олтуруши башланди. йиғинниң иккиниҗи илмий олтуруши һаҗәттәпә университитиниң тарих пәнлири доктори әркин әкрәм башчилиқидики 4 кишидин тәркип тапқан.

1. түркийә һаҗәтәпә университити иҗтимаий пәнләр ениститоти оқутқучиси, тарих ситиратигийә пәнлири дотсинт доктури әркин әкрәм "уйғурларниң хәлқара мунасивәтләргә болған хата чүшәнчилири" дегән темида доклат бәрди.

әркин әпәнди докилатида хәлиқарадики дөләтләр мунасивитини тоғра тәһлил қилиш үчүн аввал инсанларни тоғра чүшинишниң лазимлиқини тәкитләпла қалмай, инсанларни чүшиниш һәркитиниң қисқичә тәрәққияти, бу саһәдики муһим тәтқиқатчилар вә нәзирийәләрни чүшәндүрди. әркин әпәнди йәнә хәлқарадики дөләтләр мунасивитиниң тарихи тоғрисидиму тәпсили чүшәнчә берип өтти.

2. истанбул малтәпә университити оқутқучиси дотсинт доктор шәвкәт насир "идиологийә тәшвиқати вә уйғурлар" тоғрисида доклат сунди.

шәвкәт әпәнди доклатида асаслиқ тәшвиқат вастилириниң қисқичә тарихи вә инсанларниң идиилогийәсигә қандақ тәсир көрстидиғанлиқи вә бу хил тәсир көрситиш арқилиқ хәлқниң идиологийә контрол қилишқа урунған бәзи дөләтләр билән һөкүмәтләрниң тәшвиқат вастилирини қоллинип хәлқниң иддийисини өзгәртиш көршидә ғайәт зор нәтиҗиләрни қолға кәлтүргәнликини сөзләп өтти

3. истанбул билги университити компийотер оқутқучиси дотсент доктори мурат орхун әпәнди"уйғурчә җүп сөзләрниң компиютер тәтқиқати" дигән темида нутуқ сөзлиди.мурат әпәнди узун мәзгилдин буян уйғур тилиниң компийотерда башқа тилларға тәрҗимә қилиш тәтқиқати билән шуғуллиниватқан болуп, у бүгүнки темисида компийотердики уйғур тили тәтқиқатиниң әһмийити, роли вә тәрәққиятини чүшәндүрүп өтүш билән биллә уюрчә җүп сөзләрниң бәзи хусусийәтлирини оттурға қоюлуп , компийотерда җүп сөзләрни аптоматик биртәрәп қилишниң һәрқандақ бир тил үчүн интайин қийим мәсикә икәнликини вә бу мәсилниң уйғур тилдики тарихи , бир тәрәп қилиш усул, пиланлирини оттурға қоюп көпчиликниң ана тилиниң компийотурдики тәрәққиятиға болған ишәнчини һәссиләп ашурди.

4. әң ахирида оқутқучи абдувәли турсун әпәнди "уйғур маарипи вәуйғурларниң келәчики" дегән темидики мақалисини сунди.

абдувәли әпәнди ушбу мақалисини бу қетимлиқ муһакимә йиғиниға қатнишиш үчүн тәйярлиған болуп, мақалисидә йеқинқи заман уйғур маарип тарихиниң тәрәққиятини, бу маарипниң йетәрсизликлирини вә натоғра қарашлирини сөзләп өтүп, вәтинимиздә йолға қоюливатқан "қош тил маарипи"ниң хата тәдбиқлинип "йәккә тиллиқ маарип"қа айлинип қалғанлиқини тәкитләп өтти. абдувәли әпәнди йәнә бу хил "йәккә тиллиқ маарип"ниң миллитимизниң келәчики болған яш-өсмүрләрниң маарип сәвийәсини төвәнлитивәткәнлики, һәмдә ана тилини яхши өгиниш пурситидин мәһрум қеливатқанлиқини тилға елип, бу хил әһвални өзгәртиштики пикир чариләрни оттуриға қойди.иккинҗи илмий олтурушиниң башқурғучиси әркин әкрәм әпәндиниң хуласисидин кейин аңлиғучиларға 15 минутлуқ тәнәппус берилди, 16:15 тә йиғинниң үчинҗи бөлүми башланди.

үчинҗи бөлүм әнқәрә университитиниң сияси пәнләр доктори әркин әмәтниң мәсуллиқида елип берилди..
1. доктор абдүшүкүр абдурәшид "компийотер сестимисидики мәвһумлаштуруш" дегән темида доклат бәрди. абдүшүкүр әпәнди һазир шивитсарийәдики мәлум бир хәвәрлишиш ширкитидә ишләватқан болуп, бу қетимлиқ йиғинға алаһидә тәйярлиқ қилип кәлгән иди. абдүшүкүр әпәнди лексийәсидә аввал компийотер сестимисидики мәвһумлаштуруш техникисиниң әһмийити, роли, пиринсипи қатарлиқларни чүшәндүргәндин кейин мәвһумлаштуруш техникисиға қаттиқ детал вә юмшақ детал нуқтитисидин изаһат бәрди. ахирида абдүшүкүр әпәнди һазир дуняда мода болуватқан булут техникисини қисқичә чүшәндүрүп нутиқини ахирлаштурди.

2. түркийә әнқәрә университити тил – әдәбият паколтити оқутқучиси ярдәмчи доктор әркин әмәт әпәнди йеқин заман тарихида уйғур тилида йүз бәргән әпсуслинарлиқ өзгиришләрни мисаллар арқилиқ оттуриға қойди. шундақла тәхминән 1920-1940 йиллардики түркшунас гуннар яриңниң китаплиридики қәшқәр, хотән қошақларини һазирқи заман вариянтлири билән селиштуруш арқилиқ пәрқләрни оттуриға қойди вә бу пәрқләрниң келип чиқиш сәвәплири үстидә тәпсили тохталди.

3. истанбул техника университитиниң қурулуш енжинирлиқи кәспи бойичә ярдәмчи дотсент доктор әли рози өзуйғур "йәр тәврәштә имарәтләрни контирол қилиш" дигән темидики докторлуқ оқуш пүттүрүш мақалисини сунди.әли әпәнди қурулуш илиминиң асасини чиқиш нуқтиси қилип туруп, қурулуш бихәтәрликиниң техникисини аңлиғучиларға чүшәндүрди.

4. шивитсийәдә оқуватқан доктораспирант әйсаҗан абидин "мәхпи шифир илми" дегән темида доклат бәрди. әйса әпәнди мәхпи шифир техникисиниң изаһати билән нутиқини башлап, алди билән аңлиғучиларниң бу кәң қолланған әмма нәзәрдин сақит қилинған мәзмунға болған хата чүшәнчилирини айдиңлаштурди.шундақла бу техникиниң пиринсипи, ишлитилиши, түрлири қатарлиқ нуқтиларни чүшәндүрди вә йиғин әһлини учур бихәтәрликигә диққәт қилишқа чақирди. лексийәсиниң кәйнидин, әйса әпәнди йәнә шивитсийәниң маарип сестимисини чүшәндүрүп, шивитсийдики али мәктәпләрниң оқоғучи қобул қилиши, оқуш түзими, оқуш пүттүргәндин кейинки хизмәт тепиш әһвали вә хизмәт сестимиси қатарлиқ җәһәтләрдин инчикә чүшәнчә берип, олтурғанларни шивитсийәдә оқуш тоғрисида тәпсили мәлумат билән тәминлиди.
уйғур академийиси һәққидики қисқиғинә бир тонуштуруш филимидин кейин, уйғур академийси рәиси алимҗан инайәт , әркин әкрәм вә әркин әмәтләр хуласә сөзи қилди, алимҗан әпәнди бүгүнки йиғинниң интайин мувәппиқийәтлик болғанлиқини, интайин яхши темиларниң сунулғанлиқини вә муһим пикирләрниң оттуриға чүшкәнликини ейтип өтти. әркин әпәнди бу қетимлиқ йиғинниң уйғурларниң келәчәктики маарип тәрәққияти үчүн интайин муһим асас селип бәргәнликини тәкитләп, уйғур академийсиниң барлиқ әзалириға рәһмәт ейтти. әркин әмәт әпәнди йиғинға қатнашқучиларниң қизғинлиқиға юқири баһа берип, көпчиликниң техиму көплигән тәклип- пикир беришини үмит қилидиғанлиқини билдүрди.
шундақ қилип уйғур академийсиниң 3- қетимлиқ "уйғурларниң пән-маарипи вә кәлгүси" темисидики илмий муһакимә йиғининиң тунҗи күнлүк паалийәтлири нтайин ғәлбилик ахирлашти. йиғин иккинҗи күни йәкшәнбә әтигән саәт 09:00 да охшаш меһманханида давамлашти.
йәкшәнбә күни истанбул хәлқниң дәм елиш күни болғанлиқидин йоллар, кочиларниң җим-җит болушиға қаримай илмий муһакимә йиғин залида адәттин ташқири қайнам ташқинлиқ һөкүм сүривататти.
бүгүн пәқәтла йиғинимизниң төтинҗи илмий олтуруши бар болуп, бу бөлүмдә уйғур академийисиниң пәхири рәиси, америка наса аләм оптик технка идарисиниң юқири дәриҗилик инженери доктор әркин сидиқниң башчилиқида, гирманийә олим оневирситити доктур аспиранти қурбанҗан барат, уйғур академийисиниң муавин рәиси, истанбул арнавутлуқ райони дөләт дохтурханисиниң аилә дохтури әхмәтҗан полат вә уйғур академийисиниң рәис вәкили, истанбул техника университети ядро пәнлири доктур аспиранти абдулһәмид қарахан қатарлиқлар бар иди.

1. доктор әркин сидиқ "яхши мәғлуп болуш үчүн қандақ қилиш керәк?" дегән темида доклат бәрди. әркин әпәнди оғли дилшатниң оқуш пүттүрүш мурасимидики аңлиған нутуқидин алған илһамини чиқиш нуқтиси қилип туруп, америка сабиқ президинти трумен, алма ширкитиниң баш ледири ситив җобс қатарлиқ дунядики даңлиқ шәхсләр вә өзиниң өсүп йетилиш җәрянида учриған оңушсизлиқларни вә шу оңушсизлиқларни қандақ йәңгәнликни тәпсили баян қилип, мәғлуп болғандиму ирадимизни сундурмаслиқимизға, һаятқа болған үмидимизни йоқатмаслиқимизға, мәғлуп болғандиму "яхши мәғлуп" болушқа чақирди.

2. дохтур әхмәтҗан полат "ғол һүҗәйрә һәққидә қисқичә чүшәнчә" дегән темида нутуқ сөзлиди.әхмәтҗан әпәнди бир һаятлиқниң қандақ башлинидиғанлиқидин башлап чүшәндүрүп, балиятқудики һүҗәйриниң йетилиши, парчилиниши вә һәр һәптә, һәр айдики тәрәққият басқучлири тоғрисида тәпсили чүшәнчә бириш билән биргә дунядики қизиқ темиларниң бири болуватқан сүний уруқландуруш вәклон техникиси тоғрисида мәлумат бәрди. клон техникиси инсаний әхлақ җәһәттин қизғин муназирә қилиниватқан бир тема болуп, бүгүнму бу йиғин залида охшашла қизғин бир мулаһизигә йол ечип бәрди.

3. германийә улм уневирсититиниң нанометр техникиси бойичә доктор аспиранти қурбанҗан барат "нано техникиси" дегән темида доклат сунуп, бу техника һәққидә қисқичә чүшәнчә бәрди. қурбанҗан, ели хәлқиниң юмуристик сөз қабилийитини бу йиғинғиму елип кәлгән болуп, қизиқарлиқ сөзлири вә өзгичә ипадиләш усуллири билән нано техникисиниң маһийитини, техникилиқ аталғулири, турмушимиздики ишлитишчанлиқинии,бизгә елип кәлгән қолайлиқлирини вә кәлгүси тәрәққиятини инчикә чүшәндүрүп, бурунқи янфун вә һазирқиллири билән селиштуруп нано техникиси илгирлисә янфунға 24 саәттә бир қетим иниргийә қачилаштәк әһвалға хатимә бирилип бир йил һәтта бир қанчә йилда бир қетим иниргийә гә һтияҗ туюлдиғанлиқидин хәвәр бирип йиғин штиракчиллирни толиму сөйүндүрди.

4. истанбул техника университети ядро пәнлири доктур аспиранти абдулһәмид қарахан "ядро техникиси" дегән темида нутуқ сөзлиди.ядро техникиси уйғурларниң турмушиға интайин чоң тәсир көрсәткән бир техника болсиму, лекин илим-пән нуқтисидин қариғанда бизниң турмушимиздин интайин йирақ иди. абдулһәмид әпәнди ядро техникисиниң пәйда болуш сәвәби, тәрәққияти, принсипи қатарлиқларни чүшәндүрүп, дунядики ядро техникисиға игә болған дөләтләрниң омуми әһвалини түркийиниң әһвалиға бағлап тәһлил қилип, аңлиғучиларни бу темида әтраплиқ чүшәнчигә игә қилди. охшаш вақитта, абдулһәмид әпәнди вәтинимизниң тәклимакан қумлуқида елип берилған ядро бомба синақлириниң тәбиәткә вә хәлққә болған зийинини сөзләп, бизниң бу җәһәттики һушярлиқимизни тәкрар ойғатти.

әркин сидиқ әпәнди бу қетимлиқ илми муһакимә йиғини үчүн әстайидил тәйярлиқ қилип 3 парчә мақалә елип кәлгән болуп, лекин айропилан кечикиш сәвәби билән йиғинға вақтида үлгүрүп келәлмигән иди. шуңлашқа үч парчә мақалисиниң һәммисини сунушқа йетәрлик вақит қалмиғаниди. лекин шундақ болсиму, әркин әпәнди өзиниң "каинатқа башқа астиройдларниң соқулуп кетиш еһтимали барму?" вә "чоң партилаш һәққидә" дегән икки темисини йиғин иштиракчилириға сунуш имканийитигә игә болди. бу икки доклат арқилиқ әркин әпәнди астриномийәдики бәзи асаси уқумларни чүшәндүрди вә һазир һоллевуд кенолири вә ғәрб мәтбуатлирида кәң йәр алған " 2012 йили заман ахири болиду" дегән көз қарашниң орунсиз икәнликини чүшәндүрди. бу доклатлар йәнә каинаттики һәммә нәрсини сүмүрүп кетидиған "қара өңкүр", пән саһәсидики дуняниң пәйда болушиға сәвәб болған "чоң партилаш" дегән мәзмунларни өз ичигә алған болуп, дунядики қизиқ тартишишларға сәвәб болған бу темилар бизниң бу йиғин сорунимиздиму һәммәйләнниң бәс-бәс билән суал соришға түрткә болди.

шундақ қилип бу қетимлиқ илми муһакимә йиғининиң муһакимә қисми ғәлбилик ахирлашти. риясәтчиниң тәклипигә бинаән әркин сидиқ әпәнди сөз қилди. әркин әпәнди бу сөзидә бу қетимлиқ муһакимә йиғининиң интайин мувәппиқийәтлик елип берилғанлиқиға, сунулған темиларниң интайин юқири сәвийәгә игә икәнликигә вә қатнашқучиларниңму қизғинлиқиға юқири баһа бериш билән биргә йиғинниң ечилиши үчүн һәр җәһәттин көрсәткән уйғур академийиси әзалириниң төһпилиригә чоңқур миннәттарлиқини билдүрди. кәйнидин оқуғучилар вәкили зәмирә әһмәд йиғин әһлиниң йирақ-йеқин димәй келип, йиғин түзүмлиригә риайә қилип, йиғинниң мувәппиқийәтлик ечилишиға маслишип бәргән һәммәйләнгә чин көңлидин рәһмәт ейтти.униң кәйнидин риясәтчи лексийә сунған тәтқиқатчи устазларға "тәшәккүрнамә" тарқитилидиғанлиқини елан қилди вә оқуғучилардин бириниң бу қетимлиқ йиғин үчүн нәқ мәйданда язған шеирини оқуп, һәммәйләнниң қәлбини ләрзигә селивәтти.

истанбулға йиғилди алим, техник, дохтурлар,
муһакимә қилинди тарих, җәмийәт вә тиллар.
шәрбәт ичип яшниди илимгә тәшна йүрәкләр,
дуа үчүн ечилди үмид билән җүп қоллар.

зәпәр қучқан чеғиңда унутмидиң уйғурни,
чүнки йоқитип қоймидиң шан-шәрәп вә ғорурни.
сән башлиған шу йолда қәдәм бесип биз келимиз,
вә әслигә кәлтүримиз өтмүштики шанини.

әң ахирида риясәтчи бу қетимлиқ муһакимә йиғининиң йепилиш нутиқини сөзлиди:
һөрмәтлик оқутқучи устазлар, қәдирлик савақдашлар!
қиммәтлик алимлиримизниң вә һәр саһәдики утуқлуқ кишилиримизниң әтраплиқ тәйярлиқи вә уйғур академийси әзалириниң җан көйәр хизмәтлири нәтиҗисидә уюштурулған "уйғур маарипиниң бүгүни вә кәлгүси" темилиқ илмий муһакимә йиғинимиз ғәлбилик ахирлишиш алдида турупту.
гәрчә паалийитимиз башлиништин ахирлишишқичә пәқәт бир йерим күн давам қилған болсиму, бирақ бизниң алимлиримиз бу паалийәтниң йүксәк илмий қиммити вә уйғур маарипниң қәд көтүрүши үчүн ойнайдиған күчлүк иҗаби ролини көрүп йәткәнлики үчүн, йолни йирақ демәстин, дуняниң һәр қайси җайлиридин истанбулға келип иштирак қилди. түркийидики мәрипәтпәрвәр, милләтпәрвәр доктор вә устазлиримизму бу паалийәтниң бешидин ахириғичә өз һәссисини қошти вә паалийитимизни рәңләндүрди.
әлвәттә, қәлбидә илим иштияқи йенип турған оқуғучилиримизму бу паалийәткә йеқиндин көңүл бөлди вә актип қатнишип бәрди. биз уйғур академийси намидин һәммиңларға йәнә бир қетим чин қәлбимиздин рәһмәт ейтимиз.
"қараңғуда олтуруп, зулмәтни миң еғиз тиллиғандин көрә, бир тал шам яққан әвзәлдур!"
уйғурлар әзәлдин илим-мәрипәткә тәшна хәлқтур. биз бу хизмәтлиримиз билән хәлқимизниң қәлбидә өчмәстин йенип турған, пәқәт йеқинқи дәвирләрдә түрлүк тарихи вә иҗтимаи сәвәпләр түпәйлидин дуня сәһнисигә өз нурини чачалмиған шу илим мәшәллирини йеңидин ялқунлатсақ вә из басарларниң йолини йоруталисақ өзимизни толиму бәхитлик һесаплаймиз.
"тохтимас карван йолидин гәрчә атлар бәк оруқ".
бизниң йолимиз толиму узун, имтеһанимиз толиму қийин!
лекин шуниңға ишинимизки, йоллар маңғанчә ечилғуси, карван қошуни күнсири зорайғуси! излиридин гүлләр үнгүси!
әзиз қериндашлар, уйғур академийсиниң 3- қетимлиқ "уйғур маарипиниң бүгүни вә кәлгүси" темисидики илмий муһакимә йиғини мушу йәрдә аяғлашти, уйғур пән – маарипиға көңүл бөлгиниңларға көп рәһмәт!

уйғур академийиси тәшвиқат бөлими

(әскәртиш: бу хәвәр давамлиқ тәһрирлинип тулуқлиниду. шуңа башқа тор бәтләргә қоймақчи болсиңиз тулуқ болғанда қойсиңиз, рәһмәт!)
Choqqigha qaytish Go down
abdul
2.hud


Yézilmilar Sani : 16
töhpe : 59
tizimlatqan waqti : 2011-03-16

YollashMawzu: Re: uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini   24.06.11 21:51

Uyghur akadémiysining 3 – qétimliq uyghur pen – maaripi we uyghurlarning kelgüsi timiliq ilmiy muhakime yighinimaarip bir milletning oyghinishi, tereqqi qilishi we yüksilishidiki eng muhim amildur. Uyghur akadémiysi bügün "uyghur pen-maaripi we uyghurlarning kelgüsi" témisidiki 3- qétimliq ilmiy muhakime yighinini ötküzüp, uyghur maaripining tereqqiyati üchün yene bir muhim qedemni basti.

Istanbulning zamaniwi merkizi bolghan taksim meydanidiki green park méhmanxanisigha bügün dunyaning herqaysi jayliridin 16 neper uyghur tetqiqatchi we uyghur ziyalilar, doktor, magéstir oqoghuchiliri, türkiyediki oqoghuchilar, meripetwer zatlar kelgen bolup, nepis bézelgen méhmanxana yighin zali élim-pen'ge telpün'gen 150 artuq yürekler bilen tolghan idi.jarangliq, jushqun türkiye döliti istiqlal marshi oqulghandin kéyin, aldi bilen uyghur akadémiysining reisi péroffisor doktur alimjan inayet échilish nutiqi sözlidi.péroffisor doktur alimjan inayet ependi bu qétimliq yighinining ehmiyiti, roli we dunyaning her qaysi jayliridiki uyghur ziyalilirigha bolghan ijabi tesirini tonushturup ötti we yighinning muweppiqiyetlik échilishigha bolghan güzel tileklirini bildürdi we bu tür ilmiy paaliyetlerning bundin kéyin qerellik halda özlüksiz élip bérilidighanliqini éyitip, weten ichi – sirtidiki uyghur ziyalilirining uyghur pen – maaripini tereqqiy qildurush üchün mürini – mürini tirep, birlikte tirishishimizning tulimu muhimliqini otturigha qoydi.

Uyghur akadémiysining reis wekili abdulhemid qaraxan we uyghur akadémiyisidiki bashqa hey'et ezalar bu qétimliq ilmiy muhakime yighini üchün intayin chong küch chiqarghan bolup, paaliyetning nurghun qismini abdulhemid özi bir qolluq pilanlighan idi. U échilish nutiqida mundaq dédi:

Herqaysi döletlerdin kelgen eziz mihmanlar, hörmetlik oqutquchi – ustazlar, söyümlük uyghur oqughuchilar, herqaysi jemiiyetlerning japakesh mes'ul xadimliri we uyghur akadémiyisining pidakar hey'et ezaliri!
Uyghur akadémiyisi bügün yene bir muhim tima üstide muhakime yighini orunlashturup, uyghur pen – maaripi we uyghurlarning kelgüsi heqqide ilmiy mulahiziler élip barmaqchi. Men uyghur akadémiyisi pexiri reisi doktor erkin sidiq we uyghur akadémiysining 20 dölettin 190 neper ezasigha wakaliten, bu yighin'gha qatnashqan hemminglargha chin yürektin teshekkür éytimen, xosh keldinglar!
Eziz qérindashlar, tarixqa nezer salsaq, bizdin farabi, yüsüp xas hajip, mehmud qeshqeri, ulughbeg, elishir newaiy, abduqadir damollam qatarliq nurghun dunyagha meshhur alim – mutepekkurlirimiz yétiship chiqip, dunya medeniyet ghezinisige, jumlidin uyghur medeniyet ghezinisige zor töhpilerni qoshqan. Künimizdimu uyghurlardin yuqarqidek ilim – penning yüksek pellisige chiqqan alimlirimiz uyghurni we uyghurning ilim – pen küchini dunyagha namayan qilmaqta. Halbuki, biz uyghurlar türlük seweplerdin, künimizde ilim – pende özge milletlerdin tulimu arqida qalduq. Bu seweptin, hazir biz her qaysi sahelerde yétiship chiqqan ilim ehlilirige her zaman'gha qarighanda téximu ihtiyajliq boliwatimiz. Bu menidin élip éytqanda, bizning zimmimizge chüshken wezipimiz tulimu éghir. Bu müshkül, emma ehmiyetlik wezipining ada qilinishi üchün azraq bolsimu küch qoshalisaq, özimizni tulimu bextiyar his qilimiz.
Axirida, bügünki bu ilmiy muhakime yighinimizning ulugh millitimiz uyghurlar üchün xeyirlik bolishini chin dilimdin ümid qilimen we sözümni töwendiki shiir bilen axirlashturimen.

Biz üchün shereptur el – yurtning ishi,
elge ish qilghanning égilmes béshi.
Eger shu ehdimizni aqliyalisaq,
ne hajet qebrimizge xatire téshi.

Köpchilikke köp rehmet!

Türkiye jumhuriyitimu bu qétimliq muhakime yighini üchün intayin köngül bölgen bolup, türkiye bash ministirliktin eser saqa xanimmu kelgen idi. Eser xanim uyghur akadémysining qisqighine 2 yil waqit ichide közge körünerlik netije qolgha keltürgenliki, türkiyediki we dunyadiki uyghur ziyalilirining birlishishi uchün intayin muhim bolghan deslepki asasni tiklep bergenlikidek muhim töhpilirini tilgha aldi we uyghurlarning kelgüsidin tulimu ümidwar ikenlikini sözlidi.(eser saqa xanimning ata – anisi uyghur bulup, bowisi, yeni anisining dadisi 1890 – yillirida xotendin türkiyening ghaziantep wilayitige kélip olturaqliship qalghan, dadisi bolsa, 1937- yilida qeshqerdin türkiyening ghaziantep wilayitige kélip olturaqliship qalghan.)
buningdin kéyin yighin riyasetchisi yighin'gha ishtirak qilghan bashqa jamaet erbapliri we idare – organ bashliqlirining tizimlikini oqup ötti we ularning güzel tileklirini yetküzdi.

Alahezel yérim saetlik échilish nutuqliridin kéyin, muhakime yighini resmiy bashlandi. Bu qétimliq yighin töt ilmiy olturushtin terkip tapqan bolup, birinji bölümde péroffésor doktor alimjan inayet bashchiliqidiki 4 kishidin terkib tapqan.



1. Türkiye ege uniwérsititi türk dunyasi tetqiqat énistitoti oqutquchisi péroffisor doktor alimjan inayet özining "uyghur tilining til inqilabi" dégen notuqida, uyghur tilining yéqinqi 60 yil mabeynide 5 qétim islahat qilin'ghanliqi, "sozuq tawushlarning ajizlishishi" digendek özgertishlerning uyghur tilini bashqa türk érqigha mensup milletlerning tilidin yiraqlashturiwetkenliki otturigha qoydi. Bu özgirishlerning addiyla tawushlarning ajizlishish mesilsi bolup qalmastin, belki bir milletning kelgüsige bérip taqilidighan muhim bir mesile ikenlikini delillesh bilen birlikte, uyghur tilining tereqqiyati toghrisidiki özining teklip pikirliri otturigha qoydi we weten ichi – sirtidiki ziyalilarning tilimizni qoghdashtiki bash tartip bolmaydighan mejburiyitini tekitlep ötti.
Notuqtin kéyinki qizghin sual sorash we munazire yighin keypiyatni janlandurush bilen bille yighin ishtirakchillirni uyghur tilini qandaq qilip qoghdesh we tereqqy qildurush heqqidi chongqur oygha saldi.

2. Istanbul beykent uniwérsiti oqutquchisi,yardemchi dotsint doktor meghpiret kamal "molla bilal nazim we uning hayati" namiliq tetqiqat témisini sundi. Meghpiret xanim molla bilal nazimning tughulush we ösüp yétilish tarixini shundaqla edebiyat, shéir jehette tolup tashqan talanti bolsimu, eyni zamanning sharaitliri tüpeyli tonulalmighanliqi qatarliq nuqtilarni chüshendürüp, molla bilal nazimning tégishlik ornini eslige keltürüshtek güzel arzu-isteklirini ipadilidi.

Sadir palwan bilen manchu hökümranliqigha qarshi xelq küreshlirige qatnashqan molla bilalning bizlerge qaldurghan qimmetlik eserliridin "nozugum", "changmoza yüsüpxan" qatarliqlardinmu melumat berdi.

3.islam penliri boyiche marmara uniwérsititining dokturliqini püttürgen alimjan bughda ependi özining "mawaunnehir islam qanunchiliri we ularning eserliri" témisidiki notiqida, islam tarixida ottura asiyaliq islam ölimaliri, ularning islamgha qoshqan töhpisi we tetqiqat eserlirini tonushturup ötti.

U uyghur qatarliq türk irqigha tewe bolghan milletlerning islam dini tetqiqati üchün öchmes töhpilerni qoshqanliqni otturigha qoydi.

4. Yaponiye tokyo uniwérsititi yürek qan-tomur késellikliri boyiche doktorluq unwani alghan ablet turan ependi "saghlam yashash we urun ömür körüsh" digen notuqida yaponiyelik alimlarning tetqiqat netijilirini asas qilip turup, birleshken döletler teshkilatining ölchimige asasen her 100 ming noposning ichide eng kem 7.5 yüz yashtin halqighanlar bar rayon we dunyaning her qaysi jayliridiki jümlidin uyghur diyaridiki otturiche ömür perqlirini sitastikiliq melumatlar bilen körsitip ötüsh bilen bille ,'insanlarning uzun ömür körshide mohit,rohi-keypiyat we ozuqluqning intayin mohim rol oynaydighanliqini tibbi nuqtidin delillep, uzun ömür körüsh toghrisidiki pikir-tewsiyelirini otturigha qoyup, anglighuchilarni salametlikini asrashqa chaqirdi. Ablet ependining yumuristik sözliri we qiziqarliq sözlesh uslubi yighin ehlini özige jelp qilip, yighin keypiyatini téximi yuqiri kötürgen bolsa, körsetken neqli we eqli delilliri köpchilikni qayil qildi.

Birinji künlük paaliyetning tunji ilmiy olturushi ghelbilik axirlashqandin kiyin méhmanxana réstoranida méhmanlar chay, qehwe we türlük péchine – pirenikler, bolkilar bilen ghizalan'ghach yighin élip kelgen hayajanning türütkiside chüshtin burunqi mezmunlar heqqide qizghin bes-munazire we öz-ara pikir almashturush élip bardi.

Chüshtin kéyin saet 13:30 da yighinning ikkinji ilmiy olturushi bashlandi. Yighinning ikkiniji ilmiy olturushi hajettepe uniwérsititining tarix penliri doktori erkin ekrem bashchiliqidiki 4 kishidin terkip tapqan.

1. Türkiye hajetepe uniwérsititi ijtimaiy penler énistitoti oqutquchisi, tarix sitiratigiye penliri dotsint dokturi erkin ekrem "uyghurlarning xelq'ara munasiwetlerge bolghan xata chüshenchiliri" dégen témida doklat berdi.

Erkin ependi dokilatida xeliq'aradiki döletler munasiwitini toghra tehlil qilish üchün awwal insanlarni toghra chüshinishning lazimliqini tekitlepla qalmay, insanlarni chüshinish herkitining qisqiche tereqqiyati, bu sahediki muhim tetqiqatchilar we neziriyelerni chüshendürdi. Erkin ependi yene xelq'aradiki döletler munasiwitining tarixi toghrisidimu tepsili chüshenche bérip ötti.

2. Istanbul maltepe uniwérsititi oqutquchisi dotsint doktor shewket nasir "idiologiye teshwiqati we uyghurlar" toghrisida doklat sundi.

Shewket ependi doklatida asasliq teshwiqat wastilirining qisqiche tarixi we insanlarning idiilogiyesige qandaq tesir körstidighanliqi we bu xil tesir körsitish arqiliq xelqning idiologiye kontrol qilishqa urun'ghan bezi döletler bilen hökümetlerning teshwiqat wastilirini qollinip xelqning iddiyisini özgertish körshide ghayet zor netijilerni qolgha keltürgenlikini sözlep ötti

3. Istanbul bilgi uniwérsititi kompiyotér oqutquchisi dotsént doktori murat orxun ependi"uyghurche jüp sözlerning kompiyutér tetqiqati" digen témida nutuq sözlidi.murat ependi uzun mezgildin buyan uyghur tilining kompiyotérda bashqa tillargha terjime qilish tetqiqati bilen shughulliniwatqan bolup, u bügünki témisida kompiyotérdiki uyghur tili tetqiqatining ehmiyiti, roli we tereqqiyatini chüshendürüp ötüsh bilen bille uyurche jüp sözlerning bezi xususiyetlirini otturgha qoyulup , kompiyotérda jüp sözlerni aptomatik birterep qilishning herqandaq bir til üchün intayin qiyim mesike ikenlikini we bu mesilning uyghur tildiki tarixi , bir terep qilish usul, pilanlirini otturgha qoyup köpchilikning ana tilining kompiyoturdiki tereqqiyatigha bolghan ishenchini hessilep ashurdi.

4. Eng axirida oqutquchi abduweli tursun ependi "uyghur maaripi weuyghurlarning kélechiki" dégen témidiki maqalisini sundi.

Abduweli ependi ushbu maqalisini bu qétimliq muhakime yighinigha qatnishish üchün teyyarlighan bolup, maqaliside yéqinqi zaman uyghur maarip tarixining tereqqiyatini, bu maaripning yétersizliklirini we natoghra qarashlirini sözlep ötüp, wetinimizde yolgha qoyuliwatqan "qosh til maaripi"ning xata tedbiqlinip "yekke tilliq maarip"qa aylinip qalghanliqini tekitlep ötti. Abduweli ependi yene bu xil "yekke tilliq maarip"ning millitimizning kélechiki bolghan yash-ösmürlerning maarip sewiyesini töwenlitiwetkenliki, hemde ana tilini yaxshi öginish pursitidin mehrum qéliwatqanliqini tilgha élip, bu xil ehwalni özgertishtiki pikir charilerni otturigha qoydi.ikkinji ilmiy olturushining bashqurghuchisi erkin ekrem ependining xulasisidin kéyin anglighuchilargha 15 minutluq teneppus bérildi, 16:15 te yighinning üchinji bölümi bashlandi.

Üchinji bölüm enqere uniwérsititining siyasi penler doktori erkin emetning mes'ulliqida élip bérildi..
1. Doktor abdüshükür abdureshid "kompiyotér séstimisidiki mewhumlashturush" dégen témida doklat berdi. Abdüshükür ependi hazir shiwitsariyediki melum bir xewerlishish shirkitide ishlewatqan bolup, bu qétimliq yighin'gha alahide teyyarliq qilip kelgen idi. Abdüshükür ependi léksiyeside awwal kompiyotér séstimisidiki mewhumlashturush téxnikisining ehmiyiti, roli, pirinsipi qatarliqlarni chüshendürgendin kéyin mewhumlashturush téxnikisigha qattiq détal we yumshaq détal nuqtitisidin izahat berdi. Axirida abdüshükür ependi hazir dunyada moda boluwatqan bulut téxnikisini qisqiche chüshendürüp nutiqini axirlashturdi.

2. Türkiye enqere uniwérsititi til – edebiyat pakoltiti oqutquchisi yardemchi doktor erkin emet ependi yéqin zaman tarixida uyghur tilida yüz bergen epsuslinarliq özgirishlerni misallar arqiliq otturigha qoydi. Shundaqla texminen 1920-1940 yillardiki türkshunas gunnar yaringning kitapliridiki qeshqer, xoten qoshaqlarini hazirqi zaman wariyantliri bilen sélishturush arqiliq perqlerni otturigha qoydi we bu perqlerning kélip chiqish sewepliri üstide tepsili toxtaldi.

3. Istanbul téxnika uniwérsititining qurulush énjinirliqi kespi boyiche yardemchi dotsént doktor eli rozi öz'uyghur "yer tewreshte imaretlerni kontirol qilish" digen témidiki doktorluq oqush püttürüsh maqalisini sundi.eli ependi qurulush ilimining asasini chiqish nuqtisi qilip turup, qurulush bixeterlikining téxnikisini anglighuchilargha chüshendürdi.

4. Shiwitsiyede oquwatqan doktor'aspirant eysajan abidin "mexpi shifir ilmi" dégen témida doklat berdi. Eysa ependi mexpi shifir téxnikisining izahati bilen nutiqini bashlap, aldi bilen anglighuchilarning bu keng qollan'ghan emma nezerdin saqit qilin'ghan mezmun'gha bolghan xata chüshenchilirini aydinglashturdi.shundaqla bu téxnikining pirinsipi, ishlitilishi, türliri qatarliq nuqtilarni chüshendürdi we yighin ehlini uchur bixeterlikige diqqet qilishqa chaqirdi. Léksiyesining keynidin, eysa ependi yene shiwitsiyening maarip séstimisini chüshendürüp, shiwitsiydiki ali mekteplerning oqoghuchi qobul qilishi, oqush tüzimi, oqush püttürgendin kéyinki xizmet tépish ehwali we xizmet séstimisi qatarliq jehetlerdin inchike chüshenche bérip, olturghanlarni shiwitsiyede oqush toghrisida tepsili melumat bilen teminlidi.
Uyghur akadémiyisi heqqidiki qisqighine bir tonushturush filimidin kéyin, uyghur akadémiysi reisi alimjan inayet , erkin ekrem we erkin emetler xulase sözi qildi, alimjan ependi bügünki yighinning intayin muweppiqiyetlik bolghanliqini, intayin yaxshi témilarning sunulghanliqini we muhim pikirlerning otturigha chüshkenlikini éytip ötti. Erkin ependi bu qétimliq yighinning uyghurlarning kélechektiki maarip tereqqiyati üchün intayin muhim asas sélip bergenlikini tekitlep, uyghur akadémiysining barliq ezalirigha rehmet éytti. Erkin emet ependi yighin'gha qatnashquchilarning qizghinliqigha yuqiri baha bérip, köpchilikning téximu köpligen teklip- pikir bérishini ümit qilidighanliqini bildürdi.
Shundaq qilip uyghur akadémiysining 3- qétimliq "uyghurlarning pen-maaripi we kelgüsi" témisidiki ilmiy muhakime yighinining tunji künlük paaliyetliri ntayin ghelbilik axirlashti. Yighin ikkinji küni yekshenbe etigen saet 09:00 da oxshash méhmanxanida dawamlashti.
Yekshenbe küni istanbul xelqning dem élish küni bolghanliqidin yollar, kochilarning jim-jit bolushigha qarimay ilmiy muhakime yighin zalida adettin tashqiri qaynam tashqinliq höküm süriwatatti.
Bügün peqetla yighinimizning tötinji ilmiy olturushi bar bolup, bu bölümde uyghur akadémiyisining pexiri reisi, amérika nasa alem optik téxnka idarisining yuqiri derijilik injénéri doktor erkin sidiqning bashchiliqida, girmaniye olim onéwirsititi doktur aspiranti qurbanjan barat, uyghur akadémiyisining muawin reisi, istanbul arnawutluq rayoni dölet doxturxanisining aile doxturi exmetjan polat we uyghur akadémiyisining reis wekili, istanbul téxnika uniwérsitéti yadro penliri doktur aspiranti abdulhemid qaraxan qatarliqlar bar idi.

1. Doktor erkin sidiq "yaxshi meghlup bolush üchün qandaq qilish kérek?" dégen témida doklat berdi. Erkin ependi oghli dilshatning oqush püttürüsh murasimidiki anglighan nutuqidin alghan ilhamini chiqish nuqtisi qilip turup, amérika sabiq prézidinti trumén, alma shirkitining bash lédiri sitiw jobs qatarliq dunyadiki dangliq shexsler we özining ösüp yétilish jeryanida uchrighan ongushsizliqlarni we shu ongushsizliqlarni qandaq yenggenlikni tepsili bayan qilip, meghlup bolghandimu iradimizni sundurmasliqimizgha, hayatqa bolghan ümidimizni yoqatmasliqimizgha, meghlup bolghandimu "yaxshi meghlup" bolushqa chaqirdi.

2. Doxtur exmetjan polat "ghol hüjeyre heqqide qisqiche chüshenche" dégen témida nutuq sözlidi.exmetjan ependi bir hayatliqning qandaq bashlinidighanliqidin bashlap chüshendürüp, baliyatqudiki hüjeyrining yétilishi, parchilinishi we her hepte, her aydiki tereqqiyat basquchliri toghrisida tepsili chüshenche birish bilen birge dunyadiki qiziq témilarning biri boluwatqan sün'iy uruqlandurush weklon téxnikisi toghrisida melumat berdi. Klon téxnikisi insaniy exlaq jehettin qizghin munazire qiliniwatqan bir téma bolup, bügünmu bu yighin zalida oxshashla qizghin bir mulahizige yol échip berdi.

3. Gérmaniye ulm unéwirsititining nanométr téxnikisi boyiche doktor aspiranti qurbanjan barat "nano téxnikisi" dégen témida doklat sunup, bu téxnika heqqide qisqiche chüshenche berdi. Qurbanjan, éli xelqining yumuristik söz qabiliyitini bu yighin'ghimu élip kelgen bolup, qiziqarliq sözliri we özgiche ipadilesh usulliri bilen nano téxnikisining mahiyitini, téxnikiliq atalghuliri, turmushimizdiki ishlitishchanliqinii,bizge élip kelgen qolayliqlirini we kelgüsi tereqqiyatini inchike chüshendürüp, burunqi yanfun we hazirqilliri bilen sélishturup nano téxnikisi ilgirlise yanfun'gha 24 saette bir qétim inirgiye qachilashtek ehwalgha xatime birilip bir yil hetta bir qanche yilda bir qétim inirgiye ge htiyaj tuyuldighanliqidin xewer birip yighin shtirakchillirni tolimu söyündürdi.

4. Istanbul téxnika uniwérsitéti yadro penliri doktur aspiranti abdulhemid qaraxan "yadro téxnikisi" dégen témida nutuq sözlidi.yadro téxnikisi uyghurlarning turmushigha intayin chong tesir körsetken bir téxnika bolsimu, lékin ilim-pen nuqtisidin qarighanda bizning turmushimizdin intayin yiraq idi. Abdulhemid ependi yadro téxnikisining peyda bolush sewebi, tereqqiyati, prinsipi qatarliqlarni chüshendürüp, dunyadiki yadro téxnikisigha ige bolghan döletlerning omumi ehwalini türkiyining ehwaligha baghlap tehlil qilip, anglighuchilarni bu témida etrapliq chüshenchige ige qildi. Oxshash waqitta, abdulhemid ependi wetinimizning teklimakan qumluqida élip bérilghan yadro bomba sinaqlirining tebietke we xelqqe bolghan ziyinini sözlep, bizning bu jehettiki hushyarliqimizni tekrar oyghatti.

Erkin sidiq ependi bu qétimliq ilmi muhakime yighini üchün estayidil teyyarliq qilip 3 parche maqale élip kelgen bolup, lékin ayropilan kéchikish sewebi bilen yighin'gha waqtida ülgürüp kélelmigen idi. Shunglashqa üch parche maqalisining hemmisini sunushqa yéterlik waqit qalmighanidi. Lékin shundaq bolsimu, erkin ependi özining "kainatqa bashqa astiroydlarning soqulup kétish éhtimali barmu?" we "chong partilash heqqide" dégen ikki témisini yighin ishtirakchilirigha sunush imkaniyitige ige boldi. Bu ikki doklat arqiliq erkin ependi astrinomiyediki bezi asasi uqumlarni chüshendürdi we hazir holléwud kénoliri we gherb metbuatlirida keng yer alghan " 2012 yili zaman axiri bolidu" dégen köz qarashning orunsiz ikenlikini chüshendürdi. Bu doklatlar yene kainattiki hemme nersini sümürüp kétidighan "qara öngkür", pen sahesidiki dunyaning peyda bolushigha seweb bolghan "chong partilash" dégen mezmunlarni öz ichige alghan bolup, dunyadiki qiziq tartishishlargha seweb bolghan bu témilar bizning bu yighin sorunimizdimu hemmeylenning bes-bes bilen sual sorishgha türtke boldi.

Shundaq qilip bu qétimliq ilmi muhakime yighinining muhakime qismi ghelbilik axirlashti. Riyasetchining teklipige binaen erkin sidiq ependi söz qildi. Erkin ependi bu sözide bu qétimliq muhakime yighinining intayin muweppiqiyetlik élip bérilghanliqigha, sunulghan témilarning intayin yuqiri sewiyege ige ikenlikige we qatnashquchilarningmu qizghinliqigha yuqiri baha bérish bilen birge yighinning échilishi üchün her jehettin körsetken uyghur akadémiyisi ezalirining töhpilirige chongqur minnettarliqini bildürdi. Keynidin oqughuchilar wekili zemire ehmed yighin ehlining yiraq-yéqin dimey kélip, yighin tüzümlirige riaye qilip, yighinning muweppiqiyetlik échilishigha masliship bergen hemmeylen'ge chin könglidin rehmet éytti.uning keynidin riyasetchi léksiye sun'ghan tetqiqatchi ustazlargha "teshekkürname" tarqitilidighanliqini élan qildi we oqughuchilardin birining bu qétimliq yighin üchün neq meydanda yazghan shéirini oqup, hemmeylenning qelbini lerzige séliwetti.

Istanbulgha yighildi alim, téxnik, doxturlar,
muhakime qilindi tarix, jem'iyet we tillar.
Sherbet ichip yashnidi ilimge teshna yürekler,
dua üchün échildi ümid bilen jüp qollar.

Zeper quchqan chéghingda unutmiding uyghurni,
chünki yoqitip qoymiding shan-sherep we ghorurni.
Sen bashlighan shu yolda qedem bésip biz kélimiz,
we eslige keltürimiz ötmüshtiki shanini.

Eng axirida riyasetchi bu qétimliq muhakime yighinining yépilish nutiqini sözlidi:
hörmetlik oqutquchi ustazlar, qedirlik sawaqdashlar!
Qimmetlik alimlirimizning we her sahediki utuqluq kishilirimizning etrapliq teyyarliqi we uyghur akadémiysi ezalirining jan köyer xizmetliri netijiside uyushturulghan "uyghur maaripining bügüni we kelgüsi" témiliq ilmiy muhakime yighinimiz ghelbilik axirlishish aldida turuptu.
Gerche paaliyitimiz bashlinishtin axirlishishqiche peqet bir yérim kün dawam qilghan bolsimu, biraq bizning alimlirimiz bu paaliyetning yüksek ilmiy qimmiti we uyghur maaripning qed kötürüshi üchün oynaydighan küchlük ijabi rolini körüp yetkenliki üchün, yolni yiraq démestin, dunyaning her qaysi jayliridin istanbulgha kélip ishtirak qildi. Türkiyidiki meripetperwer, milletperwer doktor we ustazlirimizmu bu paaliyetning béshidin axirighiche öz hessisini qoshti we paaliyitimizni renglendürdi.
Elwette, qelbide ilim ishtiyaqi yénip turghan oqughuchilirimizmu bu paaliyetke yéqindin köngül böldi we aktip qatniship berdi. Biz uyghur akadémiysi namidin hemminglargha yene bir qétim chin qelbimizdin rehmet éytimiz.
"qarangghuda olturup, zulmetni ming éghiz tillighandin köre, bir tal sham yaqqan ewzeldur!"
uyghurlar ezeldin ilim-meripetke teshna xelqtur. Biz bu xizmetlirimiz bilen xelqimizning qelbide öchmestin yénip turghan, peqet yéqinqi dewirlerde türlük tarixi we ijtimai sewepler tüpeylidin dunya sehnisige öz nurini chachalmighan shu ilim mesh'ellirini yéngidin yalqunlatsaq we iz basarlarning yolini yorutalisaq özimizni tolimu bexitlik hésaplaymiz.
"toxtimas karwan yolidin gerche atlar bek oruq".
Bizning yolimiz tolimu uzun, imtéhanimiz tolimu qiyin!
Lékin shuninggha ishinimizki, yollar mangghanche échilghusi, karwan qoshuni künsiri zorayghusi! Izliridin güller ün'güsi!
Eziz qérindashlar, uyghur akadémiysining 3- qétimliq "uyghur maaripining bügüni we kelgüsi" témisidiki ilmiy muhakime yighini mushu yerde ayaghlashti, uyghur pen – maaripigha köngül bölgininglargha köp rehmet!

Uyghur akadémiyisi teshwiqat bölimi

(eskertish: bu xewer dawamliq tehrirlinip tuluqlinidu. Shunga bashqa tor betlerge qoymaqchi bolsingiz tuluq bolghanda qoysingiz, rehmet!)

menbe:http://uyghuracademy.com/?p=10663
Choqqigha qaytish Go down
Sponsored content




YollashMawzu: Re: uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini   

Choqqigha qaytish Go down
 
uyghur akademiyisining 3- qetimliq muhakime yighini
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Karwan yoli-
Buninggha ötüsh: