Uyghur Oqughuchilar Munbiri
Uyghur Oqughuchilar Munbiri

yawrupada oquwatqan, we yawrupagha kilip oqushqa qiziqidighan uyghurlar üchün pikir almashturush supisi
 
HomeHome  Uyghur Latin YiziqiUyghur Latin Yiziqi  CalendarCalendar  GalleryGallery  IzdeshIzdesh  XetküchlerXetküchler  FAQ (Soal-Jawablar)FAQ (Soal-Jawablar)  TizimlitishTizimlitish  mushtir bolungmushtir bolung  Kirish  
Latest topics
» Yengi Eza(lar)din Munber Ehlige Salam
by alibay 19.07.12 11:59

» 2012-yilliq wetendin kelgen oqush mukapat puligha iltimas qilish waqti toshup qaldi
by oghuzkb 02.05.12 3:25

» nijat hoshur akimizning körgezmisi yerlik xewerlerde
by oghuzkb 19.03.12 17:40

» Pseudomonas xinjiangensis sp – wetendin tepilghan bakterye
by Esra 28.12.11 13:37

» تۈركىيەدە ئوقۇش
by oghuzkb 26.12.11 2:47

» Germaniyege oqushqa kelgen zhongguoluq oqughuchilarning ozini tizimgha aldurush jedwili
by oghuzkb 19.11.11 14:36

» uyghur dokturlar heqqide
by Mung_kuy 10.09.11 11:19

» Xosh Xewer: Xinjiang tewelikidiki her millet oqughuchilirigha 2011. yildin bashlap oqush mukapat puli birildu.
by oghuzkb 05.09.11 4:26

» uyghur akadimyesige i'ane
by oghuzkb 30.08.11 13:57

ulinishlar
meripet

UA

Biliwal

UKIJ

Yulghun

TipTop

TipTop

meripet

Share Tewsiye
Diqqet

Bu peqet bir ilmi pikir almashturush supisi. eger bu yerdiki yazmilarda bashqilarning eser hoqoqigha, kishilik hoquqigha, jungxua xeliq jumhuryiti we yazghuchi özi yashawatqan dölettiki qanun-siyasetlerge xilapliq qilinidighan ehwal körülse, munbirimiz jawabkarliqni üstige almaydu, yazma yazghuchi özi ige boloshi kirek!


Share | 
 

 تۈركىيەدە ئوقۇش

Aldinqi Téma Kéyinki Téma Go down 
AptorMeséj
oghuzkb
10.oghuz
avatar

Yézilmilar Sani : 400
töhpe : 846
tizimlatqan waqti : 2009-05-31
yishi : 36
Orni : Ulm, Germany

YollashMawzu: تۈركىيەدە ئوقۇش   26.12.11 2:47



قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ يازمىنى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز قاھار يازغان ئىكەن، تۈركىيەدە ئوقۇشقا قىزىقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم. شۇڭا بۇ يازمىغا مۇناسۋەتلىك سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بىرىشقا ئاجىزمەن. ئاپتورنىڭ ئۆز تەجىربىلىرىنى قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمبەھىر قىلغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق، ئاللاھ بۇ ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلەر نىسىب قىلسۇن! تۆۋەندىكىسى يازما مەزمۇنى:

تۈركىيەدە ئۇقۇش ئۈچۇن ئالدى بىلەن« تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار كۇمېتىتى»غا ئىلتىماس يېزش كېرەككەن. ھازىر بولسا تۈركىيە ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۇقۇشىنىلا تەلەپ قىلغاچقا،شۇ سەۋەپلىك بىر قىسىم سىياسىغا چىتىل ىدىغان ئورگانلارنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشتۇرمايدىغان بۇلۇپتۇ. بۇندىن كىيىن ئۇقۇش ئىشىنى مۇرات ئورخۇن باشچىلىغىدىكى«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۇمېتىتى» ئۆز ئۈستىگە ئالدىكەن.ئۇ تۆتىسىدىن ئۈچىسىنىڭ بۇ يەردە خىزمىتى بار ،خىزمەتتىن سىرت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلېرىنى خالىس قىلىپ بېرىدىكەن .پەقەت بىرسىلا مۇقىم بىر ئىشخانىدا ئو لتۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىپ ئۇنداق –مۇنداق ئىشلېرىغا مەسلىھەت بېرىدىكەن، ھەمدە ئۇمۇ خالىس ياردەمدە بۇلىدىكەن. يەنە بىر خىل ئۇسولدا يەنى:ئۆز ئالدىغا چاقىرىق ئەۋەتكۈزۈش،(مەسلەن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇرۇق-تۇققان ۋە ياكى تۇنۇشلېرى ئارقىلىق چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش) بۇ ئۇسولدا ۋىيزا ئىلىشنىڭ بىز ئاز ئاۋارىچىلىقى بار،لىكىن بۇيەرگە كەلگەندە ھەممىسىگە ئوخشاش بىر مۇئامىيلىدە بۇلىدۇ.
1 تىل مەكتىپىنى تاللاش:
ئالدى بىلەن تىل ئۈگۈنۈش مەكتەپ لېرى تۇغرۇلۇق بىر ئاز تۇختىلاي،بىزنىڭ تۈرك تىلى ئاساسىمىز ئاجىز بولسا ئاۋال تىل ئاساسىنى سىلىۋىلىشىزغا تۇغرا كىلىدىكەن. بۇيەردە دۆلەت تەۋەلىگىدىكى تىل تەربىيلەش مەكتەپلېرىدىن سىرىت يەنە شەخسىي تىل تەربىيلەش كۇرۇسلېرىمۇ بار ئىكەن.ئۇقۇش ھەققى ئۇخشىمايدۇ،بەزىلېرى يىلدا 400 ياۋرو ئالسا يەنە بەزى مەكتەپلەر ئايدا 400 دوللار ئالىدىكەن.ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بولسا 3ئايدا 350ياۋرو،مەن شۇ ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇقۇۋاتىمەن.ئاڭلىسام كىيىنكى 3ئايدا (يەنى قىشلىق تەتىلدىن كىيىن)ئۇقۇش پۇلىنى سەل كىمەيتىدىكەن،تۈنجى قىتىمدا باج دەمدۇ بىر نىمىلەر گە ئازراق پۇل تۇتىدىغان چىغى،بىزدىن 6ئاي ئۇقۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.يىغىنچاقلىغاندا 8-9يۈز دوللار ئەتراپىدائۇقۇش پۇلى تاپشۇرىمىزكەن. 2012 -يىل6-ئايدا «ۋەتەندىكىدەك ئاسپىرانىتلىق ئېمتىھانى»غا قاتنىشىمىز ۋە شۇ نەتىنجىگە ئاساسەن قايتا ئارزو تولدۇرۇپ ،مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاپ 9-ئايدا «رەسمىي ئاسپىرانىتلىق» ئۇقۇشىغا كىرىپ كىتىدىكەنمىز.(ئېمتىھان تۈرك تىلى ۋە تۇلۇقسىز ،تۇلۇقنىڭ ماتېيما تىيكىسىدىن ئىلىنىدىكەن.) مەن ئىستانبول ئۇنۋېرسىتى تىل مەركىزىدە ئۇقۇۋاتىمەن، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقساقلا مەر-مەر دېڭىزى كۆرۇنۈپ تۇرىدۇ.گاھ ئىچىم سىقىلىپ قالسا دەرىس ئارىلىغىدا دېڭىز بۇيىغا بېرىپ مەنزىرە تاماشا قىلىپ كىلىمەن،بەزى ۋاقىت لاردا دېڭىزسۈيىگە ۋە چايكىلارغا قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بۇلۇپ كىتىمەن. مىنىڭ ھەپتىدە تۆت كۈن ،ھەر كۈنى چۈش تىن بۇرۇن 3 سائەتتىن دەرىسىم بار.ئىككى كۈن بىر مۇئەللىم،يەنە ئىككى كۈندە بىر مۇئەللىم ئالمىشىپ سۆزلەيدۇ. سىنىپتا ئۇيغۇر بالىلادىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلېرىدىن كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارمۇ بار.(26ئۇقۇغۇچى بار) ئۇقۇتقۇچىلار بولسا دەرىسنى بەك ياخشى ئۈتۈپ بېرىدۇ،ناۋادا بىر ەر مەسلىنى چۈشىنەلمەي قايتا سورىغىدەك بولساق ئۇقۇتقۇچىمىز دەرھال شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىنى تور دىن ئىزدەپ تىپىپ بىزگە چۈشەندۈرۈدۇ، دەرىسنى بەك جانلىق ئۈتۈدۇ، ئەلۋەتتە بىز تۆلىگەن پۇلغا چۇشلۇق نەپكە ئېرىشەلەيمىز.
2-ئاسپىرانىتلىق مەكتىپىنى تاللاش ۋە دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتى
بۇيەردە ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك دەپ يىلدا ئىككى قىتىم ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن.ئەگەر بەلگىلىك ئېنگىلىز تىلى نەتىنجىڭىز ۋە تۈرك تىلى ئاساسىڭىز بولسا،12- ئايدائېمتىھانغا قاتنىشىپ بۇيەردىكى مەكتەپلەرگەئەتىيازلىق ئۇقۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنسىڭىز بۇلىدىكەن. ئۇندا بولمىغاندا بولسا 6-ئايدا يۇقىرىدا دەپ ئۈتكەندەك ئېمتىھانغا كىرىسىز،ئېمتىھاننىڭ ھەممىسى تاللاش، بۇيەردىكى ئېمتىھان شەكىلى ئەنە شۇنداق شەكىلدە ئىكەن. ئارزويىمىزغا ئۈچ مەكتەپنى تاللاششقا بۇلىدىكەن،مەكتەپنى ۋە كەسىپنى خۇددى ۋەتەندىكىدەكلا تاللايدىكەنمىز،بىز تاللىغان مەكتەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدىكەن. دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتى بولسا:تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارغا بەرگەن ئۇقۇش مۇكاپاتى ئىكەن،(بۇ يىلقى سان50)بۇ ساننىڭ كۈپۈنچىسىنى ئېمتىھان نەتىنجىسىگە قاراپ باكلاۋورلۇقتا ئۇقۇيدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا،قالغىنى ئاسپىراتىتلارغا ۋە ئاز بىر قىسمى دوكتورلارغا بېرىلىدىكەن،ئاسپىرانىتلارغا بولسا نەتىنجدىن سىرت دۆلەتنىڭ قارارى بۇيىچە خالىغان كەسىپكە بېرىلدىكەن.ئۇقۇش مۇكاپاتى ئالالىغان ئۇقۇغۇچىلار بولسا تاكى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئۇقۇش پۇلى، ياتاق-تاماق پۇلى ھەقسىز بولغاندىن سىرت ھەر ئايدا 450لىرا (1600يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى)پۇلغا ئېرىشىدىكە،يەنە تىخى ھەقسىز قاتناش كارتىسىمۇ بار.(مىتروبۇس،مىترو ۋە ئاپتۇبۇس ھەممىگە ئىشلەيدۇ )بۇيەردە قاتناش ھەققى سەل قېممەت ئىكەن،بىر چىقىشىمىز بىر دوللار ئەتراپىغا تۇغرا كىلىدۇ. دۆلەتلىك ئۇقۇش مۇكاپاتىدىن سىرت يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەر بىر قىسىم كەسىپلەرگەئاسپىرانىتلىققا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلاردىن ئۆز ئالدىغا ئېنگىلىز تىلىدىن ئېمتىھان ئالىدىكەن ،ئەگەر ئۈتەلىسە ئۇقۇش ،ياتاق-تاماق قاتناش كارتا ھەقسىز بولغاندىن باشقا ئايدا 1000 دوللاردىن (6400يۈەن ئەتراپىدا) مائاش بېرىپ ئۇقۇتىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم فوندى جەمىيئەتلېرى چەت-ئەللىك مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياردەم پۇللېرىنى ئاجرىتىپ تۇرىدىكەن.

2 ياتاق تاللاش

ئستانبولدا ياتاق مەسىلىسنى ھەل قىلىش بىر ئاز سەۋرىچانلىق تەلەپ قىلىدۇ ،ئۇنى تىزلىك بىلەن بىجىرىۋىلىش سەل تەسكە تۇختايدىكەن.مىنى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ دوستۇم فېردون ۋە ئىنىمىز يۈسۇپجانلار ئايرۇدۇرۇمغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتى،مەن بۇنۇڭدىن تۇلىمۇ خوش بولدۇم ھەمدە بۇيەردە ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!.... راسنى دىسەم ھازىرغىچە ئۇلار بىلەن خوشلاشقان ۋاقىتتىكى قىياپەت ھالىتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ.. گىرمانىيەدە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ ئستانبولغا چۈشتۇق.ئىستانبولدا بىر تۇنۇش ئاكاش ماشىنىسى بىلەن ئالدىمغا چىقىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن مەن تۇلا قىينالمايلا مەنزىلگە كىلىۋالدىم.ئۇ ئاكام ئۆزى بىر دوختۇر ھەمدە بۇيەردە بىر دورىخانا ئىچىپتۇ،ئۇنىڭ قىلدىغان ئشلىرى كۆپ بولغاچ ماڭا مەن ئورۇنلاشقان ئۆيىنى تاشلاپ بېرىپ ئۆزىلىرى 60كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يەنە بىر ئۆيىگە كىتىشتى.شەنبە-يەكشەنبىنى شۇ ئۆيىدە ئۈتكۈزىدىكەن،دورىخانىسىمۇ شۇ جايدا ئىكەن. مەن ئۈچ كۈننى ئۇ ئاكامنىڭ ئۆيدە ئۈتكۈزدۈم،ئەمما دۈيشەنبە كۈنى ئۇ ئاكام ئەنقەرەگە بارىدىغان ئىش چىقىپ قالدى دىۋىدى،مېنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشۇمنىڭ سەل بىئەپ بۇلۇپ قالىدىغانلىقنى بىلىپ چاماداننى ۋاقتىنچە ساقلاپ بېرىڭ دەپ تاپىلاپ قۇيۇپ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىمەن دىگەننى بانە قىلىپ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. مەكتەپكىمۇ تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولدۇم ئەمدى كەچتە نەگە بېرىپ ياتىمەن ؟بۇ بىر مەسلە بۇلۇپ قالدى،يا مەن نەچچە كۈندىن بۇ يەردىكى تۇنۇش دوسلېرىم بىلەن ئالاقىلىشپمۇ قويماپتىمەن يا تېلىفون نۇمۇرى يوق.ئامال بولمىسا مېھمانخانىدا يىتىپ تۇراي دىگەن ئويغا كەلدىم ،كەچكىچە لاغايلاپ يۈدۈم .كەچ بولغاندا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تاماققا كىردىم، مەن تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئاشخانىدىكىلەردىن مېھمانخانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم،ئۇ ئاشخا نىدا تاماق يەۋاتقا بىر ئاچاش تېلىفون قىلىپ يۈرۈپ مىنى بىر سىنىڭ ئۈيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.ئەتىسى ئۇقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە باردىم ،بارار جايىم يوق ئۇقۇپ يۈردۈمدە.مەكتەپتىن يىنىپ يەنە كوچا ئايلاندىم كەچقۇرۇن ئاقسۇلۇق بىر قېرىندىشىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ئۇنىڭ ياتىغىدا بىر ئاخشام ئۈتتى،تەلىيىمگە ئۇ مىنىڭ بۇيەردىكى بىر دوستۇمنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى دەپ بەردى.ئەتىسى يەنى ئىستانبولغا كىلىپ 6-كۈنى بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۇم،ئۇنىڭكىدە بىر نەچچە كۈن قالدىم،ئۇندىن كىيىن يەنە ئىككى دوستۇمنىڭكىدە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇردۇم. ياتىدىغان جاينىڭ تىخى يوق ئىكەنلىگىنى مەكتەپتىكى مۇ ئەللىمگە ئېيتساق ئۇچاخچاق قاتارىدا كۈلۈپ تۇرۇپ:«ياتىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئاستىمۇ قالماپتىما؟»دەپ جاۋاپ بېرىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن ئۇقۇغۇچىلىق بەلگىسىنى چىقىرىپ بېرىشنى سورىدۇق،پەقەت شۇ ئۇقۇغۇچىلق بەلگىسى بولسىلا ئاندىن دۆلەت ياتاقلېرىغا ئىلتىماس سۇنالايدىكەنمىز،11-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت ياتىقىغا ئىلتىماس سوندۇق،10-چىيىسلا نەتىجىسى چىقتى.11-چىيىسلا ياتاق رەسمىيىتىنى بىجىرىپ 12-چىيىسلادىن باشلاپ رەسمىي دۆلەت ياتىغىغا ئورۇنلاشىپ دۆلەت ياتىغىدا يىتىۋاتىمەن.

ياتاق مەسلىسىنىڭ بۇنداق تەس بۇلۇپ كىتىشىدىكى سەۋەپ بۇيىل بىز بەك كىچىكىپ كەلگەچكە يىقىن ئەتراپتىكى جامائەت ئۆيلېرى ئۇقۇغۇچى بىلەن تۇشۇپ كىتىپ قاپتۇ،بىر قەدەر يىراقتىكىلېرىدە ئورۇن بارئىكەن ئەمما ئىككى-ئۈچ سائەت ماشنىدا ئولتۇرۇپ كىلىشكە تۇغرا كىلىدىكەن،مەن دەسلەپ يىراق بولسىمۇ شۇ يەگە ئورۇنلىشاي دىگەن،لىكىن بىر نەچچە ۋاق يىتىپلا يىنىپ چىقسام تەسىرى ياخشى بولماي قالىدىكەن.شۇ سەۋەپ 15كۈن ئەتراپىدا سىرتلاردا ئۆزەمگە تەۋە بىر ئورۇننى تاپالماي ئۇيەر-بۇيەرلەردە سەرسان بۇلۇپ يۈرۈپ كەتتىم.

ياتاق تاللاشتا ئۈچ خىل ئۇسول باركەن:1) جامائەت ياتىغى 2) دۆلەت ياتىغى 3)ئىجارە ئىلىش
جامائەت ئۆيى:دىگەندە مۇشۇ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەياكى باشقا دۆلەتلەردىكى ھاجىملار،سودىگەرلەر،ئشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئاللاھ»رىزاسى ئۈچۈن ئۆزىلېرىنىڭ بىر قىسىم مەبلىغىنى ھۇشۇر-زاكات قاتارىدا مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاجرىتىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق-تاماق مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىكەن.ئۇلاربىزدىن ناماز ئۇقۇپ كۈندە بىر سائەت ئەتراپىدا دىن بىلىملېرى ئۈگۈنۈشىمىزنىلا تەلەپ قىلىدىكەن،دىن دەرىسىنى مەخسوس «دىن »ئۇقۇتقۇچىسى ئۈتىدىكەن.بىر قىسىم جامائەت ئۆيلېرى بولسا ھەپتىدە ئۈچ-تۆت سائەتلا تەلەپ قىلىدىكەن.جامائەت ئۆيلېرىمۇ بىر-بىرىگە ئۇخشىمايدىكەن،كۆپىنچىسى بولسا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.5-6ئادەمنى بىر يۈرۈش ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرلۇپ،ئۇلارغا لازىملىق ھەممە نەرسىنى ئىلىپ بېرىدىكەن،ئۇقۇغۇچىلار ئۆزى خالىغانچە تاماق ئىتىپ يەيدىكەن.يەنە ھەر تەتىلدەساياھەت قاتارى باشقا شەھەرلەرگە بىر قىتىملىق ھەپتىلىك دىننىي يىغىلىشقا ئاپرىدىكەن،ئەمما ئۇ بىر ھەپتىدە سىزنى پادىشاھنى كۈتكەندەك كۈتىدىكەن.بىر قىسىملېرىنىڭ شارائىتى ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا كىبى ئسىلدە!.يەنە بىر قىسىم جامائەت ئۆيلېرى بولسا ئايدا 150 لىرا ئەتراپىدا پۇل ئالىمىز دەيدىكەن ،لىكىن بالىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئۇخشايدۇ ، ئاڭلىسام بىر قىسىم بالىلار بىرەر يىلدىن ئىشىپتۇ پۇل تاپشۇرۇپ باقماپتۇ.ئەگەر ئىلىپ قالسا كىيىن قايتۇرۇپ بېرىدىكەن،شۇنداق قىلىپ جامائەت ئۆيىدە ياتقانلارنىڭ ياتاق-تامىغى ھەقسىز بولدى دىگەن گەپ.(ئاللاھ شۇ كىشىلەردىن رازى بولسۇن)
2)دۆلەت ياتىغى
تۈركىيەدە ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىگە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىكەن،ھەممىسى مەكتەپ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدىكەن،ھەمدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياتاق تاللاش ئەركىنلىگى بۇلىدىكەن.بىر دۆلەت يۇرتىدا(ياتىغىدا) ھەر قايسى مەكتەپلەردىن ھەر خىل ئۇقۇش سىتازىغا ئىگە بولغان (باكلاۋور،ئاسپىرانت،دوكتور)ئۇقۇغۇچىلار ئارلاش ھالەتتە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن،مەسلەن بىزنىڭ ياتاق ئالتى كىشلىك ئەمما دوكتورلۇقتا ئۇقۇۋاتقان بىر ئېرانلىق،ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇۋاتقان بىر ئېراقلىق،يەنەبىر باكلاۋورلۇكتا ئۇقۇۋاتقان تۇركىيەلىك تۆتىمىز بار.تۇركىيەلىك بولسا ئايدا بىر نەچچە قىتىم كىلىپلا يوقاپ كىتىدۇ،يەنە ئىككى ئورۇننىڭ ئىگىسى بارئىكەن لىكىن تا ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم،ئاساسەن بىز ئۈچىمىزلا،ئاڭلىسام كۆپۈنچىسى ياتاققا تىزىملىتىپ قۇيۇپ ياتمايدىكەن. مەن شۇ دۆلەت ياتىغىدا يىتىۋاتىمەن.ئايدا100 لىرا دىن تاپشۇرۇمىز .ياتاقتا ياتىمىز،كۈندە5لىرالىق تاماق بېرىدۇ.{ (1لىرا=3.6خەلق پۇلى ئەتراپىدا)ئەتىگەن 1.75لىرالىق كەشتە3.25 لىرالىق تاماق بېرىدۇ،ئاساسەن تويىمىز. ئەگەر ئاشۇرىۋەتسەك يېنىمىزدىن چىقىرىپ ئارتۇغىنى تۆلەيمىز.}ياتاق ئاشخاناسىدا ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئىككىگىچە يەيدىغان نەرسە بار.دىمەك بىز100 لىرا تاپشۇرساق بىزگە 150لىرا قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ،يەنە تىخى يىڭى كىرگەندە يوتقان،ياستۇق، كىرلىك ھەممىنى ھەقسىز بېرىدۇ. يوتقان ياستۇق كىرلىكلېرىمىزنى ھەقسىز يۇيۇپ بېرىدىغان ۋە ياتاقلارنى تازلاپ بېرىدىغان كىشى ئورۇنلاشۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا ياتاق شارائىتلىرىدىن:توك پۇلى تۆلىمەيمىز، ھەر بىر قەۋەتتە ئايرىم-ئايرىم مونچىخانا بار24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەكلىك يەنە تىخى يۈز يۇيدىغان سۈيىمىزمۇ ئىسسىق. يەر ئاستى قەۋىتى بولسا مەسجىد ،مەسجىدتە نۇرغۇن دىننىي كىتاپلارپايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن قۇيۇلغان ئىكەن،مىنى خوش قىلغىنى ئۇيغۇرچە كىتاپلارمۇ كۆپ تۇرىدۇ.نۆلىنچى قەۋەتتە (يەنى بىزنىڭ ئادەتتىكى بىرىنچى قەۋەت )دەرىس تەكرار قىلىدىغان چوڭ ئىككى سىنىپ بار ، ئۇ سىنىپلار ھەر ۋاقىت ئۇچۇق تۇرىدۇ،1-4كىچە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياتىغى ئورۇنلاشتۇرۇ لغان. بىزنىڭ بىنادىكى شۇ نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىن پەقەت بەشلا بالا بار،بەشىمىز ئۈچ مەكتەپتىن،بىز بىر بىنادا تۇرۇپ بەزىلېرىمىز ھەپتە –ئون كۈنلەرگىچە بەزىدە ئۇنۇڭدىنمۇ ئۇزۇنغىچە كۆرۈشەلمەي يۈرىمىز.چۈنكى ھەممىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشى بار،ئالدىراشلا يۈرۈيدىغان گەپ.

مەكتەپ ئاشخانىسىدا چۈشتە1لىراغا كەچتە 1.25لىراغا تويغۇچە تاماق بېرىدۇ،ھەر قىتىمدا قورغان سەي،گۆش،شورپا يەنە بىر نەچچە خىل يېمەك بۇلۇپ تۆت-بەش خىل يىمەك بەزىدە مىېۋە-چىۋىلەرنى قىتىپ بېرىدۇ،ئەگەر تويماي قالساق يەنە ئۇسۇپ بېرىدۇ.(مەكتەپ ۋە ياتاقنىڭ ئاشخانىسى ئايرىم-ئايرىمدۇر) ئەگەر سرىتتا يىسەك 6-7 لىرا كىتىدۇ، ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتىلا ئەزان تاماق بىلەن تەمىنلەيدىكەن ،باشقىلارنى تىخى بىلمىدىم. ئەمدى شۇنداق قىلىپ دۆلەت ياتىغىدا ياتقانلارنىڭ كۈندىلىك ياتاق-تاماق چىقىمى ئەڭ ئاز دىگەندە4 لىراغا ئۈچ ۋاق تاماق ۋە ياتاق (5.25 لىراغا تۆت ۋاق تاماق ۋە ياتاق) ھەل بۇلىدۇ.بىزنىڭ پۇلغا سىندۇرغاندا كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندا15يۈەنگە ياتاق-تاماق ھەل بولدى دىگەن گەپ،ئايلىق ياتاق-تاماق چىقىمى 5-6 يۈز ئەتراپىدا بۇلىدىكەن.دىمەك بۇ ئەڭ ئاز ئۆلچەم ئەگەر پۇلۇڭىز بولسا سىرتتا يىسىڭىز بۇلىدۇ،ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى مەن بىكىتىپ بېرەلمەيمەن.ئىستانبولدا ئوننەچچە ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىكەن،خالىغانچە يىسىڭىز بۇلدۇ.بىزمۇ نەچچە كۈندە بىر بېرىپ ئۇيغۇرچە تاماق يەپ تۇرىمىز، لەغمەن 5لىرا شۇ بېيجىڭدىكىدىن سەل قېممەترەك. سومىيەن،مانتا پولو. ...ھەممە بار.
3)ئىجارە ئۆي:بۇنىڭدا ئۆز يېنىڭىزدىن چىقىرىپ 400-500 لىرا ئەتراپىغا 70-80 كىۋادىراتمېتىر ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى ئايلىق ئىجارىگە ئالىسىز.توك ،سۇۋە گاز پۇللېرى بۇنىڭ سىرتىدا ئۆزىڭىز تۆلەيسىز،بۇنىڭدا ھىچقانداق ياردەم يوق.


:تۈركىيەدىكى تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ۋە ئۆزەمنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىراتىم
ئاۋۋال ئالدىنقى يازمامغا سەل تولۇقلىما بېرىپ ئۆتەي،يەنى ئەگەر سىز ئەتىيازلىق ئوقۇشقا كىرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستىلا ئىنگلىزتىلى نەتىجىسى ئارقىلىق مەكتەپ ئىلتىماس قىلالايسىز،تۈرك تىلىنى تەلەپ قىلمايدىكەن،دەرىسنى بولسا ساپ ئىنگلىز تىلىدا ئاڭلايسىز.
بۇ يىل بۇ يەرگە چىقىپ ئوقۇش ئىشى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى. تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغاندا بولسا ،بىزدىن«بۇ يەردىكى بىر يىللىق چىقىمىمىزنى ئۆزىمىز كۆتىرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا كاپالەتنامە يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، كېيىنكى يىللىرى بولسا ھەقسىز دەپ ئاڭلىغان.»بۇ يەرگە كېلىپ ئاندىن ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سانى چەكلىك ئېكەنلىكىنى بىلدۇق.بىر قىسىم بالىلار ئەگەر مۇكاپات ئالالماي قالساق ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيدىكەنمىز دەپ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشتى.دىمىسىمۇ شۇنداق، ئەگەر مۇكاپات ئالالمىسا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالىدىغان گەپ. ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئالالماي قالساق ،بىردىنبىر يول سىرتتىن ئىش ئىزلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ،قاچانغىچە ئۆيدىكىلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يۈرىۋېرىمىز، بۇنىڭغىمۇ كۆڭۈل ئۇنىمايدىكەن زادى.بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش ۋە ئوقۇشىمىزنى قامداش قەتئىي ئىرادە ۋە جاپاغا چىداش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ،خىزمەت بولسا ئاساسلىقى تەرجىمانلىق قىلىش ۋە ساياھەت يىتەكچىلىكى قىلىش. تەرجىمانلىق قىلىشتا كۈنىگە 100-150دوللار ئەتراپىدا ھەق ئالالايدىكەن، ئالاھىدە ياخشى بولسا 200دوللار ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ نىمىدىگەن ئوبدان پۇل -ھە!.. ھازىرچە بىزنىڭ خەنزۇ تىلىنى بىلىشىمىز بىزگە زور پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن 5- 10يىلغىچە بۇمۇ تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ، چۈنكى تۈركلەر ۋە خەنزۇلارمۇ ئۆزئارا بىر -بىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، كىمنىڭمۇ پايدىنى بىكاردىنلا باشقىلارغا بەرگۈسى كېلىدۇ دەيسىز. ئوقۇش پۇلىمۇ بەك قىممەت ئەمەس، شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردىن پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن. (يىلىغا 1000لىرايەنى 3300يۈەن ئەتراپىدا تۆلەيدىكەنمىز ، كەسىپلەرنىڭمۇ ئۆز-ئارا پەرىقلىق بولىدۇ.)
تۈركىيەگە 90-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغىلى چىقىپ پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ ئوقۇشنى تاشلىۋېتىپتۇ، ھازىرغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىرى 50كىمۇ يەتمەيدىكەن.كۆپىنچىسى بولسا ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرگە ۋەياكى ئامېرىكا ،كانادا تەرەپلەرگە چىقىپ كېتىپتۇ. لېكىن يېقىننىڭ ياقى يۈزلىنىش ياخشىكەن ،ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ%90تى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىدىكەن.خىزمەت ساياھەت پەسىللىرىدە كۆپىيىپ قالىدۇ، ئەمما قىشتا سەل بوش. مىسالەن مەن بىر قانچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى يېزىپ ئۆتەي:05قاراردىكى ئالپلىرىمىزدىن بولغان ئابدۇجاپپار مۇ تەرجىمانلىق قىلىدۇ.(بۇ يەرگە كەلگىلى ئۈچىنچى يىلى ،6-ئايدا ئوقۇشى پۈتىدۇ)تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئىككى دوستۇم بۇ يەردە شىركەتتە ئىشلەيدۇ. بىرىنىڭ ئايلىق مۇقىم مائاشى 1200دوللار، (ئوتتۇرھال سەۋىيىدىكىلەرنىڭ مائاشى) ھەپتىدە بەش كۈن. (يېرىم كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن ئوقۇيدۇ) بۇ يەردە ئوقۇش بەكمۇ زىچ ئەمەس،ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش جەريانىدىكى ئىككى يىلدا 20-30غىچە نۇمۇر ئېلىش تەلەپ قىلىدىكەن. (كەسىپلەرنىڭ ئوخشىمايدۇ) ئەگەر نورمال ئىشلىيەلىسە تۆت ئايلىق مائاشىنىڭ 5000دوللار ئەتراپىدىكىنى سەرپ قىلسا بىر يىللىق ئۇمومىي چىقىمى تامام ھەل بولىدۇ، قالغان سەككىز ئايلىقنىڭ ئۆزىڭىزگە قالىدۇ دىگەن گەپ. يەنە بىر دوستۇمنىڭكىنى سورىماپتىمەن. بىزنىڭ ياتاق بىناسىدىكى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قېرىندىشىمىز بولسا ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، بۇرسۇ، ئالتانيا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ. (بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلىش نىمىدىگەن ياخشى-ھە!) ئۇ ھازىر ماقالە يېزىش باسقۇچىدا ئىكەنتۇق،لېكىن بىر يىل كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى قارار قىلىپ يۈرۈپتۇ،مەكتەپلەر بىر يىل كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا يول قويىدۇ. مەن ئاڭلىغانلىرىمدىن ئەڭ نوچىلىرىدىن بىرى بولسا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭدا ئىنگېلىز تىل كۇرسىدا بىر قانچە يىل دەرىس ئۈتۈپتىكەن، ئايلىق مائاشى 10000يۈەن خەلق پۇلى ئىكەنتۇق. بۇيەردە بولسا ئايدا بەش-ئالتە مىڭ دوللار، بەلەن بولۇپ قالسا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئۇتېخى:«بۇرۇن شۇ ئازراق پۇلغا ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن» دەيدۇ، لىكىن بىر ئۈمۈر ئىشلەپمۇ ئايلىقىغا 5000يۇەن ئالالماي يۈرگەنلەر كۈرمىڭغۇ بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى.
باشقىلارغا ئىشلەش ئاسانغا چۈشمەيدۇ، خىزمەتنىڭ كەينىدە نىمە ئىشلار بار ئۇنى سىز بىز بىلىپ بولمايمىز، پەردە ئارقىسىدا قانداق قىيىنچىلىقلار بار بىزگە نامەلۇم. ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاپادا شۇ ئەمگەك مېۋىلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقى ئەلۋەتتە نۇرغۇن بەدەلنىڭ مەسئولىدۇر، بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھامان يەنە بىرىدىن ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ. ئىككى كۈن ئىشلەپ چىدىماي كەتسىڭىز ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز ئەلۋەتتە، شۇ ڭا سىزدە ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقتىن باشقا مۇستەھكەم ئىرادە ۋە چىدام غەيرەت بولىشى كېرەك. ئىشلەش جەريانىدا بولسا گاھ ئاچ قالسا گاھ توق يۈرۈدىغان، شېرىن ئۇيقۇلىرىدىن ۋاز كىچىدىغان، گاھ قار-يامغۇرغا ئۇچرىسا گاھ مۆلدۈر-شېۋىرغانغا يولۇقۇپ قالىدىغان گەپ. تۇرمۇش يولى داغدام ئەمەسكەن،بىر دوللار نى تاپماقمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ دوستلار. مانا مىنىڭدەك يېڭى چىققانلار بولسا يېنىدىكىنى خەجلەپ بىكار يەپلا يۈرىدىكەنمىز، قولىمىزدىن باشقا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا چىداپ بۇلالماي دوللار سودىسىنى باشلاپ قويدۇق، ئىنشا ئاللاھ، ھازىرچە ئەڭ بولمىغاندا ئايلىق چىقىمىمىزنى كۆتۈرىدىغاندەك تۇرىدۇ. مېنىڭ ئالپلار ماكانىدىكى كەڭ ئالپلىرىمىزغا تەكلىپىم: «كىلەچەك قەيەردە بولۇشنى ئويلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، مەيلى قەيەردە بولماڭ ،ھازىر سىز ئاۋۋال كەسپى دەرسلىرىڭىزنى ئېلىپ مېڭىش بىلەن بىرگە، قىزىقىدىغان بىرەر تىلنى پۇختا ئىگەللىۋىلىڭ. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ۋەياكى بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالسىڭىز ھامان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. بىر كۈنلەردە ھامان ئەسقېتىپ قالىدۇ.»
بېيجىڭدا ۋاقتىمدا ئۆيگە تېلېفون قىلسام ياكى تەتىلدە ئۆيگە قايىتقان ۋاقىتلاردا (ھەتتا ھېلىمۇ شۇنداق ) دادامنىڭ ماڭا بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنى: «سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل، سالامەت بولساڭلا ھەممە ئىشنى قىلالايسەن. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ كىيىنىشكە، يىمەك- ئىچمەككە دىققەت قىل.» دەپ بولۇپ ئارقىدىنلا: «ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگەن ،تىل دىگەن بىر بايلىق ئۇنى ئۆگىنىۋالساڭ ھېچكىم سېنىڭدىن تارتىپ ئالالمايدۇ. سېنىڭ بىر نىشانىڭ بولىشى كېرەك، نىشانسىز، مەقسەتسز يۈرۈپ كەتسەڭ قايمۇقۇپ قالىسەن. پاختەك چېغىدا بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئۇچۇشتا نىشان بەلگىلىۋىلىپ ئاندىن ئۇچىدۇ. سەن بولساڭ بىر ئىنسان، ئادەمسەن شۇڭا سەندە بىر غايە ئارزۇ-ئارمان بولىشى كېرەك! تىتىك ،جانلىق بول، بولمىسا كەلگۈسىدىكى رىقابەتتە شاللىنىپ قالىسەن، ئۇ چاغ سەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەي قالىسەن بالام، ھايات ھەقىقەتەن رەھىمسىزدۇر. بىزنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنىمىز
سېنى بەخىتلىك ياشىسۇن دىگەندىنلا ئىبارەتتۇر.سېنىڭدىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلىپمۇ كەتمەيمىز.» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇرۇن دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە «ھە ماقۇل، سىز خاتىرجەم بولۇڭ. مەن دىققەت قىلىمەن ،ياخشى ئوقۇيمەن دەپلا قوياتتىم.» ھازىر ئەمدىلەتىدىن ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەن ئوخشايمەن، ھېلىمۇ كىچىكىپ قالمىدىم، ئىنشا ئاللاھ ،بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈم ۋە ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن، ئاندىن قالسا مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپەمنى قۇشۇشقا كۈچ چىقىرىمەن ، قانچىلىك قىلالىسام شۇ ھېساپ. قۇياشتەك پارلاپ نۇر چىقىرالمىساممۇ شامدەك نۇر چىقىرالىسام شۇنىسى ماڭا زور تۆھپىدۇر.(دادام ئەينى چاغلاردىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىندۇر، 25يىل خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان. بۇ يەردە دادامغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن)

داۋامى بار....

_________________
ilxatérem
Choqqigha qaytish Go down
http://www.uni-ulm.de/~bkuerban/
 
تۈركىيەدە ئوقۇش
Aldinqi Téma Kéyinki Téma Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Uyghur Oqughuchilar Munbiri :: Yawrupagha seper-
Buninggha ötüsh: