Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 سۈتنى قانداق ئىچىسىز؟

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 37
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: سۈتنى قانداق ئىچىسىز؟   21.08.11 10:32


سۈتنى قانداق ئىچىسىز؟


- ساۋاقداشلار، سىلەر سۈت ئىچىشكە ئامىراقمۇ؟

- ئامىراق!

- سۈت ئىچكۈسى كەلمەيدىغانلار بارمۇ؟

- يوق!

- ئەمىسە سىز تۇرىڭە،سىز ساپ سۈت ئىچىشنى ياقتۇرامسىز؟ياكى بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچىشنىمۇ؟مەسىلەن:سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچەمسىز؟

- ئىچمەيمەن.

- ئائىلىدىكى باشقىلار ئىچەمدۇ؟

- باشقىلارمۇ ئىچمەيدۇ.

- نېمىشقا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئىچمەيسىلەر؟

- سالامەتلىككە زىيانلىق،قورساقنى ئاغىرتىۋاتىدۇ،دەپ ئىچمەيمىز.

- سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنى كىشىلەر قانداق سۈتكەن دەيدۇ؟

- جا سۈتكەن دەيدۇ.

- ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ؟

- ساختا،يالغان،بۇلغانغان...

- ئەمىسە،سۈتكە سۇ قوشماي باشقا نەرسە،مەسىلەن:ئاچچىقسۇ ياكى چاي ۋە ياكى پىۋا قوشۇپ ئىچىشىڭلار مۇمكىنمۇ؟

- ئىچمەيمىز!

- نېمىشقا ئىچمەيسىلەر،ئۇلارمۇ ئادەتتە ئادەملەر ئىستىمال قىلىدىغان نەر سىلەر تۇرسا؟

- .....

- قايسىڭلارنىڭ ئۆيىدە ساپ بولمىغان سۈت ئىچىسىلەر؟

- ......

- ھېچقايسىڭلارنىڭ ئۆيىدە بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت ئىچمەمسىلەر؟

- ئىچمەيمىز!

- شىكەر ياكى تۇز تەڭشەپمۇ ئىچمەمسىلەر؟

- ئازىراق تەڭشەپ ئىچىمىز.

- سىلەر بوۋاق ۋاقتىڭلاردا ئەمگەن ئاناڭلارنىڭ سۈتى قانداق سۈت؟

- ساپ سۈت!

- ئەمىسە،كىچىكىڭلاردا ئاناڭلاردىن ئۆگەنگەن تىل قانداق تىل؟

- ئۇيغۇر تىلى!

- شۇنداق،ئۇيغۇر تىلى،باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئانا تىلىمىز ئانمىز بىزگە بەرگەن ساپ،پاك ۋە تەنگەئۇزۇق بولىدىغان ئاپپاق سۈتكە ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا خەنزۇچە سۆزلەنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسەك ياكى يازساق،ئانا تىلىمىز نېمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن؟

- سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان ساختا سۈتكە!

-ئىستىمال قىلامسلەر؟

-ئىستىمال قىلمايمىز!

-ئەجىبا،ئانا تىلىمىز ھېچكىم ئىستىمال قىلمايدىغان،ياراتمايدىغان ساختا تىلغا ئايلىنىپ قالسا بولامدۇ؟

-بولمايدۇ!

-سۈت ۋە ھەسەلگە ئوخشاش يىمەكلەرنىڭ ساپلىقىغا قارىتا> بار.ئەمما ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدىغان قانۇن يوق ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.

ئۇنداقتا،ئانا تلىمىزنىڭ ساپلىقىنى كىم قوغدايدۇ؟

-بىز قوغدايمىز!

-قانداق قوغدايسىلەر؟

-....

-بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇر بىلەن چوقۇم قايسى تىلدا سۆزلىشىشى كېرەك؟

-ئۇيغۇر تىلىدا!

-قانداق ئۇيغۇر تىلىدا؟

- ساپ ئۇيغۇر تىلىدا!

-ئۇيغۇر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشكەندە خەنزۇچە سۆزلىشىش ياكى خەنزۇچە سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش ھازىر بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئويلىغىنىدەك شەرەپمىكەن ياكى نومۇسمىكەن؟

-نومۇس!

-دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا ۋەتەننىڭ ۋەياكى ئانا يۇرتنىڭ ئومۇمى نامى شۇ مىللەتنىڭ ئانا تلىدا ئاتىلىدۇ.پەقەت بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئومۇمى نامىلا ئانا تىلىمىزدا ئاتالمايدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن ياشىغان ئەجداتلىرمىزنىڭ ئانا تىلىمىزمى،ئانا ۋەتنىمىزنى قوغداش ئېڭىنىڭ يىتەرلىك بولمىغاىلىقىدا ۋە ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئومۇمىي نامىنىڭ ساختا ئاتالمىسى ئاڭسىز ھالدا ئومۇملاشتۇرۋالغانلىقىدا.يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بېرىمۇ نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرمىزنى،مەسىلەن ناھيىمىزدىلا رەخت بازىرىنى شاڭگاڭ بازىرى،يېڭى بازارنى خەنزۇ بازىرى،چوڭ كۆۋرۈك يېزىسىنى داچىياۋ... دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ.ئەسلى باش كىمنىڭ بولسا،تىل،تەپەككۈر ۋە كۆزمۇ شۇنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى.ھازىر باش ۋەيۈز بىزنىڭ،بىراق تەپەككۈر،كۆز ۋە سۆز بىزنىڭ بولماي قېلىىۋاتىدۇ.

-قايسىڭلار ئېيتىپ باقىسىلەر؟ قانداق نەرسىنىڭ قەدىرى- قىممىتى ئەڭ يوقۇرى بولىدۇ؟

-ئاز نەرسىنىڭ.

-شۇ ئاز نەرسىنىڭمۇ قاندىقىنىڭ قىممىتى ئەڭ يوقۇرى بولىدۇ؟

-.....

-بوغداي ياكى ئالتۇننى مىسال ئالايلى،قانداق بوغداينىڭ ياكى ئالتۇننىڭ قىممىتى يوقۇرى؟

-ئەخلىتى يوق پاكىز بۇغداينىڭ،ساپ ئالتۇننىڭ!

-ساپ ئالتۇن دېگىنىڭىز قانداق ئالتۇن؟

-باشقا تەركىپلەر ئارىلاشتۇرۇلمىغان ئالتۇن.

-دېمەك،ھەرقانداق نەرسىنىڭ پاكىز ۋە باشقا تەركىبلەر ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ بولغىنىنىڭ قەدىرى-قىممىتى يوقۇرى بولىدۇ.ئانا تىلىمىزنىڭ-ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەر شارىدىكى قەدىر-قىمىىتىنى ئاشۇرۇش بىز ئۈچۈن ئانچە بەك تەسمۇ ئەمەس.ئۆزۈمىزدىن باشلاپ ھەر-بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە >دىن نومۇس قىلىش،ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئېڭى شەكىلەنسە،ئانا تىلىمىز ۋە مىللىتىمىز بەش يۈز يىلدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.ئەگەر ئۇنىڭغا خەقنىڭ تىلى ئارىلىشىپ>سا،ئانا تىلىمىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ بارا-بارا ئىستىمالدىن قالىدۇ.

بايا سۈتكە شىكەر تەڭشەش دېگەن گەپ چىقىپ قالدى.بۇنىڭدىكى مەقسەت سۈتنى تېخىمۇ تەملىك قىلىپ ئىچىش بولغاندەك ئانا تىلىمىزنىمۇ تېخىمۇ >لىك قىلىپ ئىستىمالى قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرسى،ئەدەبىي ئەسەرلەرنى،بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيمىز؛ئىككىنچىسى،بوۋا-مومىلىرمىزنىڭ سۆزلىشىش ئادەتلىرىنى كۆپرەك ئىگللەيمىز؛ئۇلاردەك ئوبرازلىق سۆزلەشنى ئۆگۈنىمىز،قايسىڭلار بوۋاڭلارنىڭ ياكى موماڭلارنىڭ ئۆيدە قىلغان بىرەر جۈملە سۆزىنى دەپ باقىسىلەر؟

-......

-ھېچقايسىڭلارنىڭ بوۋىسى ياكى مومىسى يوقمۇ؟

- بار!

-ئەمىسە نېمىشقا قول كۆتۈرمەيسىلەر؟سىلەر تۇغۇلغاننىڭ ياقى ئۇلار گەپ قىلىپ باقمىدىمۇ يا؟

-گەپ قىلغان.

-بولدى،سىلەرنى تەڭلىك قىلماي.بۈگۈندىن باشلاپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە مەن دەرسكە كىرگەندىن باشلاپ چىقىپ كەتكۈچە بىر ئېغىزمۇ >دا،توغىرسى،خەنزۇچە سۆز ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ قالساڭلار،مەن سىلەردىن خاپا بولۇپ قالىمەن.مېنىڭ سۆزۈمگىمۇ خەنزۇتىلى ئارلىشىپ قالغۇدەك بولسا،دەرھال قول كۆۈتۈرۈپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىڭلار.تىل-ئەدەبىياتتىن باشقا دەرس ۋاقتىدا ۋە خەنزۇلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئىمكان بار ئۇيغۇر تىلىنى ئارىلاشتۇرماي ساپ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىپ ئۆگۈنىڭلار.بۈگۈنكى دەرسىمىزنىڭ تېمىسى ئانا تىلىمىزنىڭ ساپقىلىقىنى قوغداش.

بەش كۈنلۈك بايرامدا ھەر كۈنى بىردىن بەش جۈملە بوۋاڭلار ياكى موماڭلار قىلغان نەسىھەت مەزمونىدىكى سۆزلەرنى يېزىپ كىلىش تاپشۇرۇق.



مەنبە: مىسرانىم ئەزاسى كىچىك ئوغۇل يازمىسى

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
 
سۈتنى قانداق ئىچىسىز؟
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yazmilar-
Buninggha ötüsh: